تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىش قانۇنىيىتى
ئىشلارنى تەدرىجىي قىلىش ئاللاھنىڭ كائىنات ۋە ئالەمدىكى ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى. ئاللاھ ئاسمان-زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، بولمىسا ئاللاھ كائىناتنى «بول»دېگەن سۆزى بىلەن كۆزنى يۇمۇپ ئېچىپ بولغۇچە يارىتىشقا قادىر زات ئىدى. ئاللاھ بەندىلىرىگە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئىش قىلىش ۋە سەۋر قىلىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئالەمنى ئالتە كۈندە ياراتقان.
ئىشلارنى تەدرىجىي قىلىش ئاللاھنىڭ ئادەمنى يارىتىشتىكى قانۇنىيىتىدۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇپراق، سۇ، لاي ۋە ساپال باسقۇچى ئارقىلىق يارىتىلغاندىن كېيىن، ئاندىن روھ كىرگۈزۈلگەن. نەتىجىدە بۇ مەخلۇق ئىنسان بولۇپ يارىتىلغان. ئادەم پەرزەنتلىرىنىڭ يارتىلىشى بىر قانچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن.
دېمەك، تەدرىجىيلىك ئاللاھنىڭ ئالەم ۋە ئىنساننى يارىتىشتىكى ئىزچىل داۋاملىشىدىغان كائىنات قانۇنىيىتى. شۇنىڭدەك ئاللاھ ئىنسانغا كۆيۈنۈپ ساماۋىي شەرىئەتلەرنىڭ يۆلىنىشىنىڭمۇ تەدرىجىي بولۇشىنى ئىرادە قىلغان. ھەممە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ئەسلىسى بىر بولسىمۇ، شەرىئەتلەر مىللەتلەرنىڭ رېئاللىقىغا قارىتا ۋە ئەقلىي سەۋىيىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە قارىتا تەدرىجىي كەلگەن.
رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرى ۋە تەدرىجى ئىسلاھ قىلىش قانۇننىيىتى
ئىسلام شەرىئىتىدىمۇ تەدرىجىي يول تۇتۇش رىئايە قىلىنغان. ئەڭ ئاخىردا كەلگەن ئىسلام شەرىئىتى 13 يىل داۋاملاشقان مەككە دەۋرىدە مۆمىن ئىنسان، مۆمىن جامائەت ۋە يېگانە ئەۋلادلارنى ئىماننىڭ قىممەت-قاراش قۇرۇلمىسىغا ئۇيغۇن ھالدا يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يىلتىز خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش قەدىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى باشلىدى.
10 يىل داۋاملاشقان مەدىنە باسقۇچىدىكى ئەھۋالمۇ شۇنداق بولدى. مۆمىن جامائەتنىڭ ھەزارەت ۋە ھەزارەت ئاساسلىرىغا ئىگە بولىشى ئىسلام شەرىئىتىنى تەتبىقلاشتا «تەدرىجىي»قەدەم باسماي، «سەكرەش» ئارقىلىق قولغا كەلمىگەن. پارچە-پارچە تەدرىجىي چۈشكەن ۋەھىي شەرىئەتنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە تەتبىقلىنىشىغا ماسلىشىپ ماڭغان، چۈنكى شەرىئەتنى تۇرغۇزىدىغان ئىنسان تەدرىجىي ئۆزگىرىدۇ ۋە شەرىئەتنى قوبۇل قىلىدىغان شارائىتمۇ تەدرىجىي تەييار بولىدۇ.
مەسىلەن، شەرىئەتنىڭ مىراس تۈزۈمى ۋەھىي چۈشۈشكە باشلاپ 16 يىلدىن كېيىن ھىجرىينىڭ ئۈچىنچى يىلى تەتبىقلانغان. شەرىئەتنىڭ ئائىلە تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە تەتبىقلىنىشى ھىجرىيىنىڭ يەتتىنچى يىلى تولۇق يولغا قويۇلغان، يەنى ۋەھىي چۈشۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ 20 يىلدىن كېيىن تاماملانغان. جىنايى ئىشلار تۈزۈمىنىڭ ماددىيمۇ-ماددا يولغا قويۇلىشى ۋە تەتبىقلىنىشى ھىجرىيىنىڭ سەككىزىنچى يىلى پۈتۈپ چىققان، يەنى ۋەھىي چۈشۈپ 21 يىلدىن كېيىن تاماملانغان.
ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىش ئەھكاملىرى ئۇنى ئەيىبلەش، ئاگاھلاندۇرۇش باسقۇچلىرىدا تەدرىجىي قەدەم بېسىپ، ھىجرىيىنىڭ ئۈچىنچى يىلى كەسكىن چەكلەنگەن. جازانىنىڭ ھارام قىلىنىشى يېڭى ئىسلام جەمئىيىتىدە ئىسلام ئىقتىساد تۈزۈمى يارىتىلىپ، جاھىلىيەت ئىقتىساد تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا چۈشكەندىن كېيىن ھىجرىيىنىڭ توققۇزىنچى يىلى چەكلەنگەن.
سودا-سېتىق ئەھكاملىرىدىن سىرت كۆپلىگەن ئىسلام ئەركانلىرىدىمۇ تەدرىجىيلىك رىئايە قىلىنغان. مەسىلەن، ناماز تولۇق شەكلى بىلەن ھىجرەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن«ئىسرا-مىراج كېچىسى»دە تولۇق يولغا قويۇلغان. روزا، زاكات ۋە ھەج ئىبادەتلىرى مەدىنىدە پەرز قىلىنغان.
ھەممە نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن ياراتقان ۋە تەقدىر قىلغان ئاللاھ تەدرىجىيلىك قانۇنىيىتىنىڭ ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسىدە قائىدە بولىشىنى ئىرادە قىلغان. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشكە قائىدە بولالايدىغان رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسى بار:«زۇلۇم مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇزۇنغا قالماي پەيدا بولىدۇ، زۇلۇمدىن ئازراق نەرسە ئاشكارا بولسا، شۇنىڭ باراۋېرىدە ئادالەت يوقاپ كېتىدۇ. ھەتتاكى زۇلۇم ئىچىدە تۇغۇلۇپ، زۇلۇمدىن باشقىسىنى بىلمەيدىغانلار تۇغۇلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئادالەتنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئادالەتتىن ئازراق كەلسە، زۇلۇمدىن شۇنچىلىك مىقداردا يوقىلىدۇ. ھەتتاكى ئادالەتتىن باشقىنى بىلمەيدىغانلار تۇغۇلىدۇ»(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).
دېمەك، ئادالەت ۋە زۇلۇم، ئىسلاھات ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتتۇر. ئادالەت ۋە زۇلۇم، ئىسلاھات ۋە پاساتچىلىق تەدرىجىي ئايلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ئۆزگىرىش تەدرىجىي قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ. مەسىلەن، قانچىلىك مىقداردا زۇلۇم ۋە بۇزغۇنچىلىق ئاشكارا بولسا، شۇنچىلىك مىقداردا ئادالەت ۋە ئىسلاھات يوقاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىدىكى ئەھۋالمۇ شۇنداق ئايلىنىدۇ. كۈننىڭ چىقىش ۋە پېتىشىمۇ ئۇشتۇمتۇت ياكى سەكرەپ بولمايدۇ، بەلكى تەدرىجىي قانۇنىيەت بويىچە بولىدۇ.
ئىسلام تارىخى ۋە تەدرىجىيلىك قانۇنىيىتى
رەسۇلۇللاھ ۋە خۇلەپائى راشىدىنلار دەۋرىدىن كېيىن، ئىسلام جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن ئىجابىيلىق ياكى سەلبىيلىك، بۇزغۇنچىلىق ياكى بۇزغۇنچىلىقتىن غالىب كەلگەن ئىسلاھات ئۆزگىرىشىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنگەن كىشى ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش قانۇنىيىتىنىڭ تەدرىجىي بولىدىغانلىقىنى بايقىيالايدۇ.
بۇ دەۋردە ئىسلامنىڭ قىممەت-قاراش، كېڭەش قىلىش ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۆزگىرىشلەر ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرمىگەن. بەلكى زۇلۇم، بۇزغۇنچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىك يۆنىلىشىدە تەدرىجىي قانۇنىيەت ھۆكۈم سۈرگەن.
مۇجەددىد بەشىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ دەۋرىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت ئۆزگىرىشىمۇ تەدرىجىي ھاسىل بولغان. بۇ خەلىپىنىڭ دەۋرىدە زۇلۇمنىڭ ئورنىغا ئادالەت، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئورنىغا ئىسلاھات ئورنىغان، زۇلۇم قىلىنغانلار ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېرىشكەن. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۇشتۇمتۇت ياكى بىر سەكرەپ يۈز بەرمىگەن، بەلكى تەدرىجىي قانۇنىيەت ئارقىلىق باشلانغان.
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بايلىق ۋە ئىقتىساد مەيدانىدا ئۆزىگە بۇرۇنقىلاردىن مىراس قېلىپ، ئىسلام جەمئىيىتىنى زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە تەدرىجىي سۆرەپ ماڭغان ئۆزگىرىشلەرنى سۈپەتلەپ:«ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بارلىق كىشىلەرگە-ئازاب سۈپتىدە ئەمەس-رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن، ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغان. ھەممە ئىنسانلارنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن ئۆستەڭ قالدۇرغان. ئاندىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مۇسۇلمانلارغا خىزمەت قىلىپ، ئۆستەڭنى ئۆز ھالىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن، ئاندىن ھەزىرىتى ئۆمەر خىزمەت قىلىپ ئەبۇ بەكرىگە ئوخشاش ئىش قىلىپ ماڭغان. ھەزرىتى ئوسمان مۇسۇلمانلارغا ۋالى بولغان چاغدا ئۆستەڭدىن يەنە بىر ئۆستەڭ تارماقلىنىپ چىققان، ئاندىن مۇئاۋىيە ۋالى بولغاندا ئۇ ئۆستەڭدىن بىر قانچە ئۆستەڭلەر تارماقلىنىپ كەتكەن. ئاندىن ئاشۇ ئۆستەڭ يەزىد، مەرۋان، ئابدۇلمەلىك، ۋەلىد ۋە سۇلايماننىڭ دەۋرلىرىدىمۇ تارماقلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ماڭا كەلگەندە بۈيۈك ئۆستەڭ قۇرۇپ كەتكەن. بۈيۈك ئۆستەڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتمىغۇچە مۇسۇلمانلارنى بۇرۇنقىدەك قاندۇرالمايدۇ» دېگەن.
سەلبىي ئۆزگىرىشلەر ئادالەتتىن زۇلۇمغا تەدرىجىي بولغاندەك، ھەزرىتى ئۆمەر ئابدۇلئەزىز ئۆزگىرىش ھەرىكىتىنى ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇمدىن ئىسلاھات ۋە ئادالەتكە تەدرىجىي ئېلىپ بارغان. ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى ئۆزىنى گۈزەل ۋە ئادىل ئۈلگە قىلىشتىن باشلىغان، ئىلگىرىكىلەردىن مىراس قېلىپ قالغان، زۇلۇم خاراكتېرىدىكى مال-دۇنيالارنى دۆلەت خەزىنىسىگە يوللىۋەتكەن. ئۇ پەدەك زېمىنى قايتۇرۇۋېتىش جەريانىدا: «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ماڭا تېگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى بۆلۈپ بەرگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭمۇ بېرىش ھەققى يوق ئىدى»دېگەن.(بالازىرى«شەھەرلەرنىڭ ئازات قىلىنىشى»، ئىبنى ئەسىرنىڭ«كامىل تارىخى»، ئىسپاھانىنىڭ«ئەغانى» ناملىق كىتاۋىغا قاراڭ).
ئۆمەر ئابدۇلئەزىز خەلىپە بولغان ئىككى يىل جەريانىدا زۇلۇم قىلىنىپ ئېلىنىۋىلىنغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ تەدرىجىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىسلام جەمئىيىتىنى زۇلۇمدىن ئادالەتكە، بۇزغۇنچىلىقتىن ئىسلاھاتقا يۆتكەپ چىققان. باشقىلار ئۇ كىشى توغرىدا:«ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى خەلىپە بولغاندىن تارتىپ ئۆلۈپ كەتكۈچە داۋاملاشتۇرغان»دېيىشكەن.
ھەزرىتى ئۆمەر ئابدۇلئەزىز ئادالەتكە شۇنچە ئىشتىياقى بولسىمۇ، ئىسلاھاتقا جاننى سېلىپ بېرىدىغان دەرىجىدە بەك ھېرىسمەن بولسىمۇ تەدرىجىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ:«ئەگەر ئاللاھ مېنىڭ قولۇم بىلەن يوقاتقان ھەر بىر بىدئەتنى ۋە مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق گۈللەندۈرگەن ھەر بىر سۈننەتنى مېنىڭ جېنىم ئارقىلىق قىلسا، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بولغان بۇ ئىش مەن ئۈچۈن ئاسان»دېگەن. ئۇ ئىسلاھات ۋە ئىسلاھات يولىدا قۇربان بېرىشكە شۇنچە ھېرىسمەن بولسىمۇ، سەكرەپ ئىسلاھ قىلىش پىلانىغا تايانمىغان. بەلكى تەدرىجىي ئىسلاھات يولىنى تۇتۇپ ماڭغان ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتىكى بۇ كۆز-قارشىنى تېز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئالدىرايدىغان ئۆلىما ئوغلى ئابدۇلمەلىك بىلەن قىلغان سۆھبىتىدە مۇداپىئە قىلغان. ھەزرىتى ئۆمەر ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۆلىما بالىسى ئابدۇلمەلىك دادىسىغا: «جېنىم دادا! نېمە ئۈچۈن ئىسلاھاتنى كېسىپ كېسىپ تېز-تېز قىلمايلا؟ ئاللاھقا قەسەمكى ھەق مەسىلىسىدە مەن قازاندا قايناپ كەتسەم پەرۋا قىلمايمەن» دېگەندە، ھەزرىتى ئۆمەر دۆلەت ئەربابى، ئىسلاھات مۇتەخەسسىسى ۋە تەدرىجى ئۆزگەرتىشتىكى ئۆلىما بولۇش سۈپىتى بىلەن جاۋاب بېرىپ:«ئوغلۇم! ئالدىرىما. چۈنكى ئاللاھ ھاراقنى قۇرئاندا ئىككى قېتىم ئەيىبلەپ، ئۈچىنچى قېتىمدا ھارام قىلغان. مەن كىشىلەرنى ھەقىقەتكە بىرلا بېسىپ زورلىسام، كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلالماي تاشلىۋېتىپ، پىتنە بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېگەن(د.مۇھەممەد ئەممارە«بەشىنچى خەلىپە»، 226-بەت، ئىبنى ئابدۇ رەببە«ئىقدۇل پەرىد»، 4-بەت).
بۇ ئادىل خەلىپە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئادىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتىكى ئاللاھنڭ تەدرىجىيلىك قانۇنىيىتىنى ياخشى بىلەتتى ۋە ۋاقتى كەلگىچە مەلۇم مىقداردىكى زۇلۇم، ئادالەتسىزلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق بىلەن چىقىشىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنەتتى. تەدرىجىي ئۆزگەرتىش قانۇنىيىتى ئارقىلىق زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ ئورنىغا ئادالەت ۋە ئىسلاھاتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى.
ئۇ تەدرىجىي ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتىكى بۇ قانۇنىيەتنى ئېنىق ئىپادىلەپ:«كىشىلەرگە ئادالەت خاراكتېرىدىكى ئىشتىن بىرنى ئۇدۇل ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققۇم بار، لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ سىغدۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئادالەت بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىدىن بىرەر مەنپەئەتنى بىرگە ئېلىپ چىقىمەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ قەلبى ئۇنىڭدىن ئۈركۈپ قالسا، بۇنىڭغا كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ»(يۇقىرىقى مەنبە). ئۇ بۇ يەردە ئادالەتنى دۇنيانىڭ نەرسە-كېرەكلىرىدىن بىر نەرسە بىلەن يۆگەش باسقۇچى ھەققىدە توختىلىۋاتىدۇ، چۈنكى زۇلۇم ۋە بۇزغۇنچىلىق جەمئىيەت قىممەت-قارشى بىلەن يۆگىلىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالغان ئىدى.
مانا بۇ بەشىنچى خەلىپە ئۆمەر ئابدۇلئەزىز سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن ۋە ئىسلاھات تارىخىدا ئەمەلىي تەجرىبىسى مۇجەسسەملەشتۈرگەن تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىشتىكى تەجرىبىدۇر.
دەۋەت قىلىشتىكى ئاساسلىق نۇقتىلار
1.ئىدىيە، مەدەنىيەت، تەشۋىقات ۋە قىممەت-قاراش تەرەپلىرى بۇزۇپ تاشلانغان ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ رېئاللىقىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش مەيدانىدا كائىنات خاراكتېرلىك تەدرىجىي يول تۇتۇپ مېڭىش قانۇنىيىتىنى ئىشلىتىش لازىم.
مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقاتتا ئىسلامنىڭ قىممەت-قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىجات قىلىدىغان ئاۋانگارتلار شەكىللەنسە ۋە بۇ ئىسلامغا ئۇيغۇن ھەل قىلىش چارىلىرى ئەمەلىي ھاياتتا پۇت تىرەپ تۇرالىسا، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقاتنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقتىكى ئۆزگىرىشى باشلانغان بولىدۇ. ئىجتىمائىي رېئاللىقتىكى ئىسلامنىڭ ئىجادىيەت خاراكتېرلىك مەدەنىيىتى ۋە تەشۋىقاتى پەيدا قىلىۋاتقان تەدرىجى ئۆزگەرتىشنىڭ مىقدارىغا قاراپ ئىدىيە، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ساھەسىدە ئىسلام قىممەت-قارشىنى ئاساس قىلىدىغان دائىرە كېڭىيىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئېنىق ھېس قىلىشىمىز كېرەككى، يېڭى ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى غەربتىن كەلگەن ياكى مىراس قالغان پاساتچىلىق ۋە خاتالىق بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر بىر مەزگىل ھەمرا بولۇپ ماڭىدۇ. شۇنى ياخشى چۈشىنىشىمىز لازىمكى، بەشىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىشتىكى مېتودى مىراس قالغان ئادالەتسىزلىك بىلەن بىر مەزگىل چىقىشىپ ياشاش دائىرىسىدە توختاپ قالمىغان، بەلكى ھەقىقى ئادالەتنى زۇلۇمنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئادالەتنى دۇنيانىڭ زىننىتى بىلەن يۆگەپ تارقىتىش ئۇسۇلىغا تايانغان.
مانا بۇ تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىش قانۇنىيىتىدۇر. يارىتىش، ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىدىكى ئاساسىي قانۇندۇر. مۇسۇلمانلارنى ئىدىيە، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات رېئاللىقىدىن ئىسلامغا ئۇيغۇن ئىسلاھات يولىغا ئېلىپ چىقىشنىڭ يولى مانا مۇشۇ.
2.تولۇق ئىسلاھ قىلىشتا كۈچنىڭ يېتىشىچە راستچىل ئىرادە بولۇش لازىم، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئارىسىدا چىقىشىپ ياشاش سىياسىتى بىلەن كۇپايىلىنىپ، ياماق سېلىش بىلەن توختاپ قالسا بولمايدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ زەۋقىنى ئىسلاھ قىلىشمۇ ئىسلامدىكى ئىسلاھاتنىڭ چوڭ بىر نىشانىدۇر. شۇڭا بىز تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىشتا راستچىل ئىرادە بىلەن تەدرىجىيلىك ھەققىدە سۆزلەۋاتقان يالغان ئىرادە ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك.
ياخشى نىيەت، راستچىل ئىرادە، توغرا پىلان ۋە تەدرىجى ئىسلاھ قىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئاڭلىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ئىشقا ئاشىدۇ.
3.تولۇق ئىسلاھات ئۈچۈن راستچىل نىيەت بىلەن كۇپايىلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ياخشى تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل ئىش-ھەرىكەت قىلىش لازىم. ياخشى ئۆرنەكنىڭ دائىرىسى تەرەققىي قىلسا مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقاتتىكى بۇزغۇنچى ئۆرنەكلەر تەدرىجىي يوقىلىشقا باشلايدۇ.
4.سەلبىي مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرى بىلەن ۋاقىتلىق چىقىشىپ ياشاشتىكى زۆرۈرىيەتنىڭ ئۆلچىمى بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن زۆرۈرىيەتلەرنى ئۆز مىقدارى بويىچە بەلگىلەش لازىم. بۇ يەردە چىقىشىپ ياشىماقچى بولغان مەسىلىدە دائىم يامان بىلەن بەك يامان ۋە ئازراق يامان ئارىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئىش قىلىش لازىم.
5.»يامان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش»ۋاستىسىنى ئىشلەتكەندەك، ۋاقىتلىق چىقىشىپ ياشاش كۆپ پايدىغا باشلاپ بارىدىغان بولسا، يامانلىقى ئازراق بولغان ئىشلارغا «يول ئېچىش» قائىدىسىنىمۇ ئىشلىتىش لازىم.
ئابدۇراھمان كاشىغەرى