سۈننەتنى دەلىل دەپ ئېتىقاد قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
مۇسۇلمانغا نىسبەتەن سۈننەتنىڭ دەلىللىكى، دەلىل بولۇشتا قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە قۇرئان كەرىمدىن كېيىنكى ئىككىنچى قانۇن مەنبەسى دەپ ئېتىقاد قىلىشى پەرزدۇر. شۇنىڭدەك، سۈننەتنى ۋەھىي دەپ ئېتىقاد قىلىشىمۇ پەرزدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدۇق، ئاللاھ ساڭا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى» [نىسا سۈرىسى، 113 – ئايەت].
سۈننەتنىڭ دەلىللىكى ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قېلىڭلاركى، ماڭا كىتاب ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى بېرىلدى. بىلىپ قېلىڭلاركى، يېقىن كەلگۈسىدە بىرلىرى قورسىقى توق ھالدا، كارىۋىتىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: مۇشۇ قۇرئاننىلا چىڭ تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدا نېمىنى ھالال تاپساڭلار، شۇنىلا ھالال دەپ بىلىڭلار؛ ئۇنىڭدا نېمىنى ھارام تاپساڭلار، شۇنىلا ھارام دەپ بىلىڭلار، دەيدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرگە يەرلىك ئېشەكلەرنىڭ گۆشى ھالال ئەمەس، ھەرقانداق مەگەن چىشلىق يىرتقۇچنىڭ گۆشىمۇ ھالال ئەمەس» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
سۈننەتنىڭ دەلىللىكى ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىشنىڭ پەرزلىكىدە ئۈممەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بارلىق مۇجتەھىد ئۆلىمالار بىردەك قاراشتا.
بۇنىڭغا قارشى پىكىردىكىلەرگە كەلسەك، بۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنى خالىمايدىغان ئازغۇنلار، شەرقشۇناسلارنىڭ شاگىرتلىرى، ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھاياتتىن ئايرىپ تاشلاشنى نىشان قىلغان سېكۇلارىزمچىلار بولۇپ، بۇلار سۈننەتكە ئەمەل قىلماسلىققا تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ.