سىياسەت دېگەن كىملىك ۋە قىممەت قاراشتىن ۋاز كەچمىگەن ۋە ئەمەلىي رېئاللىققا كۆز يۇممىغان ئاساستا، قولىدا بار ئىمكانىيەتكە تايىنىپ ئاز زىيان بىلەن چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
توقۇنۇشنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسى ئۆزگىرىشچان مەسىلە بولغاچقا، سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋاسىتىلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا قاتتىق قېلىپنى تۇتۇپ ماڭغىلى بولمايدۇ.
خىتتايدىن ئىبارەت مۇستەملىكىچى تاجاۋۇزچىغا قارشى تۇرۇشتا نىشانىدىن بۇرۇلۇش، ياكى بەزى كېچىك ئىشلار سەۋەبىدىن دوستلارنى دۈشمەن كۆرۈش، ياكى پارچە پارات ئىشلارنى چوڭايتىۋېتىش سىياسىي خاتالىقتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي