ئىش ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي ئەقىدە كۆرسەتمىسىدۇر
مۇسۇلمانغا نىسبەتەن باشلىنىش نۇقتىسى ئۇنىڭ ئېتىقادىي بولغانلىقى ئۈچۈن ھەرقانداق تەسەۋۋۇردا، ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەتتە ۋە ھەرقانداق گەپ – سۆزدە ئەقىدىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشى ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر.
چۈنكى ئەقىدىنىڭ تەقەززاسى ئىماننى ئىدىيە، دۇنياقاراش، يۈرۈش تۇرۇش، گەپ- سۆز ۋە ئىش- ھەرىكەتتىن ئىبارەت ھاياتتىكى تۈرلۈك ساھەدە تەتبىقلاشتۇر.
شۇنداق بولغاندا، ئۆزگەرمەس نۇقتىلاردا چىڭ تۇرغىلى، ئىدىيەدە ساغلام بولغىلى، نەتىجىدە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغىلى بولىدۇ.
مانا بۇ ئەقىدىنىڭ ۋە ئىبادەتنىڭ تەقەززاسىدۇر.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.