تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەش
1949- يىلى ئۆكتەبىر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىتىنىڭ ماتەم كۈنىدۇر.
بۇ كۈن ۋەتەننىڭ ئىپپىتى، مىللەتنىڭ ئىپپىتى، مىللەتنىڭ ئەقىدىسى، ئىززىتى، كىملىكى، ھوقۇقى، ئادەمگەرچىلىكى… دەپسەندە قىلىنغان كۈندۇر.
ئۇ كۈندە يۈز بەرگەن خىتاي مۇستەملىكىسى شۇ كۈندىن تارتىپ كۈنىمىزگە قەدەر بارلىق مۇسىبەت ۋە دەرد ئەلەملەرنىڭ سەۋەبچىسىدۇر.
شۇڭا، بۇ كۈندە ياكى بۇ ئايدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىغا ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرۈش، مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈك ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈش، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىش قىلىش، خىتايلارنىڭ مۇستەملىكە نەزەرىيەسىنى تونۇشتۇرۇپ ئىلمىي پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش باشقا نامايىشلارغا قارىغاندا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ بۇ كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر تۈرلۈك قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋە ھۆرلۈك ئىرادىسى نامايىشى باشقا نامايىشلارنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي