مەسچىت بىلەن ھايات ئىبادىتىنى بىرلەشتۈرۈش غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسىي
مەدەنىيەت كارۋىنىنىڭ ئالدىدا مېڭىش ۋە باشقىلارغا ھەق يولنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن مەسچىتنىڭ مېھرابىدىكى ئىبادەت بىلەن ھايات مېھرابىدىكى ھۆرلۈك، ئادالەت، باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، خاتىرجەملىك، ئىززەت- ھۆرمەت، بىلىم-مەرىپەتلىك بولۇش، پۇختا ئىش قىلىش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، سانائەت بەرپا قىلىش ۋە كىملىكىنى قوغداشقا ئوخشاش تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىش لازىم.
مەسچىتنىڭ مېھرابىدىكى ئىبادەت بىلەن ھايات مېھرابىدىكى ئىبادەت ئايرىلىپ كېتىپ قالسا، مەدەنىيەتنىڭ ئارقىدا قالىمىز، ساۋاتسىزلىق ئەۋج ئالىدۇ، مۇستەملىكىگە يول ئېچىلىدۇ، مۇستەبىتلىك كۈچىيىدۇ، ئىجتىمائىي ئادالەت ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ساختىلىق كۆپىيىپ كېتىدۇ ۋە تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەر بىكار بولۇپ كېتىدۇ.
ئۇ چاغدا دەۋرگە ماسلىشىپ مېڭىش ئۈچۈن كىملىكنى يوقىتىپ يا باشقىلارغا تەۋە بولۇپ ئېرىپ تۈگەيدىغان گەپ، يا دەۋرنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلانمايدىغان قاتماللىق ۋە قالاقلىققا چۈشۈپ قالىدىغان گەپ. نەتىجە ۋە ۋەزىيەت كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى دىنىمىزنى قۇرئان-سۈننەت كۆرسەتمىسى بويىچە ساغلام چۈشەنمەسلىك، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلماسلىق، دىنىمىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى بىلمەسلىك، دىنىمىزنى تار رامكىغا كىرگۈزۈپ قويۇش ۋە ئىدىيەنىڭ ساغلام بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي