تەۋھىد ئەركىنلىكنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسىدۇر
تەۋھىد ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى ئاساسلىق بىرىنچى پىرىنسىپتۇر. ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشى تەۋھىد ئېتىقادىدىن شەكىللىنىدۇ. تەۋھىد دېگەن ئاللاھنىڭ بارلىقى، بىرلىكى، كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە بارلىق كامالەت سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەنگۈچى زات ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش دېمەكتۇر.
تەۋھىد ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىش غايىسى ۋە ئۆز تەقدىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن توغرا قەدەم باسقانلىقتۇر. ھاياتلىق، مەۋجۇدىيەت ۋە بۇ ھاياتتىن كېيىنكى باسقۇچنى چۈشىنىشتىكى ئىنسانىي لوگىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر:«ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھدىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ (بەرھەق) يوقتۇر، (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟» (فاتىر سۈرىسى، 3-ئايەت).
تەۋھىد مەۋجۇدىيەتنى، ھاياتلىقنى ۋە كائىناتنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسىدۇر. تەۋھىد ئارقىلىق ئىنسان كائىنات، ھاياتلىق ۋە يارىتىلىش غايىسىنى توغرا چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. چۈنكى تەۋھىد ئىنساننىڭ ئەقلىنى، كۆڭلىنى، قەلبىنى ۋە ۋىجدانىنى خۇراپاتلاردىن، قۇرۇق خىياللاردىن، پاسسىپ تۇيغۇلاردىن ۋە باشقا بېسىملاردىن ئازاد قىلىدۇ.
گۈزەل كەڭرى كەتكەن كائىنات ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر ، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا مۇسۇلمان ئىنسان بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدىغان بۇ كائىنات مۇسۇلمان ئىنساننىڭ ئۈلپەتداش دوستى ھېسابلىنىدۇ. كەڭرى كەتكەن بۇ كائىنات ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىگە ئىنساننىڭ خىزمىتى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغان. ئىنساننىڭ كائىنات بىلەن بولغان ئالاقىسى گۈللەندۈرۈش ئالاقىسىدۇر.
كائىناتنى ئىنسان ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئاللاھ ئىنسانغا ھايات مېتودىنى سىزىپ بەرگەن ۋە ئىسلاھات يوللىرىنى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن. كائىناتنىڭ پۈتۈن خىزمىتى بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىلگەن بۇ ئىنسان بىكاردىن بىكار يارىتىلمىغان، بەلكى بۈيۈك ھېكمەت ئۈچۈن يارىتىلغان. زېمىنغا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئىزباسارلىق قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان بۇ ئىنسان باشقا مەخلۇقلارغا نىسبەتەن ئاساسلىق مەركىزى نۇقتىنى تەمسىل قىلىدۇ.
دېمەك، كائىنات ئىنسان ئۈچۈن بويسۇندۇرۇلغان. ئىنساننىڭ كائىناتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىنسان زېھىن، ئەقىل ۋە تۈرلۈك ئىلمىي ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەنگەن. ئىنسان ئاللاھنى ئەسلىمىگەن ۋە ۋەھىي كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئىلاھىي قۇدرەتنى كۆرۈشتىن غاپىل قالغاندا، ئۆزىدە ئالاھىدە ئىقتىدار ۋە بىھاجەتمەنلىكىنى ھېس قىلىپ، كائىنات بىلەن بولغان ئالاقىسىنى توقۇنۇش ئالاقىسى قىلىۋالىدۇ.
قۇرئان كەرىم ئىنسان ئەقلىنى تەپەككۇر قىلىش ۋە نەزەر يۈرگۈزۈشتە ئەركىن قويۇۋەتكەن. داخان، باخشى، سېھىرگەرلىك ۋە جىنكەشلىكتىن تولۇق ئازاد قىلغان، شۇنداقلا ئىنساننى تەبىئەت ۋە باشقا مەۋجۇدىيەتنى تونۇشقا يېتەكلەپ ماڭغان.
قۇرئان كەرىم ئىنسانغا ئەقىلنى تەپەككۇر قىلىش، ئويلىنىش، ئەسلەش، چۈشىنىش، ئىبرەت ئېلىش، ئەقلىنى ئىشلىتىش، ئۆگىتىش، ئۆگىنىش ۋە بىلىشكە چاقىرىش ئارقىلىق بۇ ھاياتتا ھالقىلىق ئورۇن، تولۇق جۈرئەت ۋە ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش روھىنى ئاتا قىلغان.
ئەقىلنى ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكياننىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا قەدەر ئىچكىرىلەپ كىرىشتە قورقماسلىققا؛ پاكىت ئۈستىدە ئىشىنىش ئۈچۈن ئەقلى ئاڭ ۋە لوگىكىلىق بىلىشنى قۇرۇپ چىقىشتا ئارىسالدى بولماسلىققا چېنىقتۇرغان. قۇرئان كەرىم بۇ ئارقىلىق تەۋھىدنى ئەقىل ئاساسىدا چۈشىنىش ئۇقۇمىنى تەسىس قىلىپ چىققان.
دېمەك، تەۋھىد مىللەت ۋە ئۈممەتنىڭ كىملىك يولىدۇر، ئويغىنىش ۋە گۈللىنىشنىڭ ھەقىقىي ئامىلىدۇر ھەمدە ھەقىقىي ئەركىنلىكتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.