2024-يىل 16-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىلاھى قانۇنىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

ئىلاھى قانۇنىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

 

قانۇنىيەت: ئاللاھنىڭ كائىنات، ھايات ۋە ھاياتلىققا تەۋە نەرسىلەرنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قانۇنىيىتىدۇر، ياكى ئاللاھنىڭ كىشىلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئىستىلى ۋە ئىلاھى مېتودقا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە نىسبەتەن ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان قانۇنىيىتىدۇر.

قانۇنىيەتلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

 

1.كائىنات خاراكتېرلىك داۋاملىشىۋاتقان قانۇنىيەت:

كائىنات خاراكتېرلىك قانۇنىيەتلەر كائىنات ۋە ھاياتنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئاسمان جىسىملىرى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىدىن توختاپ قالمايدۇ ۋە باشقا جىسىملار بىلەن سوقۇشۇپ كەتمەيدۇ. زېمىندا بولسا گازنىڭ نىسبىتى، مەدەن ۋە سۈيۈقلۈقلارنىڭ سۈپەتلىرى ۋە مەخلۇقلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتلەر بار.

 

2.ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەر:

 

ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سادىر بولغان ئىش-ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتلەردۇر. بۇ قانۇنىيەتلەر ئىنساننىڭ ياخشى ياكى يامان ئىختىيارى ئىش-ھەرىكەتلىرىگە چېتىلغان نەتىجىلەرنى بەلگىلەپ بېرىدىغان قانۇنىيەتلەر. ئىنسانلارنىڭ تەرەققى قىلىشى ياكى ئارقىدا قېلىشى، بەختلىك بولىشى ياكى بەختسىز بولىشى مۇشۇ قانۇنىيەتلەرگە باغلىقتۇر.

قۇرئان كەرىم كائىنات قانۇنىيەتلىرى بىلەن ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى باغلاپ تۇرىدىغان شەكىلدە قانۇنىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان:«ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»(ھەج سۈرىسى،61-ئايەت). بۇ ئايەتتە سەبىر قىلغان ئادەمگە ئاللاھنىڭ نۇسرەت بېرىدىغانلىقى بىلەن كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى ئارىسىدا باغلىنىش بار. كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى شارائىت ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەتتۇر، چۈنكى مەغلۇب بولغان ئادەم غالىب ئادەمگە، غالىب ئادەم مەغلۇب بولغان ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ. كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ مۇددىتى بەزىدە ئۇزۇن، بەزىدە قىسقا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا قادىر بولغان چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە زات ئەلۋەتتە ئاجىز ئىنساننى كۈچلۈك ئىنساندىن غالىب قىلىشقا قادىردۇر.

ئىنسان كائىنات بىلىملىرىدە تەرەققى قىلىپ ئالەم كېمىسى ياساپ ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان خەلقئارا ئىنتېرنېت تورىنى ئىجات قىلىپ، تۈرلۈك ساھەلەردە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگە مۇراجەت قىلماستىن ھىس قىلىپ يەتكىلى بولمايدۇ.

 

3.ئادەتتىن تاشقىرى قانۇنىيەتلەر:

 

ئادەتتىن تاشقىرى بولغان قانۇنىيەتلەر ئىنسانلارنىڭ بىلىشىدىن ھالقىپ كەتكەن قانۇنىيەتتۇر. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىز بولۇپ، قانۇنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. ئاللاھ مۇتلەق قۇدرىتى ئارقىلىق پەيغەمبەرلەرنى مۆجىزە بىلەن، تەقۋا ۋە ياخشى كىشىلەرنى كارامەت بىلەن قوللايدۇ. مۆجىزە ياكى كارامەت كۆرۈلسە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە چەكسىز قۇدرىتىگە قارىتا ئىنساننىڭ تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ.

ئادەتتىن تاشقىرى بۇ قانۇنىيەتلەر ئومۇمىي مۇقىم قانۇنىيەتلەردىن ئايرىم مۇستەسنا قانۇنىيەتلەر بولۇپ، ئادەتتىكى سەۋەبلەرنى تولۇق قىلغانلارغا ئاللاھ ئىرادە قىلغاندا يۈز بېرىدۇ. بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ يولى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئوچۇق ئەمەس.

 

ئابدۇراھمان كاشىغەرى