ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىپ باشقىلار ھەققىدە ئويلىنىپ كېتىش
ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرىنى كاتتا ساناپ ياكى چوڭ كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرىنى تۆۋەن كۆرۈشى ياكى كەمسىتىشى كۆپلىگەن كىشىلەر دىققەت قىلمايدىغان ئېغىر ئىللەتنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.
شۇنىڭدەك ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ۋە باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، باشقىلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ كېتىشى ۋە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئەيىبلەپ كېتىشىمۇ تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىللەت ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭدەك يەنە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى ۋە ھۆرمەتلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قارىتا ئىشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا ئويلانماسلىقمۇ تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىللەتتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.