ئاڭلىق ئەر كىشى ئايالى بىلەن گەپ تالاشمايدۇ
(داڭلىق يازغۇچى ئېھسان پەقىھنىىڭ بوۋىسىنىڭ ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىكى نەسىھەتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ)
ئاڭلىق ئەر كىشى ئايالى بىلەن گەپ تاكاللاشمايدۇ، چۈنكى ئايال كىشىنى گەپدانلىق بىلەن قانائەتلەندۈرگىلى بولمايدۇ، بەلكى كۆيۈنۈش ۋە يۈرىكىگە بېسىش ئارقىلىق قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
ئايال كىشىنى گەپ -سۆز بىلەن يېڭىگىلى بولمايدۇ، بەلكى كۆڭۈل بۆلۈش، ھۆرمەتلەش ۋە سۆيگۈ بىلەن يېڭىگىلى بولىدۇ.
ئايال كىشى ئېرىنى ياخشى كۆرسە كەچۈرۈۋېتىدۇ، ئەمما كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالسا، گەپ سۆز قىلماي جىم تۇرۇۋالىدۇ، لېكىن ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
ئايال كىشى ئەرنىڭ گەپلىرى ۋە باھانىلىرىنى ئىزدەپ يۈرمەيدۇ، بەلكى ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا ياكى ۋارقىراپ سالغاندا باش كۆزلىرىنى سىلاپ قويۇشنى ئىزدەيدۇ. ئايال كىشى كۆڭلىدىكى تۇيغۇنى ئىپادىلەشتىن ئاجىز كەلگەندە، ئەرنىڭ يۈرىكىگە بېسىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئايال كىشىنى دەلىل پاكىت ياكى گەپ – سۆز قانائەتلەندۈرمەيدۇ، بەلكى ئايالنىڭ ئاچچىقىنى قوبۇل قىلىپ كېتەلەيدىغان ۋە ئايالنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ كېتىپ قالغان ھەربىر ئېغىز سۆزدىن ھېساب ئالمايدىغان كەڭ قەلب قانائەتلەندۈرىدۇ.
ئەر كىشى گەپ قىلغاندا، سۆزىدە لوگىكىلىق بولۇشقا دىققەت قىلىدۇ،
لېكىن ئايال كىشى گەپ قىلغاندا، كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئىچىگە سىغدۈرۈۋېتىشكە دىققەت قىلىدۇ.
شۇڭا، ئەر كىشى ئايالىنىڭ ھېسسىياتىغا دەلىل بىلەن قارشى تۇرىمەن دېسە، ئەقلىي جەھەتتىن غالىب كەلگەن تەقدىردە، لېكىن ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.
ئايال كىشى گەپ ئارقىلىق قانائەتلەندۈرىدىغان كىشىگە موھتاج بولمايدۇ، بەلكى ئايالىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى چۈشىنىدىغان ۋە ئايالىنىڭ تىلى يالغان گەپ قىلسىمۇ چىرايىنى ئوقۇيالايدىغان كىشىگە موھتاج بولىدۇ.
ئايال كىشى جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك ئەرنى ئىزدىمەيدۇ، لېكىن خاتىرجەملىك بېرەلەيدىغان ۋە قوغدىيالايدىغان ئەقىللىق كىشىنى ئىزدەيدۇ.
گەپ- سۆز ئايال كىشىنىڭ نەزىرىدە يا سۆيگۈنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ ياكى دەرد ئەلەمنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ.
ئايال كىشى سەمىمي يۈرەكتىن «ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر ياشايدۇ.
ئەگەر ئاچچىقلىغان ئەرنىڭ تىلدىن «كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان سۆزنى» ئاڭلىسا، ئۇ سۆز بىلەن بىر زامان ئازابلىنىدۇ.
ئىبنى ھەزمى مۇنداق دېگەن ئىكەن:
ئاياللارنىڭ ئەقىللىق بولغىنى ئەسلىدە ئەخمەقتۇر،
ئۇلارنىڭ ئەخمەق بولغىنى سەندىن ئەقىللىقتۇر.
ئەڭ ھېكمەتلىك ئايالمۇ بىر تال گۈلنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ،
ئەڭ ئەخمەق ئايال ھېچكىم سىزنى چۈشىنەلمىگەندە چۈشىنىپ قالىدۇ.
ئاڭلىق ئەركىشى ئايالى بىلەن تاكاللاشمايدۇ، گەپ- سۆزدە تالاش- تارتىش قىلمايدۇ، كۆپ گەپ قىلمايدۇ، بەلكى يۈرىكىگە بېسىپ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەر كىشى گەپنى جىق قىلمايدۇ، بەلكى توغرا ئىشنى پۇختا قىلىدۇ.
ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئايالىغا ئايەت-ھەدىسلەر بىلەن ۋەز نەسىھەت ئېيتىشقا موھتاج بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ كۆڭلىگە سۆيگۈ، ھۆرمەت ۋە كۆڭۈل بۆلۈش تۇيغۇسىنى بېرىشكە موھتاج بولىدۇ.
شۇڭا، سىز ئايالىڭىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان بولسىڭىز خۇسۇمەتچىسى بولماي، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ھېس قىلدۇرۇڭ.
گەپنى كۆپ قىلىدىغان مۇنبەر بولماي، قەلبى كۆكسى كەڭ ئەر بولۇڭ.
ئايال كىشى جېدەل – ماجىرادا غەلىبە قىلالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن قەلبىڭىزنى سەكرەتكەندە ۋە ئۆزىگە مايىل قىلغاندا، غەلىبە قىلالايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.