قۇرئان كەرىمدىكى سەۋەب-نەتىجىلەر ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى
قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتى كۆپ ئورۇن ئالغان، ئىلاھى قانۇنىيەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سەۋەب-نەتىجىدىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئاللاھنىڭ سەۋەب- نەتىجىدىكى قانۇنىيەتلىرى كائىناتنىڭ نىزامىنى بەرپا قىلىش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئىستىلى ۋە قىلمىشلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىلەرگە مۇكاپات ۋە جازانىڭ مۇناسىۋەتلىك بولىشىدىكى ئەسلى قائىدىدۇر. مانا بۇ ئىلاھىي ئادالەت ۋە مۇكەممەل ھېكمەتنىڭ جۈملىسىدىن. ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئىلمىنى بىلىش ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي بىلىمدۇر، قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە كۆپ ئورۇنلاردا ھاۋالە قىلغان، بۇرۇنقى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش-يىقىلىش، گۈللىنىش-ۋەيران بولۇش، ئادىل قىلىش ۋە زۇلۇم قىلىشتىن ئىبارەت ئەھۋاللىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ئىبرەت ئېلىشقا تەشەببۇس قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش روھى ئاساسىدا دۇنيا كۆرۈش ۋە زېمىندا ئايلىنىشقا بۇيرۇغان.
ئىبنى قەييۇم مۇنداق دەيدۇ:«ئەگەر بىز قۇرئان ۋە سۈننەتتىن سەۋەب قىلىشنى ئىپادىلەيدىغان دەلىل ئىزدەپ قالساق 10000دىن ئارتۇق ئورۇندا دەلىل تاپالايمىز، بىز بۇنى مۇبالىغە سۈپتىدە دېمىدۇق، بەلكى ھەقىقەت. بۇنىڭغا ھېس تۇيغۇ، ئەقىل ۋە ئىنساندىكى تەبىئىي خاراكتېرنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر… سەۋەب-چارىنى قۇرئان كەرىمدىنمۇ كۆپ ئىسپاتلىغان بىرەر كىتابنى تاپالمايسەن. سەۋەب ۋە نەتىجىنى ياراتقۇچى ئاللاھدۇر، سەۋەب بىلەن نەتىجە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ھۆكمىگە بويسۇنىدۇ. ئەگەر ئاللاھ سەۋەبنى بىكار قىلىپ تاشلاشنى خالىسا بىكار قىلىۋېتىدۇ، خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوت كۆيدۈرمىگەندەك، مۇسا ۋە ئۇنىڭ قوۋمىنى سۇ غەرق قىلىۋەتمىگەندەك. ئەگەر خالىسا ئۇ سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىنى توسۇپ قويىدۇ، خالىسا تەسىرىنى قويۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىمۇ ۋە بۇنىمۇ قىلالايدۇ» (ئىبنى قەييۇم: «كېسەلنىڭ شىپاسى»، 189-بەت).
قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن ئورۇنلاردا سەۋەب بىلەن نەتىجە ياكى مۇقەددىمە بىلەن نەتىجىنى باغلاپ مۇقەررەرلەشتۈرگەن. ئاللاھ مۇسىبەت ۋە كىرىزىسنىڭ پەيدا بولىشىدىكى قانۇنىيىتىنى بايان قىلىپ:«سىلەرگە ھەر قانداق مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ»دەيدۇ(شۇرا سۈرىسى، 30-ئايەت). مىللەتلەرنى جازالاشتىكى قانۇنىيىتىنى بايان قىلىپ:«ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق»دەيدۇ( مائىدە سۈرىسى، 13-ئايەت).
شەرىئەتنىڭ ھەممىسى سەۋەب ۋە نەتىجىدىن ئىبارەت، تەقدىرىمۇ سەۋەب-نەتىجىدىن ئىبارەت. نەتىجىلەر سەۋەبلىرىگە شەرئى ۋە تەقدىر جەھەتتىن باغلىنىپ كەتكەن. ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى مەنپەئەتلىرىمۇ سەۋەبكە باغلانغان. ئىمام غەزالى مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ ھېكمەتنى نامايان قىلىش ئۈچۈن نەتىجىلەرنى سەۋەبكە باغلاش ئارقىلىق قانۇنىيەتلىرىنى جارى قىلدۇردى، دورا باشقا سەۋەبلەرگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن بويسۇندۇرۇلغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر»(دىن بىلىملىرىنى گۈللەندۈرۈش، 285-بەت).
ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر تۇرۇقلۇق ئاسمان-زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقانلىقى بىزنىڭ سەۋەب قانۇنىيىتىگە رېئايە قىلىشىمىزغا چاقىرىقتۇر. ئاللاھ سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇدى، كىم سەۋەبىنى قىلىشىنى رەت قىلسا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.
سەۋەب-چارە قىلىش بىلەن تەقدىرگە ئىشىنىش ئەقىدىسى ئارىلىقىدا زىتلىق مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى تەقدىر سەۋەب ۋە نەتىجىگە تەڭ مۇناسىۋەتلىك:«ئى ئوغۇللىرىم! ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا-باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن»(يۈسۈپ سۈرىسى، 67-ئايەت). بۇ ئايەت دۇنيادا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان سەۋەبلەرگە رېئايە قىلىشقا ئىشارەت قىلماقتا.
شام دىيارىغا ۋابا كېسىلى تارقالغانلىق خەۋىرى ھەزرىتى ئۆمەرگە يەتكەندە شەھەرگە كىرمەي قايتىپ كېتىش قارارىنى ئالغان. شۇ چاغدا ئەبۇ ئۇبەيدە دېگەن ساھابە ھەزرىتى ئۆمەرگە:ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قاچماقچىمۇ؟دېگەندە، ھەزرىتى ئۆمەر: ئالغا ئىلگىرلىسەكمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئارقىغا چېكىنسەكمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى، دەپ جاۋاب بەرگەن.
دېمەك، نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ يولغا قويۇپ بەرگەن سەۋەب-چارىلەرنى قىلغان مۇسۇلمان، سەۋەب قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان بولىدۇ. تەۋەككۇلچىلىك دېگەن ئىمكانىيەت يېتىدىغان بارلىق سەۋەبلەرنى قىلىپ بولۇپ، نەتىجىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرغانلىقتۇر. سەۋەب-چارە قىلىشتىن قېچىش ياكى بوشاڭلىق قىلىش ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلمىگەنلىكتۇر، ئاللاھقا تايىنىپ تۇرۇپ سەۋەب-چارە قىلىش تەۋەككۇلچىلىك بىلەن زىت كەلمەيدۇ.
سەۋەبكىلا تايىنىش تەۋھىد ئەقىدىسىكى كەمچىللىكتۇر، سەۋەبلەرنى قىلماسلىق ئەقىلدىكى كەمچىللىكتۇر، سەۋەبلەردىن بىر پۈتۈن يۈز ئۆرۈش دىيانەتتىكى كەمچىللىكتۇر. شۇڭا مۇسۇلمان سەۋەبنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن قىلىدۇ، سەۋەبنىڭ ئۆزىلا ئۆزلىكىدىن نەتىجە يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىمايدۇ. ئىش-ھەرىكەتلىرىدە سەۋەبىنى قىلىپ، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدۇ.
ماددى سەۋەب قىلىش قانۇنىيتىدە مۇسۇلمان بىلەن كاپىر ئوخشاش، رىزىق تېپىش ئىش-ھەرىكەت قىلىش قانۇنىيىتىگە باغلانغان. ئارتۇق نەتىجە ئېلىپ كېلىدىغان مەنىۋى سەۋەبلەر ئاللاھقا ئىشىنىش، شېرىك كەلتۈرمەسلىك ۋە ئىخلاسقا مۇناسىۋەتلىك. مەنىۋى سەۋەبلەر ئىمانى ھالەتكە باغلىقتۇر. دېمەك، ماددى سەۋەب، ھەر قانداق ئىنسان ئۈچۈن قولايلىق. مەنىۋى سەۋەب ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن مۇسۇلمانلارغا خاس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىمانى، ئىخلاسى ۋە ئەھۋالىغا قاراپ نەتىجە قولغا كېلىدۇ.
قۇرئاندىكى سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئەمەلىي مىساللىرى
1.قۇرئان كەرىم سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە قىزىقتۇرىدۇ:
«ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن مال- مۈلكىنى سەرپ قىلغان، تەقۋالىق قىلغان ۋە قىيامەتنى تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز. بېخىللىق قىلىپ، ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان ۋە قىيامەتكە ئىمانى يوق ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز»(لەيل سۈرىسى،5-10-ئايەتلەر). بۇ ئايەتلەرگە قارايدىغان بولساق بۇ ئايەتلەر نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلار ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگە ئالدىراشقا تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا يامان ئىشلار ۋە يامان ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىدىن يىراقلىشىشقا چاقىرىۋاتىدۇ.
يۇقىرىقى ئايەتنىڭ روھىغا قارىساق مال-مۈلكىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىش، تەقۋا بولۇش ۋە قىيامەتنى تەستىقلاش ئىشلارنىڭ قولايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلارنىڭ بۇ سەۋەبلىرىنى قىلىشىنى كۈتىدۇ. شۇنداقلا ئىشلارنىڭ مۇرەككەپ ۋە قىيىن بولۇپ كېتىشنىڭ سەۋەبىمۇ ئىنسان، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىمۇ ئىنسان. بۇ ئايەت بىزگە مۇنداق مەكتۇب يوللىماقتا: مال-مۈلۈكىڭلار ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىڭلار، تەقۋا بولۇڭلار، ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمەن، مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىمەن… بېخىللىق قىلماڭلار ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىدىن قاچماڭلار، بولمىسا ئىشلىرىڭلارنى تەسلەشتۈرۈش ۋە قىينلاشتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق سىلەرنى جازالايمەن. سەۋەبچىسى سىلەر ئۆزۈڭلار!.
- ھاجەرنىڭ ساپا بىلەن مەرۋە ئارىلىقىدا يۈگۈرۈشى:
ھاجەر ئەلەيھىسسالام ساپا بىلەن مەرۋەنىڭ ئارىسىدا سۇ ئىزدەپ يەتتە قېتىم يۈگۈرىدۇ. خۇددى بۇ يەردە ئاللاھ ھاجەرگە ۋە باشقا ئىنسانلارغا ھەرىكەت قىل، سەۋەبىنى قىل دەۋاتقاندەك. بۇ ۋەقەلىك ئىنسانغا سەۋەب-چارە قىلىشنىڭ لازىملىقىنى تەلىم بېرىدۇ، بىراق نەتىجىنى سەۋەب-چارىنى ياراتقان ئاللاھدىن كۈتۈشى لازىم، بۇ ۋەقەلىك مۆمىنگە تەۋەككۇل قىلىش روھىنى ئاتا قىلىدۇ. تەۋەككۇل قىلىش ھورۇنلۇق قىلىشقا ئوخشىمايدۇ، تەۋەككۈلچىلىكتە بەدەننىڭ ئەزالىرى ھەرىكەت قىلىدۇ، قەلب بولسا تەۋەككۇل قىلىدۇ. تەۋەككۇل قىلدىم دەپ سەۋەبىنى قىلماسلىق دۆتلۈكتۇر.
3.مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ دەرەخنى ئىرغىتىشى:
قۇرئان كەرىم ھايات ئىشلىرىدا سەۋەب قانۇنىيىتىنى قوللىنىشقا چاقىرىپ:«خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلا تۆكۈلىدۇ» دەيدۇ (مەريەم سۈرىسى، 25-ئايەت). كۈچلۈك ئەر كىشىمۇ ئىرغىتالمايدىغان خورما دەرىخىنى يۆلىنىپ تۇتۇۋالغان، تۇغۇت قىيىنچىلىقىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئاجىز ئايالغا ئىرغىتىشقا بۇيرۇغانلىقى سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىدۇر. ئىنسان ھەر قانچە ئاجىز بولسىمۇ، ھەر قانداق شارائىتتا بولىشىدىن قەتئىينەزەر سەۋەبىنى قىلىپ، سەۋەبنى پەيدا قىلغۇچى ئاللاھقا تايىنىشقا بۇيرۇلغان. مەريەم ئەلەيھىسسالام چوڭ خورما دەرىخىنى ئىرغىتالىدىمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا، ئۇنى ئىرغىت دەپ سەۋەبىنى قىلىشقا بۇيرۇماستىن، دەرەخنى ئېگىپ بەرگەن بولار ئىدى. دېمەك، ھەر نەرسىنىڭ سەۋەبى بار.
4.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئىشلارنىڭ سەۋەب-ئامالىنى قىلىشى:
ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى، ئىش-ھەرىكەتنىڭ مۇقەددىمىسى بولمىسا، نەتىجىگە يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ مەخلۇقلارنىڭ ھايات قانۇنىيىتىنى سەۋەبنى نەتىجىگە باغلاش تۈزۈمىگە ئالاقىدار قىلغان. سەۋەبلەرمۇ ئاللاھ ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن سەۋەب بولىدۇ. ئىنسان سەۋەبىنى قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ياخشلىق ۋە مەنپەئەتلەر سەۋەبلەرنى مەقسەتلەرنىڭ يولى قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر:«ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۇنەين جېڭىدە ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلىكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، بۈگۈن مەغلۇب بولمايمىز دېدىڭلار، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە ئەسقاتمىدى»(تەۋبە سۈرىسى، 25-ئايەت). بۇ ئايەتتە ئاللاھ سەۋەبلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئاللاھدىن غاپىل قالغان ئادەملەرنىڭ سانى ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ، ھېچ نەرسە ئەمەس دەپ رەددىيە بەردى.
ۋەھىي ئارقىلىق مەدەت ۋە ياردەمگە ئېرىشىپ تۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ سەۋەب-چارىلەرنى قىلىشتىن غاپىل قالمىغان، ساھابىلىرىنى دائىم دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە سەۋەب قانۇنىيىتىگە رېئايە قىلىشقا يۈزلەندۈرۈپ تۇراتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ھىجرەت قىلىش سەپىرىگە قارايدىغان بولساق، بىر بۆلەك سەۋەبلەرنىڭ نەتىجىسىدىن غەلىبە قىلغان. رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر تۇرۇپمۇ سەۋەب قىلىشنى تاشلاپ قويمىغان.
دېمەك، ئىلاھىي قانۇنىيەت نەتىجىنى سەۋەبلەرگە باغلاش ئاساسىدا جارى بولىدۇ، بىراق سەۋەبنىڭ ئۆزى ئۆزلۈكىدىن تەسىر بېرىش ۋە نەتىجە پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. سەۋەبنىڭ تەسىر كۈچىنى پەيدا قىلغۇچى ئاللاھدۇر، ئاللاھ تەقدىرى ۋە ئىرادىسى بىلەن نەتىجىلەرنى سەۋەبلەرگە باغلايدۇ. ئىنسان سەۋەبىنى قىلىش ۋە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى قانچىلىك ئورۇنلىيالىسا، ئاللاھ نەتىجىلەرنى شۇنچىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.
ئاللاھ كائىنات ۋە ھاياتتا ئورۇنلاشتۇرغان سەۋەبلەرنى ئېلىش توغرىسىدا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمە ياسىشى، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە قوللانغان سەۋەبلىرى، زۇلقەرنەيننىڭ سەۋەبلەرنى ئىشقا سېلىشى… غا ئوخشاش مىساللار قۇرئاندا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئىسلام دىنى ئاللاھ بەندىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن سەۋەبلەرنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. تەۋەككۇل قىلىش ھەرگىزمۇ سەۋەب-چارىلەرنى قوللىنىشقا زىت كەلمەيدۇ. ھەقىقى تەۋەككۈلچىلىك قەلب بىلەن ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرگەن ئىش ھەرىكەتتۇر. سەۋەب قىلماي تۇرۇپ، تەۋەككۇل قىلىش ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئاجىزلىقتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى