ئىسلامدا گۇناھكارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟
بىر قىسىم كىشىلەر ئىسلامنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىلەرگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىق كۆرسەتمىسىگە پىسەنت قىلماي، مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىدىن چەتنەپ، قىزىققانلىق قىلىپ، ياكى باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ئاسىي گۇناھكارلارغا لەنەت ئوقۇيدىغان، ھۇجۇم قىلىدىغان ۋە ئابرۇيىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنىدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلىشى مۇمكىن.
ئىسلام دىنىغا قارايدىغان بولساق گۇناھلاردىن ئاگاھلاندۇرغان، گۇناھلارنى چوڭ ۋە كىچىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان. چوڭ گۇناھلارنى ھارام ۋە جىنايەت دەپ بېكىتكەن، ھالاك قىلغۇچى گۇناھ دەپ ئاتىغان ھەمدە بەزى چوڭ گۇناھلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېنىق جازا بېكىتكەن.
قايسىبىر مۇسۇلمان نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە ئەگىشىپ، يامان كىشىلەردىن تەسىرلىنىپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشىگە ئۇچراپ گۇناھ قىلىپ سالغان بولسا، ئىسلامنىڭ قۇرئان-سۈننەتتىكى گۇناھكارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىش، سىلىق مۇئامىلە قىلىش، رەھىمدىل بولۇش، يامان كۆرمەسلىك، ھاقارەت قىلماسلىق ۋە ئابرۇيىغا ھۇجۇم قىلماسلىقتۇر. چۈنكى گۇناھ يامان كۆرۈلىدۇ، ئاسىي يامان كۆرۈلمەيدۇ.
بەزى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى خاتالاشمايدىغاندەك، گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندەك پەرىشتە ساناپ گۇناھكارنى يامان كۆرۈشى، مەسخىرە قىلىشى، شەيتانلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭغا چوڭچىلىق قىلىشى، پۇرسەتپەرەسلىق قىلىپ ئۇنىڭ ئابرۇيىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ھەمدە ئۆزىنى قازى ۋە مەھكىمىنىڭ ئورنىدا قويۇپ ھۆكۈم چىقىرىپ كېتىشى مەغرۇرلۇقتۇر، ئادالەتسىزلىكتۇر، ئەخلاقسىزلىقتۇر ۋە گۇناھتۇر.
مۇسۇلمان دېگەن گۇناھ قىلىپ سالغان كىشىلەرگە شەرىئەت كۆزى بىلەن قاراپ، ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ، يامان ئىشتىن توسقاندەك، شۇنىڭدەك يەنە ئۇلارغا مەرھەمەت نەزىرى بىلەن قاراشقا، ئىچ ئاغرىتىشقا، سىناققا دۇچ كەلگەنلىكىگە تەسەللى بېرىپ توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويۇشقا بۇيرۇلغان.
ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ۋە مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا رىئايە قىلىدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىدە ئاسىي – گۇناھكارنىڭ ھەققىنى قوغداش، ئۇنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا پۇرسەت بېرىش، ئۇنىڭغا لەنەت قىلماسلىق ۋە ھاقارەت قىلماسلىق توغرىسىدا ئېنىق كۆرسەتمىلەر تېپىلىدۇ.
ئىمام بۇخارىدا بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە، ساھابىلەرنىڭ بىرى ھاراق ئىچىش سەۋەبلىك بىرقانچە قېتىم جازاغا ئۇچرىغان، ساھابىلەردىن بىرى ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇغان ۋە نېمانداق تولا جازا يەيدىغان ئادەم بۇ دېگەن. پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ رەنجىگەن ۋە گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن چەكلەپ: «ئۇنىڭغا لەنەت تىلىمەڭلار، ئۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن (بۇخارى بايان قىلغان) .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر مۇسۇلماننىڭ يەنى بىر مۇسۇلماننى قارغاشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «مۆمىن دېگەن قېرىنداشلىرىنىڭ ئابرۇيىغا چېقىلمايدۇ، لەنەت ۋە يامانلىق تىلىمەيدۇ، سۆزى ۋە ئىش-ھەرىكىتىدە ئەخلاقسىزلىق قىلمايدۇ ۋە ھاياسىز گەپلەرنى قىلمايدۇ» دېگەن (تىرمىزى بايان قىلغان).
ئاللاھ ئىنسانلارنى بۇ دۇنيادا سىناش ئۈچۈن ياراتقانلىقى ئۈچۈن، بەندىلىرىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق سىنايدۇ، بەزى ئىنسانلارنى گۇناھ بىلەن سىنىلىدۇ، بەزى ئىنسانلارنى ياخشىلىق بىلەن سىنايدۇ، بەزىلەرنى باشقا يوللار ئارقىلىق سىنايدۇ.
مۇسۇلمان نەپسىنىڭ ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ گۇناھ سادىر قىلىپ سالغان بولسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىز بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: «گۇناھ قىلىۋېرىپ ئۆزىگە ئۇۋال قىلغان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر» دەيدۇ (زۇمەر سۈرىسى، 53 – ئايەت).
مانا بۇ ئايەت گۇناھكار ئىنسان بىلەن توغرا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھەرقانداق ئىنساننىڭ خاتالىشىپ قالىدىغانلىقىنى ياكى گۇناھ سادىر قىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېتىباردىن ساقىت قىلماسلىق ياكى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇ دۇنيا ئىنساننىڭ نەپسى، ھەرتۈرلۈك شەيتانلار ۋە ھەرخىل ھاۋايى-ھەۋەسلەر ئارىسىدىكى كۈرەش دۇنياسىدۇر.
بۇ سەۋەبتىن، گۇناھكارلارغا ئادىل بولۇش، ئىچ ئاغرىتىش، رەھىمدىل بولۇش، رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەش، ئەيىبىنى يېپىش، چىرايلىق شەكىلدە سادىر قىلغان گۇناھنىڭ خەتەرلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش، قىلغان ئىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىش، خاتا ئىشتىن دەرھال قول تارتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش، تەۋبە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسلىتىش، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىنى قازىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ھۆكۈم چىقارماسلىق، يامان ئىشلارنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولماسلىق، ئەڭ مۇھىمى ئۇ گۇناھكارنىڭ بىچارە ھالىتىدىن ئىبرەت ئېلىش ۋە ئۇ چۈشۈپ قالغان گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن ئامانلىق تىلەش… قاتارلىقلار ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.