كوللېكتىپقا تەۋە ئىشلاردا كېڭەش قىلىش ئاساسلىق پىرىنسىپ
كېڭەش قىلىش ياكى مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىش ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپىدۇر.
ئائىلە ھاياتىدا، دەۋەت ھاياتىدا، تەشكىلات ھاياتىدا ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدە بۇ پىرىنسىپنى تەتبىقلاش پەرزدۇر.
كوللېكتىپقا تەۋە ئىشلارنى كېڭەش ياكى مەسلىھەت بىلەن قىلىش ئىختىيارى ئىش ئەمەس، بەلكى ھەر ساھەدە تەتبىقلاشقا تېگىشلىك ئاساسلىق ئىسلامىي پىرىنسىپتۇر.
كوللېكتىپقا تەۋە ئىشلار كېڭەش ياكى مەسلىھەت بىلەن قىلىنسا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
ئەمما كېڭەش ئېتىبارغا ئېلىنمىسا ياكى كېڭەش قىلىنمىسا، پىكرى مۇستەبىتلىككە ۋە مېنىڭلا راست دەيدىغان مەنمەنچىلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
ئىسلامىي ئېقىمدىكىلەر ۋە ئىسلام ھەرىكەتلەرنىڭ مەنسۇبلىرى ئىسلامىي ئېقىمنىڭ، ياكى ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭ، ياكى ۋەتەن- مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شەخسى مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى ۋە مۇئەسسەسەلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىش لازىم.
چۈنكى كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتى شەخسى مەنپەئەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ۋەتەن- مىللەتنىڭ مەنپەئەتى تەشكىلات مەنپەئەتىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.