2024-يىل 6-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش قانۇنىيىتى

بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش قانۇنىيىتى

بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش ئاللاھنىڭ ئىجتىمائىي قانۇنىيىتى. ئىنسان يەككە شەكىلدە ياخشىلىق ۋە يامانلىق تۇيغۇلىرى ئارىسىدىكى بىر-بىرىنى ئىتتىرىش ۋە رىقابەتلىشىش دائىرىسىدىن خالىيي بولالمايدۇ. بىر-بىرىنى ئىتتىرىش ۋە رىقابەتلىشىش تەرەققىيات، پائالىيەتچانلىق يولى ۋە ھاياتلىقنىڭ نامايەندىسى.

بۇ قانۇنىيەت قۇرئان كەرىمدە ئىككى ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان:«ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابىلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» (بەقەر سۈرىسى، 251-ئايەت). بۇ ئايەت تالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە بوزەك قىلىنغانلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتالىغانلىقىغا ئىلاۋە سۈپتىدە كەلگەن.

بۇ قانۇنىيەتنى بىلمەسلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھەزارەت جەھەتتىن يىقىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبدۇر،چۈنكى بۇ قانۇنىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرمەسلىك زېمىندا پاساتچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ قانۇنىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش جەمئىيەتنى بۇزغۇنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلاردىن تازىلاشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇزغۇنچىلىق تارقىلىپ كەتسە ئىبادەت ئورۇنلىرىدىن تارتىپ ھېچقانداق ئورۇننى چالا قويمايدۇ.

كۈچلۈكلەر شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇشتا ئاجىزلارنىڭ زىيىنىغا كېرىلىپ يۈرسە، بۇ ھەق ئىگىلىرىنىڭ نەزىرىدە غەزەپ پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە ئىتتىرىش ۋە قارشى تۇرۇش ھالىتى شەكىللىنىدۇ. ئاجىزلار ئەزىيەتكە ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ سەۋر قىلىشىنى ۋاسىتە قىلىۋالاتتى، بىراق مەزلۇملارنىڭ سانى كۆپەيگەنچە، ئۇلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ياردەملىشىدۇ. تاقابىل تۇرۇش ۋە بىر بىرىنى ئىتتىرىش قانۇنىيىتى ھەق ئىگىلىرى بىلەن ناھەق ئىش قىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ.

تەبىئىيىتى ناچار ئىنسان باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە پسەنت قىلمايدۇ، بۇزغۇنچىلار ئۆز مەنپەئەتلىرىنى توسالغۇسىز قولغا كەلتۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قالسا، بۇ قىلمىشلىرىنى تەكرارلايدۇ ۋە ئورۇنسىز شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇشنى ئىزدەۋاتقان بۇزغۇنچىلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇزغۇنچىلىق جەمئىيەتتە تاراپ كېتىدۇ. بىر-بىرىنى ئىتتىرىش، تاقابىل تۇرۇش، بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىنسانلار دۇنياسىدا يۈز بەرگەن بىر-بىرىنى ئىتتىرىش قانۇنىيىتىدىن بارلىق مەخلۇقلار بەھرىمەن بولىدۇ.

ئاللاھ ھەق ئىگىلىرىگە مۇمكىن بولغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، باتىل ئېقىمدىكىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان. مەسىلەن، سۆز ئارقىلىق كۆرەش قىلىش، سىياسى كۆرەش قىلىش، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش، ئامال تاپالمىغاندا تاقابىل تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش…قا ئوخشاش.

بۇزغۇنچىلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەق ئىگىلىرىگە قارشى تۇرۇشى، ھوقۇقلىرى ۋە ھارام ماللىرىنى ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىشى تەبىئىي. بەزىبىر جىنايەتچىلەر بەزى ۋاقىتلاردا ياخشى كىشىلەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، بەزى بىر ياخشى ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ خەلقنى ئالداش ئۈچۈن قىلىپ قويغان ياخشى ئىشلىرىغا پارىخورلۇق، خىيانەت قىلىش ۋە سەل قاراش دېگەندەك بۇزغۇنچىلىق ۋە پاساتچىلىق ئارىلىشىپ غايىسىدىن بۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا بۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

ئىسلام ئۇممىتى بۇ قانۇنىيەتنىڭ روھى ئاساسىدا قانداق ھەرىكەت قىلىدۇ؟

ئىسلام ئۈممىتى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ باتىل ئېقىمگە تاقابىل تۇرۇش ۋە بىر-بىرىنى ئىتتىرىش ھالىتىدە ياشىماقتا. ئۈممەت روھىدا ئومۇميۈزلۈك ئاتلىنىشنىڭ پەيدا بولىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىم بۇ مەزمۇننى ئوچۇق بايان قىلماقتا:«ئۇلار قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ»(بەقەر ،217-ئايەت).مۇسۇلمانلار بۈگۈن ئىچكى نۇقتىدىن دۈشمەننىڭ چوماقچىلىرى ۋە سىرتقى جەھەتتىن دۈشمەنلەر بىلەن كۆرەش ئىچىدە ياشىماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى ئىسلام ئۈممىتى باشقىلارنىڭ ئاداۋىتىگە دۇچ كەلمەكتە، چۈنكى مۇسۇلمانلار بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى مىراس ئالغانلاردۇر، شۇنداقلا«جۇغراپىيلىك  ئورنى ۋە روھىيىتى»جەھەتتىن ھەر قانداق بىر ئىشتا ئوتتۇراھال يول تۇتقان ئۈممەتتۇر.

بۇ قانۇنىيەت بىلەن ئۈممەتنىڭ ئېڭىنى روھلاندۇرۇش:

1.رەسۇلۇللاھ:«باشقا مىللەتلەر خۇددى داستىخاندىكىلەر ئۆز-ئارا ئالسىلا، باقسىلا دېگەندەك سىلەرگە قارشى ئىتتىپاقلىۋىلىشى مۇمكىن»دېگەندە، ساھابىلەر: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىزنىڭ سانىمىزنىڭ ئازلىقىدىن شۇنداق بولامدۇ؟»دەپ سورىغان. رەسۇلۇللاھ جاۋاب بېرىپ:«ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇ كۈندە سىلەرنىڭ سانىڭلار كۆپ بولىدۇ، بىراق لەشكە ئوخشاش روھسىز بولۇپ قالىسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنىڭ قەلبىدىن سىلەردىن ئەيمىنىشنى ئېلىپ تاشلاپ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ئاجىزلىقنى سېلىپ قويىدۇ؟»دېگەن. ساھابىلەر:«قايسى تۈردىكى ئاجىزلىق؟»دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ:«دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ۋە ئۆلۈمدىن قورقۇش»دەپ جاۋاب بەرگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).

دېمەك، ئاخىرەتنى ئۇنۇتۇپ ياكى دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرۈپ، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ يولىدا بەدەل تۆلەشتىن قېچىش بارلىق ئاپەتلەرنىڭ باشلىنىش سەۋەبىدۇر.

2.بارلىق مۇسۇلمانلاردا ئىماننى تەرەققى قىلدۇرۇش. چۈنكى ئىمان ئىنساننى ئۈممەتنىڭ مەسىلىلىرى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئىچكى ئىتتىرگۈچى كۈچتۇر. بۇ كۈچ ئارقىلىق رىقابەت ۋە خىرىسلار ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا ئىتتىرىدىغان ئامىللارغا ئۆزگىرىدۇ.

3.ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇش ئۇقۇمىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش.

4.مۇداپىئەلىنىش ئۇسۇللىرىنى بىلىش. ئىدىيە، تەشۋىقات ۋە ئىقتىساد ئۇسۇللىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مەدەنىيەت جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. مۇسۇلمان بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يۇقىرىقى بۇ كرىزىسلارنى ھېس قىلىشى لازىم، تەسلىم بولسىلا باشقىلار يۈتۈپ كېتىدۇ.

باشقىلار ئىدىيە كۈرىشى دائىرىسىدە توقۇنۇشتىن خالىيي دۇنيا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن راۋاجلاندۇرۇۋاتقان دىنلار بىرلىكى، ئىنسانىي مەدەنىيەت بىرلىكى…دېگەندەك يالغانچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

5.ئىسلامنىڭ شەرىپى، ھەزارىتى ۋە ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇشى ئۈچۈن بىر-بىرىنى ئىتتىرىش ۋە تاقابىل تۇرۇش قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىش لازىم. بۈگۈنكى ئاساسلىق كۈرەش ئىدىيە ۋە ھەزارەت كۈرىشىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى