«ھەقىقەتنى قوغدىمايدىغان ئادەم ھەقىقەت ئىگىسى بولالمايدۇ» دەيدۇ، جامالىدىن ئافغانى.
دېمەك، دىنىنى قوغدىمايدىغان ئادەم ساغلام دىندار بولالامدۇ؟
ۋەتىنىنى قوغدىمايدىغان ئادەم ۋەتەنپەرۋەر بولالامدۇ؟
مۇسۇلمان مىللىتىنى قوغدىمايدىغان ئادەم ئۈممەتچى ياكى مىللەتپەرۋەر بولالامدۇ؟
كىملىكىنى چۈشەنمەيدىغان ۋە قوغدىماىدىغان ئادەم كىملىكىنى ھىمايە قىلالامدۇ؟
ھۆرلۈكىنى قوغدىمايدىغان مىللەت ئەركىن بولالامدۇ؟
ئىززەت شەرىپىنى قوغدىمايدىغان مىللەت شەرەپلىك ياكى مەدەنىيەتلىك مىللەت بولالامدۇ؟
ھەقىقەتنى قوغدىمايدىغان مىللەت ھەققانىيەت ئىگىسى بولالامدۇ؟
دېگەن سوئاللار ھەققىدە ئويلىنىشنى ۋە جاۋاب بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي