قۇرئان چۈشەنچىسىدە بايلار ۋە ئىسلاھاتچىلارنىڭ تالاش-تارتىش قىلىشتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى
بۇ يەردە مال ئىگىلىرىدىن مەقسەت ھالال-ھارام، پەزىلەت-رەزىللىك، ھەق ۋە باتىلغا پسەنت قىلماستىن مال-دۇنيانى ئاساسلىق غايە ۋە نىشان قىلىۋالغانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بولمىسا مال-دۇنيا ھاياتنىڭ تومۇرى، ھالالدىن كەلگەن مال-دۇنيا ياخشى ئادەمنىڭ قولىدا تۇرسا نېمىدېگەن ياخشى نېمەت ھە!.
مال-دۇنيا ئىگىلىرى يەنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بايلار زامانلار بويى ئىسلاھاتچىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن. چۈنكى بايلارنىڭ بايلىقى ئىقتساد تۈزۈمگە بويسۇنماسلىق ۋە ھالال-ھارامغا دىققەت قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇلار كۆپلىگەن پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىداچەكلىمىگە بويسۇنمايدۇ.
قۇرئاندا بىر قانچە ئورۇندا شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىنىڭ جىڭ-كەمچەننى كېمەيتىپ پۇل تېپىش ۋەقەلىكى بىلەن قارۇننىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان… ھالال-ھارامنى ئايرىمايدىغان بايلار بىلەن ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش كۈرىشىدىكى قانۇنىيەتلەرنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىش مۇمكىن.
1.ئايەت تەسۋىرلەپ بەرگەندەك ئىقتىساد ئىگىلىرىنىڭ سۈپەتلىرى:
مال-دۇنيانى ۋاسىتە ئەمەس غايە، ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ۋە يۇرتلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ چارىسى ئەمەس، نىشان قىلىۋالغان كىشىلەر ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا ئۆزگەرمەيدىغان بىر قانچە سۈپەتلەرگە ئىگە بولىدۇ:
(1).زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش:
ئۇلار مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن يۇرتلارنى خاراب قىلىدۇ، ئىنسانلارنى قۇل قىلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتتىكى ۋەزىپىسىنى ئېگىز-پەس قىلىۋېتىدۇ. پەيغەمبەر ۋە ئىسلاھاتچىلار بۇ تۈردىكى قىلمىشلاردىن توسىدۇ:«ئۆلچەم ۋە تارازىنى توغرىلاڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا گۇناھلار قىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر(ئەئراف سۈرىسى، 85-ئايەت).
ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئىقتىسادى بۇزغۇنچىلار ئىسلاھاتچىلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۆھمەت قىلىدۇ. مانا پاساتچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئۈچ تۈرلۈك نامايەندىلىرى بولغان قارۇن، ھامان ۋە پىرئەۋن ئوخشاش تىل بىلەن:«پىرئەۋن ئېيتتى:«مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقمەن»(غاپىر سۈرىسى، 26-ئايەت)دېگەن.
(2).ئۇلار كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كېمەيتىۋېتىدۇ:
بۇ ئىقتىساد ئىگىلىرى كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كېمەيتىۋېتىدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ ئۆلچىمى بىنورمال، تارازىسى ئۆلچەمسىز، نەرسىلەر ۋە شەخسلەرگە قارىتا كۆز-قارىشى تەبىئىي ئەمەس:«ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆلچەمنى توغرا ئۆلچەڭلار، تارازىنى توغرا تارتىڭلار، كىشىلەرگە نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە-پاسات تېرىماڭلار»(ھۇد، 85-ئايەت).
بۇلار مال-دۇنياغا بولغان كۆز-قارىشىدىن شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ دەۋىتىنى توغرا كۆرمىدى:«ئۇلار: ئىي شۇئەيب! سېنىڭ نامىزىڭ (يەنى دىنىڭ) سېنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) بىزنى تاشلاتقۇزۇشقا ياكى ماللىرىمىزنى خالىغىنىمىزچە تەسەررۇپ قىلىشىمىزنى تەرك ئەتكۈزۈشكە بۇيرۇمدۇ؟ دېيىشتى»(ھۇد سۈرىسى، 87-ئايەت).
(3).ئەگرىلىكنى ئىزدەيدۇ:
بۇلار ئىسلاھاتنى خالىمايدۇ ۋە ياخشىلىنىشنىمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىنى خالىمايدۇ. بەلكى كىشىلەرنىڭ ئەگرى، تەرتىپسىز ياشىشىغا ھەرىكەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغىلى بولىدىغان مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشايدۇ. باشقىلارنىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش خاتا يولغا باشلاشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يولىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى توسۇپ:«سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇنىڭ يولىنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار، ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار»(ئەئراف سۈرىسى، 86-ئايەت). دېمەك، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى كىشىلەر ئىزدەۋاتقان يولىنىڭمۇ خاتا بولىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ.
(4).ئۇلارنىڭ نەرسىلەر ۋە كىشىلەرگە قارىتا ئۆلچىمى
بۇ خىل تۈردىكى ئىقتىساد ئىگىلىرى ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى «قانچە»، «قانداق»دېگەندەك باھا ۋە پۇل ئېتىبارى بۇيىچە كۆرىدۇ. ھۈنىرى بۇلارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇلارنىڭ كۆز-قارىشىنى كۆزىتىپ تەنقىد قىلغان:«قەۋمنىڭ ئاقساقاللىرى: ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر»دېگەن(ئەئراف، 90-ئايەت).
قۇرئان ئۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ قىممىتىگە بولغان چۈشەنچىسىگە رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنى زىيان تارتقۇچىلار ۋە ھالاك بولغۇچىلار دەپ سۈپەتلىگەن:«شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) گويا بۇ يەردە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى، شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى» (ئەئراف سۈرىسى، 92-ئايەت).
بۇلار ھۆرمىتىنى پەقەت ئىقتىساد ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ، شەرىپىمىز پۇلنىڭ كۈچى ئارقىلىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئاچكۆزلۈكى تويمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىقتىسادنى بىردىن-بىر ئارزۇسى دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىنى ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ تۆۋەن كۆرىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتقا قارىتا كۆز-قارىشى، نەرسىلەر ۋە كىشىلەرگە بولغان باھاسىدۇر.
(5).زېمىندا يوغانچىلىق قىلىش:
ئۇلار باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدۇ، باشقىلارنى ياراتمايدۇ. چۈنكى بۇلار ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىدا باشقىلار ئىگە بولالمىغان نەرسىگە ئىگە بولغانلار، بۇلار ئىنساننىڭ قىممىتىنى ئىقتساد ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ:«شۇئەيبنىڭ قەۋمنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى:«ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ(يەنى ساڭا ئېيتقانلار) بىلەن قوشۇپ شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك»دېدى. شۇئەيب:«بىز بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى يامان كۆرىدىغان تۇرساق بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر»دېدى (ئەئراف سۈرىسى، 88-ئايەت).
قۇرئان كەرىم مەنپەئەتى بىرلىشىپ كەتكەن، چېكىدىن ئاشقان قارۇن، پىرئەۋن ۋە ھاماندىن ئىبارەت ئۈچ كىشىلىك گۇرۇھ ھەققىدە:«مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى، ئۇلار ئازابىمىزدىن قېچىپ كېتەلمىدى»دېگەن (ئەنكەبۇت سۈرىسى، 39-ئايەت).
2.ئىقتىساد ئىگىلىرىنىڭ ئىسلاھاتچىلارغا بولغان پوزىتسىيىسى:
دەۋرلەر مابەينىدە ئىقتىساد ئىگىلىرىنىڭ ئىسلاھاتچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيىنى ۋاقىت ۋە ھايات رېئاللىقى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بەرمەكتە.
(1).ئىسلاھاتچىلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش ياكى ئۇلارنى دىندىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش:
قۇرئان كەرىم شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىدە بۇ نۇقتىنى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان :«شۇئەيبنىڭ قەۋمنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى:«ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ(يەنى ساڭا ئېيتقانلار) بىلەن قوشۇپ شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك»دېدى. شۇئەيب:«بىز بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى يامان كۆرىدىغان تۇرساق بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر» دېگەن (ئەئراف سۈرىسى، 88-ئايەت). مانا بۇ ئىقتىساد ئىگىلىرىنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى پوزىتسىيىسىدۇر.
(2).دەۋەتكە توسقۇنلۇق قىلىش:
ئايەتلەرگە تەكشۈرۈش نەزىرى بىلەن قارىغان كىشى ئۇلارنىڭ ئىسلاھاتچىلارنىڭ دەۋىتى ۋە ۋەزىپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇلار يولدا تۇرۇۋېلىپ، ئۇچرىغانلىقى كىشىلەرگە ئىسلاھاتچىلارنى يامان كۆرسىتىدۇ. (ئەئراف سۈرىسى، 86-ئايەتكە قاراڭ).
(3).ئىسلاھاتچىلارنى مەسخىرە قىلىدۇ:
ئۇلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىقتىساد ئىگىلىرى ئىسلاھاتچىلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ:«ئۇلار:«ئى شۇئەيب! بىز سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭىنىڭ نۇرغۇنىنى چۈشەنمەيمىز. بىز ئەلۋەتتە سېنى ئارىمىزدا كۈچسىز ئادەم دەپ قارايمىز، سېنىڭ قەۋم قېرىنداشلىرىڭ بولمىغاندا ئىدى، بىز سېنى چوقۇم تاش-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەتتۇق، سەن بىزگە ئەتىۋارلىق ئەمەسسەن»دېدى»(ھۇد سۈرىسى، 91-ئايەت).
ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى سېھرىگەر دەپ سۈپەتلىگەن ئەمەسمۇ؟ بۇلار بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىسلاھاتچى ۋە دەۋەتچىلەرنى ئارقىدا قالغانلار ۋە قاتماللار، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرماقچى، مىللەتنى كەينىگە چېكىندۈرمەكچى، بۇلارغا ئارىلىشىپ قالساڭلار ئىككى پۇتۇڭلار بىر ئۆتۈككە تىقىلىدۇ… دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن خەلقلەرنى ئۇلاردىن قاچۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
3.ئاللاھنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا قانۇنىيىتى:
ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى پەيغەمبەرلەر، دەۋەتچىلەر ۋە ئىسلاھاتچىلار بىلەن قارشىلاشقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، پەيغەمبەر ۋە دەۋەتچىلەرنى مەسخىرە قىلغان، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى كېمەيتىپ قويغان، زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلارنى ھالاك قىلىشتىن ئىبارەت بىر تەرتىپتە داۋاملىشىپ كەلدى.
شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئاگاھلاندۇردى، ئۇلارنىڭ كاپىرلىق قىلىپ، ناھەقچىلىقتە قارشىلاشقىنىنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەس دەپ نەسىھەت قىلدى، ئۇلارنى بۇرۇنقىلارنىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىردى: «بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراڭلار»(ئەئراف سۈرىسى، 86-ئايەت).
ئۇلار ھەقنى ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەت پايدا قىلمىدى، شۇ چاغدا ئاللاھنىڭ كېچىكمەس قانۇنىيىتى ئۇلارغا تەتبىقلاندى، مۆمىنلەر نەتىجە قازاندى. ئىمان ئېيتماي، دەۋەتكە قارىشى تۇرغانلار ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچراپ ھالاك بولۇشتى.
قارۇن مال-دۇنياسىغا تايىنىپ پەيغەمبەرلەر، دەۋەتچىلەر ۋە ئىسلاھاتچىلارغا قارىشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يەر يۈتۈپ كەتتى. مال-دۇنيانى ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ۋە ياخشى كۆرمىگەن كىشىگە بېرىدۇ، ئاخىرەتنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىگىلا بېرىدۇ. مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئادالەتسىزلىك قىلمايدىغان قانۇنىيتىدۇر:«ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى» (ئەنكەبۇت 40-ئايەت).
4.كائىنات قانۇنىيەتلىرى بىلەن ئىلاھىي قانۇنىيەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە:
كائىنات كۆرۈلىدىغان كىتاب، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىدىغان كىتاب، قۇرئان كەرىم بايان قىلغىنىنى كائىنات ۋە رېئاللىق قوللايدۇ. قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ سۆزى، كائىنات ئاللاھنىڭ سانائىتى، ئاللاھنىڭ سۆزى ھەرگىزمۇ سانائىتىگە زىت كەلمەيدۇ.
ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ ۋە ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. كائىنات قانۇنىيەتلىرى بىلەن ئىلاھىي قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاجايىب باغلىنىش ئالاقىسى بار:«ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار»ئەنكەبۇت سۈرىسى، 44-ئايەت). بۇ مىساللارنى ئەقىللىق ئادەملەردىن باشقىلىرى چۈشىنەلمەيدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى