خاتالاشمايدىغان مۇكەممەل ئىنسان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھاياتىنى ئىلاھىي ۋەھىينىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئىلاھىي كۆرسەتمىنى ئىنسانىيەتكە ساغلام ۋە تولۇق يەتكۈزۈشتە خاتالاشمىغان، ئىلاھىي تەرەپتىن ھىمايە قىلىنىدىغان ۋەھىينى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى ئەمەلىي ھاياتى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن مۇكەممەل ئىنساندۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا ئىنسانلىق پەيغەمبەرلىك بىلەن، ئادەت مۆجىزىلەر بىلەن، ئىجتىھاد مەسۇملۇق بىلەن، نىسبىي مۇتلەق بىلەن، كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان دۇنيا غەيبىي دۇنيا بىلەن بىرلەشكەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئاخىرقى پەيغەمبەرلىك ۋە مەڭگۈلۈك ئىلاھىي رىسالەت ھاياتى بولغانلىقى ئۈچۈن مېۋىسى داۋاملىشىپ كەلدى ھەمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھەمىشە ئوچۇق كىتاب بولۇپ كەلدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ، ئەبەدىي شەرىئەت ئىگىسىنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارىنىڭ، دۇنياۋى رىسالەت ئىگىسىنىڭ، دىنىي دەۋەت بىلەن بىرگە دۆلەت قۇرغان ۋە مەدەنىيەت ياراتقان پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي