ئىدىيە توقۇنۇشلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
1. مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان مىللەتلەر پىكرى توقۇنۇش ياكى ئىدىيە كۈرىشى ئىچىدە ياشايدۇ، پىكرى توقۇنۇش پاسسىپ نەتىجىلىرىنى مىللەتنىڭ ھاياتىدا ياكى ئەخلاقىدا ياكى ئىدىيەسىدە ھېس قىلدۇرماستىن خاتىرىلەپ ماڭىدۇ، ئىدىيە توقۇنۇشى ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە ھەر خىل نەتىجىلىرىنى قالدۇرۇپ ماڭىدۇ.
2. مۇستەملىكىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆزىنىڭ تولۇق كىملىكىنى بىلمەيدىغان، ياكى كىملىكىدە پارچىلىنىش يۈز بەرگەن ئەللەردە پىكرى توقۇنۇش ياكى ئىدىيە كۈرىشى داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. مۇستەملىكە تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئىدىيە كۈرىشىنىڭ مەيدانىغا كىرگەن ياكى قاتناشقان كىشىلەرنى جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە ھەرخىل ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىستىخبارات غالچىلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى تۈرلۈك تۈگىمەس قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ تۇرىدۇ.
3. مۇستەملىكە تاجاۋۇزچىلىرى ھەقىقىي كىملىكىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پىكىرلەرنى كەمسىتىشكە، ھەقىقىي كىملىكىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نامايەندىلەرنى سەت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. مەسىلەن، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرى، كۆرسەتمىلىرى ۋە مىللىتىمىزنىڭ تارىخى قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ.
4. مۇستەملىكە كۈچلىرى ھەر دائىم دېگۈدەك ئىدىيە توقۇنۇش مەيدانىدا ئىلغار پىكىر بىلەن سىياسىي ھەرىكەت ئارىسىدا توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئىلغار پىكىر ئاكتىپ رولىنى يوقىتىپ ئۈنۈمسىز بولۇپ قالىدۇ، سىياسىي ھەرىكەت بولسا روشەن سىياسىي ھەرىكەت خەرىتىسىگە ئىگە بولالمايدۇ.
5. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئارىمىزدا كىملىك، قىممەت قاراش، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت مەسىلىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم پىكرى (ئىدىيە) توقۇنۇشلارنى مۇستەملىكىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن دېيىشكە بولىدۇ.
6. مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسىنىڭ مىللەتنىڭ پىرىنسىپ، قىممەت قاراش، مەدەنىيەت ۋە تارىخ چۈشەنچىلىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىشقا ۋە رېئاللىقنى ساختا كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى. شۇنداقلا يەنە مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسىنىڭ بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان مەھكۇم مىللەتلەرنى ئەقلى جەھەتتىن، دۆلەتچىلىك ئۇقۇملىرىدىن ۋە ئەخلاقى قىممەت قاراش جەھەتتىنمۇ تۇغماس قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ھېس قىلايلى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.