قۇرئان كەرىم ۋە مۇستەملىكە پىسخىكىسى
قۇرئان كەرىم سەبە دۆلىتىنىڭ مەلىكىسى بىلقىسنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ:
«پادىشاھلار ياكى ھاكىملار بىرەر يۇرتنى بېسىۋالسا، ئۇ يۇرتنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، مۆھتەرەم ئىنسانلارنى خار ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، مۇستەملىكىنىڭ قىلىدىغان ئىشى شۇنداق بولىدۇ» (نەمىل سۈرىسى، 34-ئايەت).
ھۆرلۈكنى يوقىتىپ قويۇش، ئىنسانلىقنى يىتتۈرۈپ قويۇش، ئېتىقادىغا خىلاپ نەرسىلەرنى دېيىشكە مەجبۇر بولۇش، ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلمەسلىكتىن…مۇ ئېغىر خورلۇق بارمۇ؟
ئايەت تىلغا ئالغان بۇزغۇنچىلىق ھۆر ئىنسانلارنى قۇل قىلىش، خالىغانچە بوزەك قىلىش، خورلاش، ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش، كىملىكىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئەركەكلەرنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇجۇقتۇرۇش، قىز – ئاياللارنىڭ نومۇسىغا ۋە ئىززەت شەرىپىگە تاجاۋۇز قىلىش، پەرزەنتلەرنى يېتىم قالدۇرۇش… ئارقىلىق پىسخىكىسىنى بۇزۇپ تاشلاش تاجاۋۇزچى زالىملارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلىرىدىندۇر.
زالىملار ۋە تاجاۋۇزچىلار بىرەر دۆلەتنى، ياكى يۇرتنى مۇستەملىكە قىلىۋالسا، ئۇ يۇرتنىڭ ئەقىدىسى، كىملىكى، ئەخلاقى، مەدەنىيىتى، پىسخىكىسى ۋە قىممەت قارىشىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.
مىللەتنىڭ كىملىكى، ئەقلى ۋە ۋىجدانىنى بۇزۇپ، قۇللۇق مىجەزنى يامان كۆرمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
بولۇپمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدەك ئىنسانلىق، ئادىمىيلىك ۋە ئادالەت سۈپىتىنى يوقاتقان زالىملارنىڭ بۇ خاراكتېرى تارىخى رېئال ھەقىقەتتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي