ھەق بىلەن باتىل ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ تەقەززاسى
ھەق بىلەن باتىل، زالىم بىلەن مەزلۇم، مۇستەملىكىچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت ئارىسىدىكى كۈرەش ئۇزۇن بولىدۇ. ھەق بىلەن باتىل ياكى ئادالەت بىلەن زۇلۇم ئارىسىدا توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى خەتەرلىك ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ھەق بىلەن باتىل ئارىسىدا يۈز بىرىپ تۇرىدىغان توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى پەرقنى ھېس قىلالماسلىقى خەتەرلىكتۇر.
شۇڭا، بۇ كۈرەش يولىدا ئاساسلىق كۈچ ئامىلىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئېتىقادى، مىللىي، ئىلمىي، سىياسىي ۋە كىملىك پىرىنسىپلىرىنى ئىزچىل تۇتۇپ مېڭىشقا، ئاڭ سەۋىيەنى ئاشۇرۇشقا، مىللەت ئىچىدە ئىدىيە توقۇنۇشى پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن ئوڭچى ۋە سولچى ئاشقۇنلۇقتىن ساقلىنىشقا، ھەرقايسى ساھەلەردە پىلانلىق ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا، ئۇزۇننى ئويلاپ ۋە يىراقنى كۆرۈپ قەدەم بېسىشقا، كۈرەش يولىدا ئېغىر بېسىق بولۇشقا، ھەرساھەدە ياراملىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە، كۈرەشنى ساغلام ئاڭ بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزباسار ئەۋلادلارنى ئىمانى، قەلب پاكلىقى، ئەخلاقىي، مىللىي، ئىلمىي، سىياسىي ، ئىدارىي، تارىخىي ۋە قىممەت قاراش جەھەتتىن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە، سىياسىي ھەرىكەت پىرىنسىپلىرىدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا، مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ھۆرمەتلىگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىشقا، ھېسسىياتقا بېرىلمەي تەڭپۇڭ يول تۇتۇشقا، ئايلىق پىلان بىلەن ئىش-ھەرىكەت ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت قىلىشقا، ئەقىدە ۋە ئەخلاققا زىت كەلمەيدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشقا، ئەزالاردا ئۈمىدۋارلىق روھىنى كۈچلەندۈرۈپ تۇرۇشقا ۋە مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش ياكى مۇستەملىكە بىلەن چىقىشىپ ياشاش روھىدىن قۇتۇلۇشقا موھتاج.
چۈنكى تاجاۋۇزچى دۈشمەن مەھكۇم مىللەتنى تامامەن باش ئەگدۈرگەنگە قەدەر ئۇخلىمايدۇ، ئۇ مىللەتنى ئەقىدىسى ۋە كىملىكىدىن ۋاز كەچتۈرگەنگە قەدەر بولدى قىلىۋەتمەيدۇ، ھەرزامان ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ، مۇستەملىكىنى ياكى زۇلۇمنى قوبۇل قىلمايدىغان ۋىجدانلىق كىشىلەرگە ھەرخىل قالپاقلارنى ياساپ چىقىپ پىسخىكا جەھەتتىن بېسىم قىلىپ تۇرىدۇ، ھەرقەدەمدە توسالغۇ پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ، ئېتىقادى پىرىنسىپلارنى ۋە مىللىي بىرلىك ھەمكارلىق نۇقتىلىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن ھەرساھەدىكى غالچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرىدۇ، مىللەتنىڭ ھەمكارلىق ۋە بىرلىك نۇقتىلىرىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىدىيەۋى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىدارىي، ماددىي ۋە مېدىيا قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرىدۇ، مىللەتنى بىرلىك نۇقتىلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە پارچە-پارات ئىشلار بىلەن ئاۋارە قىلىش ئۈچۈن ئازغۇن ئېقىملارنى ۋە ساختا ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ. شۇنىڭدەك ئىچكى كىرىزىس پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۈمىدسىزلىك يارىتىشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدۇ…
شۇڭا، تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالايدىغان ئىرادە ۋە ئىدىيەنى يارىتىش ئۈچۈن يۇقىرىقى ساھەلەردە تەربىيەلىنىشكە ۋە تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي