خاتالاشمايدىغان مۇكەممەل ئىنساننىڭ ھاياتى
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھاياتىنى ئىلاھىي ۋەھىينىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئىلاھىي كۆرسەتمىنى ئىنسانىيەتكە ساغلام ۋە تولۇق يەتكۈزۈشتە خاتالاشمىغان، ئىلاھىي تەرەپتىن ھىمايە قىلىنىدىغان ۋەھىينى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى ئەمەلىي ھاياتى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن مۇكەممەل ئىنساندۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا ئىنسانلىق پەيغەمبەرلىك بىلەن، ئادەت مۆجىزىلەر بىلەن، ئىجتىھاد مەسۇملۇق بىلەن، نىسبىي مۇتلەق بىلەن، كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان دۇنيا غەيبىي دۇنيا بىلەن بىرلەشكەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئاخىرقى پەيغەمبەرلىك ۋە مەڭگۈلۈك ئىلاھىي رىسالەت ھاياتى بولغانلىقى ئۈچۈن مېۋىسى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. قانۇن، كۆرسەتمە، ئەخلاق، قىممەت قاراش، ئىبرەت ۋە سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيەتلەرنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھەمىشە ئوچۇق كىتاب بولۇپ كەلمەكتە.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ، ئەبەدىي شەرىئەت ئىگىسىنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارىنىڭ، دۇنياۋى رىسالەت ئىگىسىنىڭ، دۆلەت قۇرغان ۋە مەدەنىيەت ياراتقان پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىدۇر.
ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنى دۆلەت قۇرغان، ئۇممەتنى بىرلەشتۈرگەن، جەمئىيەتنى ئىنتىزامغا سالغان، مەدەنىيەت قۇرۇشقا تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ دۆلىتى دىننى قوغدىغان، جەمئىيەتنى يېتەكلىگەن ۋە دىننىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغان.
ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنى دىن بىلەن دۇنيانى، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى، زېمىن بىلەن ئاسماننى، ئەقىل بىلەن نەقىلنى، ئىجتىھاد بىلەن مەسۇملۇقنى، دىن بىلەن دۆلەتنى، شەخس بىلەن ئۈممەتنى، شەخسىي مەسئۇلىيەت بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى، شەرئى ئىلىملەر بىلەن مەدەنىيەت ئىلىملىرىنى ۋە تەجرىبە بىلەن ۋىجداننى بىرلەشتۈرگەن، ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى تەستقىلىغان، تۈزەتكەن ۋە يېتەكچىلىك قىلغان مۇكەممەل دىندۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تەتبىقلاپ كۆرسىتىپ قويۇشنى، دۆلەت قۇرۇشنى، دۇنيا تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھاياتتۇر.
ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى شۇ قەدەر مېھرىبان، رەھمىدىل، ئاددىي ساددا، سەۋرچان، كەڭ قورساق، ئەپۇچان، خۇش چىراي، گۈزەللىك ۋە پاكىزلىققا ئىنتىلىدىغان بىر ھاياتتۇر.
ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغان، ئاللاھ ئۈچۈن نەپرەت قىلىدىغان، دىن ۋە ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن جەڭگە كىرىپ قالسا، ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئالىدىغان ئىنساننىڭ ھاياتىدۇر.
ئۇ ۋەھىي قوبۇل قىلىدىغان پەيغەمبەر، مەسۇم مۇجتەھىد، نىسبىي بىلەن مۇتلەقلىقنى بىرلەشتۈرگەن ئەلچى، ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ ئەڭ يۈكسەك كامالىتىگە ئىگە بولغان مۇكەممەل ئىنسان. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ساغلام ئەقىدە، توغرا ئىدىيە، ئەخلاق، دۇنياۋىلىق، ئەبەدىيلىك، دۆلەت، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت بىلەن ئالاھىدە بولغان ئاخىرقى پەيغەمبەر: «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، لېكىن ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇ» (كەھف سۈرىسى، 110- ئايەت).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي