ئاچارچىلىق ۋە قورقۇنچ سېلىش مۇستەملىكە قىلىشنىڭ ۋاسىتىلىرى
يېمەك-ئىچمەك ۋە خاتىرجەملىك ھەرقانداق جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ۋە مەدەنىيەت يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ بار يەردە خاتىرجەملىك بولمايدۇ، قورساق ئاچ بولسا ئەقىل ئىشلىمەيدۇ.
دېمەك، ئاچارچىلىق ۋە قورقۇنچ سېلىش مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىر مىللەتنى باش ئەگدۈرۈشتىكى، ياكى ئىززەت- ھۆرمەت ئىرادىسىنى يوقىتىپ تاشلاشتىكى ئەڭ خەتەرلىك قورالى ھېسابلىنىدۇ.
مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالغان مىللەت ئاچارچىلىق ۋە قورقۇنچقا دۇچ كېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئىنسانىي ھۆرمەت ئىرادىسىنىڭ سۇندۇرۇلۇشىغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ۋەزىيەت جەمئىيەتتىكى ھەربىر كىشىنى ئۆزىنىلا ئويلايدىغان قىلىپ قويىدۇ ۋە كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىش روھىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ.
ئاچ قويۇش ۋە قورقۇنچ سېلىش مەھكۇم مىللەتلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرۈش ھەمدە نادانلىق، ئۈمىدسىزلىك ۋە بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. چۈنكى ئاچ ئادەم چۈشمۇ كۆرەلمەيدۇ، قورقۇنچ ئىچىدىكى ئادەم بىر نەرسە تەلەپ قىلالمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەم قارشىلىق بىلدۈرۈش روھىغا ئىگە بولالمايدۇ.
دېمەك، يېمەك- ئىچمەك ۋە خاتىرجەملىكنىڭ يوقىلىشى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىغا، جەمئىيەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە، مەدەنىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا، نادانلىقنىڭ تارقىلىشىغا، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەقىلگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن بەكرەك قورساققا كۆڭۈل بۆلۈش يۈزلىنىشىگە ئېلىپ بارىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.