جەننەتكە كىرىش ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا باغلىق
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ دۇنياغا كېلىش سەۋەبىدۇر، بالىلار ھاياتىنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەيدىغان ۋە ھىمايە قىلىدىغان قورغىنىدۇر، بالىلىرىنىڭ ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز جاپا تارتىپ بەدەل تۆلەيدىغان جاپاكەشتۇر، بالىلىرىنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشىدىغان مۇئەللىمدۇر، بالىلىرىنىڭ ھىدايەت ۋە توغرا يولدا مېڭىپ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن تەربىيە بېرىشتە ۋە يېتەكلەشتە چارچاپ قالمايدىغان مەكتەپتۇر.
بۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاتا- ئانىنىڭ پەزىلىتى ئۈستۈن، بالىلار ئۈستىدىكى ھەقلىرى تۈگىمەس. بالىلار چوڭ بولۇپ ھەرقانچە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ كەتسىمۇ ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىپ ھەققىنى ئادا قىلىشتا يەنىلا ئاجىز كېلىدۇ. قەلەم ئاتا-ئانىنىڭ پەزىلىتىنى ۋە بالىلارنى تەربىيەلەپ چوڭ قىلىش جەريانىدىكى جاپالىرىنى تەسۋىرلەشتە قانچە كۈچىسىمۇ، يەنىلا ئاجىز كېلىدۇ.
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى بېقىش، چوڭ قىلىش ۋە تەربىيەلەش يولىدا ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانىيىتىنىڭ ھەممىنى سەرپ قىلىدۇ، بۇ يولدا پىسخىكا جەھەتتىن، جىسمانىي جەھەتتىن ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن نۇرغۇن جاپالارنى تارتىدۇ. بالىلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن ۋە كەلگۈسى ھاياتىدا جاپا تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەممە نەرسىلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ، پۈتۈن مېھرىنى ۋە ھاياتىنى بېرىپ چوڭ قىلىدۇ. بالىلارغا ئاتا-ئانىدەك كۆيۈنىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھېچكىم يوقتۇر.
بۇ سەۋەبتىن، ئىسلامدا ئاتا-ئانىنىڭ ئورنى ۋە ئەمگىكى مۇقەددەس بولىدۇ. ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئۇلۇغ ئىبادەت سانىلىدۇ ۋە نەپلە جىھاد ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىغا رەھمەت ئېيتىش، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئەمەلىي ئۇسۇلدا قايتۇرۇش، ئۇلارغا ئۆمۈر بويى كۆيۈنۈش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ھەرزامان خۇش قىلىشقا تېرىشىش، گەپ- سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش، ئۇلارغا قوپاللىق قىلماسلىق، قەلبىگە ئازار بەرمەسلىك، ياشىنىپ كىچىك بالىدەك نازۇكلىشىپ قالغاندا بالىسىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈش، بالىسىنى پەرۋىش قىلغاندەك پەرۋىش قىلىپ ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويماسلىق، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم كېچەكلىرىگە ئىگە چىقىش پەرزدۇر.
چۈنكى قۇرئان كەرىم بۇ ھەقتە: «ئاللاھ سىلەرگە ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىقنى ۋە ئاتا-ئانىغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تاپىلىدى. ئاتا-ئانىنىڭ بىرى ياكى ھەرئىككىسى يېنىڭلاردا بولۇپ، ياشىنىپ قالغان بولسا، ئۇلارغا «ھوي» دېگەندەك كۆڭۈل نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدىغان سۆزنى قىلىپ سالمىغىن، ئۇلارغا قوپاللىق قىلمىغىن، ئېسىل گەپلەرنى قىلغىن، ئۇلارغا كەمتەر بولغىن، مېھرىبان بولغىن ۋە ئى پەرۋەردىگارىم: ئۇلار مېنى كىچىكىمدىن تەربىيەلەپ چوڭ قىلغاندەك ئۇلارغا رەھىم قىلسىلا دەپ دۇئا قىلغىن» دەپ بۇيرۇماقتا (ئىسرا سۈرىسى، 23 – 24 – ئايەتلەر).
ئاتا-ئانىنىڭ بالىلار ئۈستىدىكى ھەققى ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارغا توغرا ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇلارغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە ياخشىلىق قىلىش ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شېرىك قىلماڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار»دەيدۇ (نىسا سۈرىسى، 36- ئايەت).
ئاتا-ئانىنىڭ بالىلار ئۈستىدىكى بىر قىسىم ھەقلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئاتا-ئانىنى ياخشى كۆرۈش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئەڭ ياخشى شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش. ئانىسىنىڭ قورساق كۆتۈرۈپ بالىنى چوڭ قىلغۇچە كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي قانچىلىك جاپا تارتقىنى، دادىسىنىڭ ئۇنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن بەللىرى ئېگىلىپ كەتكۈچە قانچىلىك جاپا تارتىپ ئىشلىگىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر ۋە بېشىدىن كەچۈرگەنلەر ياخشى بىلىدۇ.
2. ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت خاراكتېرلىك ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش، ئۇلارنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارغا چوڭچىلىق قىلماسلىق.
ئىنسان ئاتا-ئانىسىغا ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ساغلام مۇسۇلماندارچىلىق ئىشلىرىدا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.
3. ئاتا-ئانىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغىچە قىلىپ بېرىش، تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا راھەت تېپىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش لازىم. چۈنكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرى چوڭ بولغۇچە مۇشۇنداق قىلاتتى. شۇڭا، بالىلارنىڭ بۇ قەرزنى ئادا قىلىشى لازىم.
4. ئاتا-ئانىغا گەپ – سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەت ئارىلىقىدا ئازار بەرمەسلىك. ئاتا-ئانىغا گەپ قىلغاندا ئاۋازنى يۇقىرى كۆتۈرمەسلىك، قولنى شىلتىپ گەپ قىلماسلىق ۋە گەپ قىلىۋاتسا بويۇن تولغاپ چىقىپ كەتمەسلىك.
5. ئاتا-ئانىسى موھتاج بولسا ئۇلارنىڭ چىقىملىرىنى كۆتۈرۈش، كۈچىنىڭ يېتىشىچە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ۋە سېنىڭ تاپقان ماللىرىڭ داداڭغا تەۋەدۇر» دېگەن (ئىبنى ماجە بايان قىلغان).
6. ئاتا-ئانىنى رەنجىتىدىغان، پەرىشان قىلىدىغان ياكى يىغلىتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق. شۇنىڭدەك ئاتا- ئانىسىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈۋېتدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش .
7. ئاتا-ئانىسىنى كۈچى يەتكەن مىقداردا رازى قىلىشقا، ئۇلارغا راستچىل، ۋاپادار ۋە كۆيۈمچان بولۇشقا ئۇرۇنۇش.
8. ئاتا-ئانا بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسا، ئۇلار ھەققىدە خەيرى ئېھسان قىلىش، سەدىقە قىلىش، ۋەخپە قىلىش، دۇئا قىلىش، دوستلىرىنى ھۆرمەتلەش.
9. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جەننەت ئانىلارغا ئىتائەت قىلىشقا ۋە ياخشىلىق قىلىشقا باغلىق» دەيدۇ (نەسەئى بايانى).
پەيغەمبەرىمىز يەنە :«ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىغا باغلىق، ئاللاھنىڭ رەنجىشى ئاتا-ئانىنىڭ رەنجىشىگە باغلىق» دەيدۇ (تەبرانى بايان قىلغان).
بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا قارىتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپ ئەخلاقلىرى:
ئاتا-ئانىسى بار يەردە پۇتىنى سوزۇپ ياكى پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق،
ئاتا-ئانىسى سىرتتىن كەلسە ھۆرمەتلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش،
ئاتا-ئانىنىڭ قولىدا كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك بىر نەرسە بولسا قولىدىن ئېلىپ كۆتۈرۈش،
يولدا ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدا ماڭماسلىق، ئاتا – ئانىغا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گەپ قىلماسلىق،
ئاتا-ئانا چاقىرسا تېلېفون ياكى ئويۇننى تاشلاپ دەرھال كېلىش،
بىر ئىشقا بۇيرۇسا دەرھال ماقۇل دېيىش، تەلىپىنى ئورۇنداپ يىرىش،
رازى قىلىشقا تېرىشىش، توغرا نەسىھەتلىرىنى بېسىم قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىماي مېنىڭ پايدام ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ دەپ خوش كۆڭۈللۈك بىلەن قوبۇل قىلىش،
ئاتا-ئانىسىغا قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلماسلىق ۋە ئۇلارغا قاپىقىنى تۈرمەسلىك… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.