دۆلەتسىزلىك پىتنىنىڭ مەنبەسىدۇر
بىر جەمئىيەتتە مۇستەبىتلىك ياكى مۇستەملىكىگە ئوخشاش سىياسىي پىتنە يۈز بەرسە، بۇ سىياسىي پىتنە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
بىرەر جەمئىيەتتە ھاكىمىيەتسىزلىك ياكى دۆلەتسىزلىك يۈز بەرسە، ئىچكى پىتنە پەيدا بولىدۇ.
بىرەر جەمئىيەتتە سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى جەمئىيەتنى پىتنىدىن ساقلايدۇ، بىراق ھاكىمىيەت مۇستەبىت بولۇپ قالسا، يەنىلا پىتنىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.
مەسىلەن، بۈگۈنكى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەرتۈرلۈك ھەق ھوقۇقلىرىنى مۇسادىرە قىلىدىغان، سىياسىي ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويىدىغان ۋە ئۇلارنى تىنچ – ئامان ياشىغىلى قويمايدىغان مۇستەبىت تۈزۈملىرى پىتنىنىڭ ۋە كىرىزىسنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي