نادانلار سۈكۈت قىلغان بولسا، تالاش-تارتىش ئازايغان بولاتتى
مۇتەپەككۇر ئابدۇلھېمىت بادىس «ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدىكى سىياسەت تەپەككۇر قىلىش، ئەمەل قىلىش ۋە قۇربان بېرىشتۇر، چۈنكى ئىسلامدا ئەقىدە بىلەن سىياسەت، ئىلىم – مەرىپەت بىلەن سىياسەت ئايرىلمايدۇ، سىياسەت جانلانمىسا، ئىلىم – مەرىپەت ۋە دىنمۇ گۈللەنمەيدۇ» دېگەن ئىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، رېئال ھاياتىمىزغا قارايدىغان بولساق:
1. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بەزىلەر سىكۇلارىزىمنىڭ ئىدىيەلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئىسلام بىلەن سىياسەتنى بىر- بىرىگە زىت قارىماقتا ۋە شۇ قاراشقا ئاساسەن مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنماقتا.
2. بەزىلەر ئىسلامنىڭ ۋەھىيسى ۋە مەرىپەت مەنبەسى بولغان قۇرئان بىلەن سۈننەتنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ، قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىش باھانىسى ئاستىدا مىللەتنى ئازغۇن يولغا دەۋەت قىلماقتا.
3. بەزىلەر ئىلىم – مەرىپەت ھاسىل قىلماي ۋە ئاڭنى ئاشۇرماي تۇرۇپ، سىياسەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش نەتىجىسىدە پارچىلىنىش ۋە بۆلۈنۈش پەيدا قىلماقتا.
4. بەزىلەر شۆھرەت قوغلىشىپ تايىنى يوق ئىشلارنى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا كۆتۈرۈپ چىقىپ ئورۇنسىز تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولماقتا ۋە مىللەت ئەقلىنى سىياسىي كۈرەش پىرىنسىپلىرىدىن مەشغۇل قىلماقتا.
5. بەزىلەر نادانلىقى ۋە ئاڭسىزلىقىغا قارىماي، سەپنىڭ ئالدىغا چىقىۋالماقتا، ئۆزىنى مۇتەپەككۇر ۋە لىدىر سانىماقتا.
6. بەزىلەر شەخسىي مەنپەئەتلىرى سەۋەبلىك تەشكىلاتنىڭ سانىنى كۆپەيتمەكتە.
7. بەزىلەر ئىسلامدىكى پايدا – زىيان ئۇقۇمىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن شەخسىي مەنپەئەتنى تەشكىلى ھەرىكەت مەنپەئەتىنىڭ ئالدىغا، تەشكىلى ھەرىكەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت مەنپەئەتنىڭ ئالدىغا قويۇۋېلىپ كۈرەش روھىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە.
8. بەزىلەر ۋائىزلىقىغا قارىماي، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى تەھلىل قىلماستىن ھەممە ساھەگە ئارىلىشىپ، ئىسلام دەۋىتىگە ۋە ئۆلىمالىق شەرىپىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەكتە.
9. بەزىلەر ئۆلىمالىق سۈپىتىگە يارىشا جاسارەت، ئادالەت ۋە يىراقنى كۆرۈش چۈشەنچىسىگە قارىتا، جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر ئىللەتلەرگە، ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرى بۇيىچە كۆرسەتمە ياكى پىكىر بايان قىلماي پاسسىپلىق قىلىپ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالماقتا.
10. بەزىلەر ئۆزىنىڭ كۆپكە ماھىر، ھەرقانداق ساھەدىن قالمايدىغان قالتىس بىلىملىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۆلىمالىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
11. بەزىلەر ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانماي، ئايرىم سورۇندا ياكى مەھكىمىدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئىجتىمائىي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا كۆتۈرۈپ چىقىپ، قېرىنداشلار ياكى تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ بۇزۇلۇشىغا ۋە ئىچكى سەپنىڭ بۆلۈنۈشىگە شارائىت ياراتماقتا.
12. بەزىلەر سىياسىي كۈرەشنى قاراقچىلىق/ مافىيا ئۇقۇمىغا ئايلاندۇرۇپ ئىدىيەسى ئوخشىمىسىمۇ بەزى تەشكىلاتلارنى تارتىپ ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئىچكى سەپنى تېخىمۇ بۆلۈشكە ۋە پارچىلاشقا ئۇرۇنماقتا.
13. بەزىلەر شەخسىي خۇسۇمەت سەۋەبلىك، ياكى تۇتقان يولىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك، ياكى بىر كىشىنىڭ شەخسىي خاتالىقى سەۋەبلىك قېرىنداش تەشكىلى ھەرىكەتنىڭ پارچىلىنىشىغا ياكى بۆلۈنۈشىگە كۈچ چىقارماقتا.
14. بەزىلەر بىر ئۆلىما شەخسى سۈپىتىدە خاتالاشقان بولسا پۈتۈن ئۆلىمالارنى قارىلايدىغان، بىر زىيالىي خاتالاشسا ھەممە زىيالىيلارنى قارىلايدىغان، بىر مۇسۇلمان خاتالاشسا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى قارىلايدىغان دۈشمەننىڭ ئەخلاقسىز ئۇسۇلىنى قوللانماقتا.
15. بەزىلەر ھەددىدىن ئېشىپ، ئىسلام ئەخلاقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، كۆزقارىشى بىريەردىن چىقمىغان كىشىلەرنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىغا تىل تەگكۈزمەكتە، تەنقىد بىلەن تۆھمەتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەكتە ھەمدە قارىقويۇق قارا چاپلاپ ھۆكۈم چىقارماقتا.
16. بەزىلەر ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغان تۇرۇقلۇق، باشقىلارغا ئىسلام پىرىنسىپلىرى ھەققىدە تەلىم بەرمەكتە ۋە ۋائىزلىق قىلىشقا سورۇن ھازىرلىماقتا ھەمدە مىللەتنى قايمۇقتۇرماقتا.
17. ئىسلام ئىدىيەسىنى تولۇق چۈشەنمىگەن بەزىلەر ئىسلامنى خىرىستىيان دىنىغا قىياس قىلىپ، ئىسلامنى غەرب دۇنياسىغا ئوخشاش مەسچىتكە يىغىنچاقلاپ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
18. بىر قىسىم جاھىللار ئاڭسىزلىقىدىن تور دۇنياسىدىكى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان مۇناپىقلارغا قوشۇلۇپ ياكى ئۇلارنى قوللاپ، بىلىپ بىلمەي ھەممە ئىشقا ئارىلىشىپ، دۈشمەننى تاشلاپ قويۇپ، قېرىنداشلارنى ئىچكى جېدەل -ماجىرا بىلەن ئاۋارە قىلماقتا ۋە سىياسىي كۈرەش يولىنى بۇرۇۋەتمەكتە ھەمدە مىللەتنى سىياسىي مۇجادىلىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە.
دېمەك، نادانلار ياكى ئۆز ئەھلى بولمىغانلار بىر ئاز ئىنساب قىلىپ، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىشلارغا ئارىلىشىۋالمىغان بولسا، ياكى ئاقساقاللىق قىلماي ئۆزىنىڭ ھەددىنى بىلگەن بولسا ھەمدە غەيۋەتچىلەر ۋە سۇخەنچىلەر ئىسلام ئەخلاقىغا رىئايە قىلغان بولسا، ئورۇنسىز تالاش – تارتىشلار ئازايغان بولاتتى ھەمدە سىياسىي كۈرەشلەر ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭغان بولاتتى.
شۇنىڭدەك ھەر ساھەدىكى ئۆلىمالار، ئالىملار، بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، تەجرىبىلىك ۋە كەسپىي شەخسىلەر ئۆز ساھەسى بۇيىچە مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىگە ۋە قىممەت قاراشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسىي پىرىنسىپلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ھەرىكەت قىلغان بولسا، ئۆتكۈر ۋە ئىلغار پىكىرلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا بايان قىلغان بولسا، ئەھۋالىمىز چېچىلاڭغۇ بولمايتتى، ئىدىيە توقۇنۇشى شەكىللەنمەيتتى، گۇرۇھۋازلىق پەيدا بولمايتتى، بەلكى ھەمكارلىق ۋە يېقىنلىشىشقا شارائىت ھازىرلانغان بولاتتى. تېخىمۇ توغرىسى ئېنىق سىياسىي كۈرەش خەرىتىسى شەكىللەنگەن بولاتتى. ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت يولىدىكى كۈرەش ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن بولاتتى. قېرىنداشلارغا قارىتا ئۈمىدۋارلىق روھىي پەيدا بولغان بولاتتى، سىياسىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ئاز بولسىمۇ جانلىق قەدەم بىلەن ئالغا باسقان بولاتتى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.