بالىلارنى نامازغا كۆندۈرۈشنىڭ ئەمەلىي چارىسى
بالىلار يەتتە ياشقا كىرگەنگە قەدەر ئاتا-ئانىلىرىنى نامازنىڭ ھەرىكەتلىرىدە دورايدۇ. ئاتا-ئانا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بالىلارنى كېچىك ۋاقتىدىن تارتىپ نامازغا قىزىقتۇرۇشى، ناماز ۋاقتى كەلگەندە تېلېۋىزورنى دەرھال ئۆچۈرۈپ بىرگە ناماز ئوقۇشقا چاقىرىشى، ئايرىم جايناماز ئېلىپ بېرىشى، ئۆينىڭ بىر تەرىپىگە جايناماز سېلىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن خاس قىلىشى، ئەزانغا قۇلاق سېلىشنى ئۆگىتىشى، تاھارەت ئېلىشنى ئۆگىتىشى، ئايرىم قۇرئان كەرىم ئېلىپ بېرىشى، پاتىھە ۋە بىر قانچە سۈرىنى يادلىتىپ قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىشى، قىز بولسا نامازلىق كىيىم ئېلىپ بېرىشى، ئۆيگە كەبىنىڭ ياكى ھېيتگاھ مەسچىتنىڭ سۈرىتىنى ئېسىپ قويۇشى… قاتارلىق ئىشلار بالىلارنى نامازغا ئادەتلەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
بالىلار يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازنى ئادا قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش لازىم بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بالىلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار» دەيدۇ (ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى بايان قىلغان). بالىلار بۇ ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا نامازنىڭ ۋاقتىنى ئەسلىتىپ بىرگە ئادا قىلىشقا چاقىرىشى، نامازنىڭ ۋاقتىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ ئويۇن ۋاقتىنى نامازنىڭ ئارقىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەسچىتكە بىرگە ئېلىپ چىقىشى، نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا باشلىسا كىچىك مۇكاپات بېرىشى… نامازغا ئادەتلەندۈرۈشنىڭ ئەمەلى ئۇسۇلى سانىلىدۇ.
بالىلارنىڭ نامازنى يامان كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن نورمال ئوينايدىغان ئويۇنلىرىدىن پەقەتلا توسماسلىق مۇھىم، بولمىسا بالا نامازنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. لېكىن بالىلارنى نامازغا كۆندۈرۈش ۋە نامازنىڭ ۋاقتىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ناماز ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، بالىلارنى تېلېۋىزور كۆرۈشتىن ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارنى ئويناشتىن دەرھال توختىتىش ئىنتايىن مۇھىم.
بالىنى نامازغا كۆندۈرۈشتە بىر، ئىككى قېتىم ئەسلىتىپ ياكى نامازغا بىرقانچە قېتىم بۇيرۇپ زېرىكىپ قالماستىن ئىزچىل سەۋرچان بولۇش، ھەرنامازغا تەكرار قانچە قېتىملاپ چاقىرىش، بىرەر ئىشلارنىڭ نامازغا تاقىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، ئويۇن بىلەن ناماز ۋاقتىنى سوقۇشتۇرماسلىق لازىم.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بالىلارغا نېمە ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى، نامازنىڭ ساۋابىنى ۋە پايدىسىنى چۈشەندۈرۈش، نامازنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ھەممىدىن بۇرۇن ئادا قىلىش كېرەكلىكىنى، ئاللاھنىڭ ناماز ئوقۇغان ئىنساندىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىتىش ۋە نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتىلار بار:
1. بالىلارنى نامازغا ئادەتلەندۈرۈشتە ناماز ئوقۇيدىغان ئاتا-ئانىنىڭ رولى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى بالا سەككىز ياشقا كىرگەنگە قەدەر ئاتا-ئانىسىدىن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان نەرسىلەردىن تەسىرلىنىدۇ ۋە دورايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا نامازغا سەل قارايدىغان بولسا، بالىلارمۇ نامازغا سەل قارايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.
2. بالا كىچىكلىك قىلىپ بىرەر نامازغا سەل قاراپ قالغان بولسا، ياكى تاھارىتى يوق تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ قالغان بولسا، ياكى نامازنى چالا ئوقۇپ قالغان بولسا، چىرايلىق مۇئامىلە قىلىش لازىمكى، لېكىن بۇ سەۋەبلىك قاتتىق ھېسابقا تارتىشقا بولمايدۇ.
3. بالا 10 ياشقا كىرگەندە ناماز بامدات ۋە خۇپتەن نامىزىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە، دادىنىڭ بۇ توغرىدا ئۈلگە بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ.
4. بالا 10 ياشقا كىرگەندە دوست تۇتۇشقا قىزىقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نامازغا ئادەتلەنگەن دوستلىرى بىلەن بىرگە دوست قىلىش، نامازغا بىرگە ئېلىپ چىقىش، بەزىدە بىرگە ناماز ئوقۇش مۇھىم چارە سانىلىدۇ.
5. بالىلار 13 بىلەن 15 ياش ئارىلىقىدا بالاغەتكە يېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ھەربىر قىلمىشلىرىدىن ۋە يۈرۈش تۇرۇشلىرىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدىغانلىقىنى، ناماز ئوقۇشنىڭ پەرز بولغانلىقىنى، ناماز ئوقۇغاندا بالىنىڭ كىمنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى، نامازغا سەل قارىسا قانچىلىك گۇناھ بولىدىغانلىقى ئۆگىتىش ۋە ھەركۈنى نامازنى ئەسلىتىپ تۇرۇش مۇھىم.
6. بالىلار بالاغەت مەزگىلىدە ۋە دوست تۇتۇش باسقۇچىدا نامازغا بەزىدە سەل قاراپ قېلىشى مۇمكىن، بالىنىڭ ئىمان تەربىيەسى كۈچلۈك بولسا ۋە ئاتا-ئانىسى نامازنى ئەسلىتىپ تۇرسا، بۇ باسقۇچتىمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
دېمەك، بالىلارنى كېچىكىدىن تارتىپ نامازغا ئادەتلەندۈرۈش، قىزىقتۇرۇش، ۋاقتىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش، دەرسنى ياكى ئويۇننى ياكى باشقا ئىشنى نامازنىڭ كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرۈش روھىنى سىڭدۈرۈش، نامازغا ئادەتلەندۈرۈشتە سەۋرچان بولۇش، بالىنىڭ بەزىدە سەل قارىشى سەۋەبلىك ئۈمىدسىز بولماسلىق، دائىم نامازغا چاقىرىش ۋە ئەسلىتىپ تۇرۇش، ھەر نامازدا بالىلارنىڭ نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇش ئەڭ مۇھىم چارىلەردىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي