پەيغەمبەرىمىزگە ئەگىشىش ۋە قوغداشنىڭ توغرا يولى
پەيغەمبەرىمىز تۇغۇلۇش ھارپىسىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىدىن قانچىلىك نەرسە ئوقۇيالىدۇق؟ بالىلىرىمىزغا پەيغەمبىرىمىزنى قانداق ئىنسان دەپ تونۇشتۇردۇق؟ پەيغەمبەرىمىزنىڭ ھاياتىنى ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ ئۈممىتى بولۇشقا لايىق دەپ قارىيالىدۇقمۇ؟
پەيغەمبەرىمىزنىڭ ھاياتىنى ئوقۇش ياكى ئەسلەش جەريانىدا، ئۇنىڭ قايسى گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى نىيەت قىلدۇق؟ قايسى كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلماقچى بولدۇق؟ ئىلمىي ياكى سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا پەيغەمبەرىمىزنى ھەرقايسى جەھەتتىن ئۈلگە دەپ قارىيالىدۇقمۇ؟
پەيغەمبەرىمىزنىڭ دۇنياغا رەھمەت، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تىنچلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىگە قانائىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بارمۇ؟ ئىنسانىيەت تەقدىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇقمۇ؟
پەيغەمبىرىمىزنى ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ توغرا يولى دۇنيا قارىشىمىزدا ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىش ۋە كۈندىلىك ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى تەتبىقلاش ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىپ يەتتۇقمۇ؟… ھەربىر مۇسۇلمان ئويلىنىشقا تېگىشلىك سوئاللار.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي