خەۋەرلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلى ۋە پىسخىكا ساغلاملىقى
بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلار ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان خەۋەرلەر دولقۇنىنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئەقلى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن چارچىماقتا.
1. خەۋەرنىڭ ئەقىل ۋە پىسخىكىغا بولغان تەسىرى:
1) مەلۇمات ھارغىنلىق ۋە ئەقلى تەشۋىش پەيدا قىلىدۇ.
2) سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ كۆپلۈكى چېچىلىش ۋە نېرۋا جىددىيلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3) سەلبىي خەۋەرلەر غەمكىنلىك، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
4) سەلبىي خەۋەرلەرنى كۆپ ئاڭلاش ئىنساننى ئەمەلى ھاياتتىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
2. خەۋەرلەرنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى:
ئىسلام دىنىنىڭ مەلۇمات ۋە خەۋەرلەرگە ھېكمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمىلىرى بار.
1) ئىسلام دىنى خەۋەرلەرگە ئىشىنىش ياكى تارقىتىشتىن ئىلگىرى راست يالغانلىقىنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا بۇيرۇيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ تېگى _ تەكتىنى بىلمەستىن) بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» (ھۇجۇرات سۈرىسى، 6 – ئايەت).
2) خەۋەر ئاڭلاشتا نورمال يول تۇتۇش:
ئىسلام دىنى مۇسۇلماننى ھەرقانداق ئىشتا ئوتتۇرھال يول تۇتۇشقا ۋە ھاياتىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا بۇيرۇيدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمان ئىبادەتتە ئوتتۇرھال يول تۇتقاندەك، خەۋەر ۋە مەلۇمات ئاڭلاش ياكى كۆرۈش ئىشلىرىدىمۇ ئوتتۇرھال نورمال يول يۇتۇپ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشى مۇھىم.
3) پايدىلىق خەۋەرلەرنى ئاڭلاش، پايدىسىز خەۋەرلەردىن يىراق تۇرۇش:
ئىسلام دىنى ھەرقانداق ئىشتا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى سۈزۈپ ئېلىشقا، زىيانلىق بولغان ياكى پايدىسىز بولغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ: «ئۇلار بىھۇدە سۆز – ھەرىكەتتىن يىراق تۇرىدۇ» (مۆمىنۇن سۈرىسى، 3 – ئايەت).
3. خەۋەرلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى پىسخىكا ساغلاملىقى:
1) خەۋەر ئاڭلاش ياكى كۆرۈش ئۈچۈن مۇقىم ۋاقىت بەلگىلەش:
ئىبادەت، ئوقۇش، خىزمەت، ئىلمىي ھايات ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن تارتىپ ھەربىر ئىش ئۈچۈن ۋاقىتنى رەتكە سېلىش ئىسلام كۆرسەتمىسىدۇر. شۇڭا، ئەتىگەن تەرەپتە قۇرئان كەرىم ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يېرىم سائەت، ئىشتىن چۈشكەندە يېرىم سائەت خەۋەر ئاڭلاش ياكى كۆرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك.
2) بىئاراملىق ياكى چېچىلاڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇش:
سەلبىي خەۋەرلەر سەۋەبىدىن بىئارام بولغاندا ياكى چېچىلىپ قالغاندا، ناماز ئوقۇش، زىكىر ئېيتىش ۋە قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق كۆڭۈلنى راھەتلىتىش مۇھىم : «بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ» (رەئد سۈرىسى، 28 – ئايەت).
3) ئۇخلاشتىن ئىلگىرى خەۋەر كۆرمەسلىك:
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى خەۋەر كۆرۈش ياكى ئاڭلاش ئۇيقۇسىزلىق ۋە بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ.
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى سۈرىنى ئوقۇش، ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇش ۋە قۇرئان ئاڭلاش ياكى كىتاب ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
4) پاراكەندە قىلىدىغان خەۋەرنى تارقاتماي، پايدىلىق خەۋەرنى تارقىتىش:
كىشىلەر ھەققىدىكى سەلبىي خەۋەرلەرنى تارقىتىشتىن ساقلىنىپ، ئۈمىد پەيدا قىلىدىغان، توغرا يول كۆرسىتىدىغان ياكى ھاياتىغا پايدا يەتكۈزىدىغان ياخشى خەۋەرلەرنى تارقىتىش ئىبادەت سانىلىدۇ.
5) تور دۇنياسىدىن ئارام ئېلىش:
بەزى كۈنلەرنى تور دۇنياسىغا كىرمەي ياكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى زۆرۈر بولمىسا قوللانماي ئۆتكۈزۈش پىسخىكا جەھەتتىن راھەت بېغىشلايدۇ. بۇ كۈننى ئىبادەت بىلەن، ئائىلە بىلەن، دوستلار بىلەن، ياكى پايدىلىق بىر ئىش بىلەن، ياكى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش كۆپ راھەت ئېلىپ كېلىدۇ.
دېمەك، بۈگۈنكىدەك خەۋەر قايناملىرى دولقۇنلاۋاتقان زاماندا ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ ئاڭلىق بولۇش، مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىدىن چەتنىمەسلىك، خەۋەرنى ئەسلىي مەنبەسىدىن تەكشۈرمەي تۇرۇپ قوبۇل قىلماسلىق، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، ئىجابىي پىكىر قىلىش، ئۈمىد پەيدا قىلىدىغان خەۋەرنى تارقىتىش، دەلىلسىز يامان گۇماندىن ساقلىنىش، پاسىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش ھەمدە دۈشمەننىڭ ئىستخبارات چىۋىنلىرى تور دۇنياسىدا ئەپەندى/ تەھلىلچى سۈپىتىدە غىڭشىپ ئۆزئارا قېرىنداشلىق روھىدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتقان، ھەمكارلىقنى بۇزۇۋاتقان، جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىۋاتقان، ئەخلاقنى بۇزۇۋاتقان، ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان، سىياسىي كۈرەش يولىدىكى ساغلام ئىدىيەلىك ئىنسانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈۋاتقان ۋە دۈشمەننى چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بۇ زاماندا قاتتىق سەگەك ۋە ھوشيار بولۇش… ئىمانى نۇقتىدىن، ئەخلاقى نۇقتىدىن، سىياسىي نۇقتىدىن، بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ۋە پىسخىكا ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.