كۆپلىگەن كىشىلەر ھاراق ئېچىش، ياكى زىنا قىلىش، ياكى جازانىدىن ساقلىنىش دېگەندەك ھارام ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن ئۆزىنى باشقۇرالايدۇ. لېكىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ئابرۇيىغا تىل ئۇزۇتۇش، غەيۋەت قىلىش، ئىچى يامانلىق قىلىش ۋە زىيان يەتكۈزۈش…تەك ھارام ئىشلاردىن تىلىنى باشقۇرالمايدۇ.
قارىسىڭىز، بەزىلەر ھاياتلارنىڭ ۋە ئۆلۈكلەرنىڭ ئىززەت – شەرىپى ھەققىدە بولمىغۇر سۆزلەرنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنساب قىلمىغانلىقىدا ۋە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلغانلىقىدا.
ئەممار ئىبنى ياسىر ئىنساب توغرىسىدا: «كىم ئۆز ئۆزلۈكىدىن ئىنسابلىق بولۇش، ھەممە كىشىلەرگە سالام قىلىش ۋە ئۆزىدە قىيىنچىلىقى بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۈرلۈك خىسلەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرەلىسە، ھەقىقەتەن ئىماننى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولىدۇ» دېگەن ئىكەن (بۇخارى بايانى).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي