كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا رىئايە قىلىش مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر
ئىنسان كۆڭۈل ۋە ھېس تۇيغۇغا ئىگە مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلى پەقەتلا گەپ -سۆزدىن رەنجىمەيدۇ، بەلكى يەنە ياخشىلىقنى ئۇنتۇش، دوستنىڭ خىيانەت قىلىشى، يېقىن كىشىنىڭ زۇلۇم قىلىشىدىنمۇ رەنجىيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ تۇيغۇسىغا رىئايە قىلىشقا بۇيرۇپ: «كىشىلەرگە يامانلىق قىلمىساڭ ياكى زىيان يەتكۈزمىسەڭ، ئۆزۈڭدىن ئۆزۈڭگە قىلىنغان سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېگەن (مۇسلىم رىۋايىتى).
بۇنىڭغا ئاساسەن، ساغلام مۇسۇلمان دېگەن باشقىلارنى ئۆزىدەك كۆرۈپ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا رىئايە قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسى بىلەن ئويناشمايدۇ، كىشىلەرگە ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن زىيان يەتكۈزمەيدۇ، يالغان ۋەدىلەرنى بەرمەيدۇ، قىلالمىغان ياكى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلار بىلەن كىشىلەرنى ئالدىمايدۇ، كىبىرلىكى ياكى مەنمەنچىلىكى ياكى تىلىنىڭ بەزابلىقى… دېگەندەك ناچار ئىللەتلەر ئارقىلىق ئەزىيەت بەرمەيدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.