تاجاۋۇزچىلار ھەقىقىي رەڭگىنى كۆرسەتمەيدۇ
مۇستەملىكىنىڭ ھەرقانداق شارائىت بىلەن ماسلىشالايدىغانلىقى تەجرىبە ئارقىلىق ئېنىق ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. مۇستەملىكە بەزىدە، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە كۈتۈلمىگەن ۋە بىز بولساق ئۇلار شۇنداقمۇ قىلارمۇ دەپ ئويلاپ قالغان بەزى ئۇسۇللارنى قوللىنىۋېرىدۇ.
بىراق، مۇستەملىكىنىڭ ھەقىقىتى ئۇشتۇمتۇت ئوتتۇرىدا ئاشكارىلىنىپ قالغاندا ھاڭ – تاڭ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. تاجاۋۇزچى كۈچلىرى دائىم دېگۈدەك مەھكۇم مىللەتلەرگە ھەرتەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن پىكىر (ئىدىيە) توقۇنۇشىدا يېڭى دەرۋازىلارنى ئېچىپ تۇرىدۇ. بىز زىيان كەلمەس دەپ ئويلاپ قالىدىغان يېڭى ئۇسۇللارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ھۇجۇمنى توسۇشقا تەييارلىقىمىز بولمىغان تەرەپلەردىن ھۇجۇم كېلىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ ئىدىيە توقۇنۇشىنىڭ ھەقىقىتىدۇر.
(جەمئىيەتشۇناس مۇتەپەككۇر مالىك نەبىنىڭ پىكىرلىرىدىن ئۈزۈندە)
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي