غەلىبە قىلغۇچى ياكى زىيان تارتقۇچى بولمايدۇ
ئەر-ئايال ئارىسىدىكى جېدەل – ماجىرادا يېڭىۋالغۇچى ياكى يېڭىلىغۇچى بولمايدۇ. يا ئىككىسى تەڭ بىر-بىرىنى يېڭىدۇ، ياكى ئىككىسى بىر-بىرىدىن يېڭىلىپ تەڭ زىيان تارتىدۇ.
شۇڭا، ئەر-ئايال ئارىسىدا تالاش – تارتىش ياكى جېدەل -ماجىرا يۈز بېرىپ قالغاندا، تەرسالىق قىلىش ياكى پىكرىنى قارشى تەرەپكە تېڭىش ئۈچۈن كۆزقارىشىدا چىڭ تۇرۇۋېلىش پەقەتلا توغرا ئەمەس.
ئەر-ئايالنىڭ ھەرئىككىسى تەڭ خاتالىقىنى تونۇشى، ئېتىراپ قىلىشى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئاندىن كەچۈرۈم سورىشى بىرلىكتە ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
ئەمما ئېنىق خاتالىق يۈز بەرسىمۇ تەرسالىق قىلىپ تۇرۇۋېلىش، ياكى خاتالىقىنى تونۇماسلىق ۋە كەچۈرۈم سورىماسلىق ئەر-ئايال ئارىسىدىكى جېدەل ماجىرانىڭ داۋاملىشىشىغا ۋە ئائىلىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئېلىپ بارىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي