
يېڭىدىن توي قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان قىزلارغا قىلىنىدىغان نەسىھەت
يېڭىدىن توي قىلغان قىزلارغا ۋە توي قىلماقچى بولغان قىزلارغا ئانا تەرىپىدىن قىلىنىشقا تېگىشلىك نەسىھەتلەر:
1. ئېرىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، قەدىرلەڭ، كۆيۈنۈڭ ۋە سالاپىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.
2. ئېرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىنى، سىرلىرىنى ۋە مال مۈلۈكلىرىنى ساقلاڭ.
3. ئەرنى كۈتۈشنى، ئەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشنى ۋە تاماقنى تەملىك ئېتىشنى ئۆگىنىڭ ۋە بۇ ئىشلاردا ھۇرۇنلۇق قىلماڭ.
4. توغرا ئىشلاردا ئەرگە بويسۇنۇشنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ .
5. ئېرىڭىزنىڭ ئائىلىسىگە كۆيۈنۈڭ ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.
6. جىسمانىي پاكىزلىققا ۋە ئۆينىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىڭ.
7. دائىم ئېرىڭىزگە چىرايلىق كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.
8. ئەر-ئاياللىق سىرلىرى ئىككىڭلارنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمىسۇن.
9. ئېرىڭىزنىڭ ماددىي ھالىتىگە رىئايە قىلىپ ياشاڭ ۋە مودا قوغلاشماڭ.
10. ئېرىڭىز بار يەردە زۆرۈر بولمىسا، تېلېفونغا قاراپ ئولتۇرماڭ.
11. ئېرىڭىز ئالدىدا تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈڭ.
12. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋەتمەڭ.
13. ئېرىڭىز گەپ قىلىۋاتقاندا، گېپىنى بۆلۈۋەتمەڭ.
14. ئېرىڭىزگە يالغان گەپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
15. ئېرىڭىزگە مەسلىھەت بېرىڭ، لېكىن پىكرىڭىزنى تېڭىشقا ئۇرۇنماڭ.
16. ئېرىڭىز ئىشتىن ھېرىپ كەلگەندە، تېلېفون ياكى باشقا نەرسىنى دەرھال تاشلاپ ۋە ئورنىڭىزدىن دەرھال تۇرۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ كۈتۈۋېلىڭ، كىرىپ بولغۇچە سۇ ياكى چاي تەييار قىلىشقا سەل قارىماڭ.
17. ئېرىڭىز كېسەل بولۇپ قالغاندا، ياكى قىيىنچىلىقتا قالغان زاماندا، ئېرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىشنى تاشلاپ قويۇپ، مودا قوغلىشىش، سەيلە – ساياھەت، چاي- پاي، توي- تۆكۈنلەرگە كېتىپ قالماڭ.
18. ئېرىڭىز ئاچچىقلاپ قالغاندا، گەپ تالاشماڭ ۋە تەرسالىق قىلىپ گەپ ياندۇرماڭ، چۈنكى تەرسالىق قىلىش ئائىلىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.
19. گەپ -سۆزدە ئېرىڭىزگە تەرسالىق قىلماڭ، چۈنكى تەرسالىق قىلىش ئەرنىڭ ئاچچىقنى تېخىمۇ كەلتۈرىدۇ ۋە ئۆزىڭىزگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
20. ئەر-ئايال ئارىسىدا تالاش – تارتىش يۈز بېرىپ قالسا، دەرھال ئېرىڭىزنىڭ ئۆيدىن ئايرىلماڭ. چۈنكى تالاش – تارتىش يۈر بېرىپ بولغۇچە قىزنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا يامانلاپ كېلىۋېلىشى مەسىلىنى تەسلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
21. ئەر-ئايال ئارىسىدا تالاش -تارتىش يۈز بەرگەندە، خېتىمنى بەر دەپ تۇرۇۋالماستىن مەسىلىنى ئىلمىي ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشكە تېرىشىڭ.
22. ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى ساقلىسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ بولىدۇ.
23. دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىسىڭىز ياشاڭ، لېكىن دىيانىتىڭىزنى، ئەخلاقىڭىزنى، دىنى ۋە مىللىي كىملىكىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.
24. ئۆيدە تاماق ئېتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېرىڭىزنى ئۆيگە باغلاشقا تېرىشىڭ. چۈنكى ئۆيدە ئېتىلمىگەندە ئېرىڭىز سىرتقا كۆنۈۋالىدۇ.
25. ئاخىردا، ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى شەخسى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا سەل قارىماڭ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي