قۇرئان كەرىم مۇقەددەس نەرسىمۇ؟ ياكى مۇقەددەس مېتودمۇ؟
بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە چۈشكۈنلىشىپ كېتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، ئۇلارنىڭ قۇرئان بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكىدىندۇر. قۇرئاننى تىلى بىلەن ئوقۇپ، قەلبى ۋە ئەقلى بىلەن ياشىمىغانلىق سەۋەبتۇر.
قۇرئاننى مۇقەددەس نەرسە دەپ قاراپ قويۇپ، ئۇنى ھاياتىدا يېتەكچى مېتود دەپ ئېتىقاد قىلمىغانلىقتۇر.
كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش، يادىلاش ۋە ئاڭلاشقا كۆڭۈل بۆلسىمۇ، بىراق قۇرئاننىڭ روھى ئۇلارنىڭ يەككە-كوللىكتېپ ۋە ئىجيىمائى ھاياتىدىن يىراق تۇرماقتا. كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىلغا تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
قۇرئاننىڭ ھىدايىتى ۋە مەقسىتىگە ئېتىبار بەرمەسلىك، قۇرئاننىڭ پىرىنسىپ ۋە قائىدىلىرىنى بىلمەسلىك، قۇرئان ئايەتلىرىنى بىر بىرىگە باغلاپ چۈشەنمەسلىكتۇر.
قۇرئاننىڭ دۇنيا قارىشىنى بىلمەسلىك ۋە ئۇنى كىشىلىك ئەمەلىي ھاياتتا تەتبىقلىماسلىقتۇر.
ئەسلىدە قۇرئان كەرىم ھايات مېتودىدۇر، ھىدايەت كىتاۋىدۇر، تەپەككۇر ۋە ئىلىم مەرىپەت كىتاۋىدۇر، مەدەنىيەت كىتاۋىدۇر ۋە گۈللىنىش كىتاۋىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.