2024-يىل 6-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ھەزارەتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى

ھەزارەتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى

ئىسلام ھەزارىتى مۇسۇلمانلارغا كائىنات ۋە ھايات قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈڭلار، زېمىننى سەير قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىڭلار دېگەن كۆرسەتمە ئاساسىدا بارلىققا كەلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە غەلىبە قىلىش ئارزۇسى، ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى تارقىتىش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىشى ئاساسىدا پەيدا بولدى. مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمدىكى ھەزارەت پرىنسىپلىرى، قىممەت-قاراشلىرى ۋە ئەقلى ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا مەدەنىيەت تىكلەپ چىقتى.

قۇرئان كەرىم ئىنسانىي ھەزارەت مېتودىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇنى تۇرغۇزۇش قانۇنىيەتلىرىنى دەلىللەپ بەردى، مىللەتلەر ۋە ھەزارەتلەرنىڭ ھالاك بولۇش ئامىللىرىنى خەۋەر قىلىپ بەردى:«ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنىڭ زېمىننى گۈللەندۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلدى» (ھۇد سۈرىسى، 61-ئايەت). يەنى سىلەرنى ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ياخشى ئىشلار ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرۈشىڭلارنى تەكلىپ قىلدى.

ئىنساننىڭ زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىزباسار ۋەكىلى بولۇش، زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە ھەزارەت قۇرۇپ چىقىشتا ۋەھىيىنى ئاساس قىلىشى قۇرئان كەرىمدىكى ھەزارەت ئىدىيىسىنىڭ تەكلىۋىدۇر. ئىنسان ھەزارەت قۇرۇپ چىقىش، ئىنساننىڭ خاراكتېرى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلشىدىكى غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئەگىشىشى لازىم.

 قۇرئان كەرىم بىر قانچىلىغان مىللەتلەرنىڭ ھەزارىتى ۋە ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. سەۋەب بۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش ئاندىن ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىش ئۈچۈندۇر. بىز بۇنى «ھەزارەتلەردىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى»دەپ ئاتىساق بولىدۇ.

ھەزارەتلەرنىڭ ۋەيران بولىشى، دۆلەتلەرنىڭ يىقىلىشى توغرىسىدا جەمئىيەتشۇناس ئالىم ئىبنى خەلدۇن:«زۇلۇم تەرەققىياتنى خارابىلىققا ئايلاندۇرىدۇ، قۇرئان ئەھكاملىرىنىڭ مەقسىتى تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى قوغداپ قېلىشتۇر، بۇ مەسىلە شەرىئەتنىڭ دىن، جان، ئەقىل،ئابروي ۋە مال-مۈلۈكنى قوغداشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك زۆرۈر بولغان مەقسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە رېئايە قىلىنىدۇ. زۇلۇم بولسا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى خاراب قىلىپ تاشلايدۇ. ئادالەت بولمىسا گۈللىنىش پەيدا بولمايدۇ، ئادالەت ئاساسىي مىزاندۇر»دەيدۇ(ئىبنى خەلدۇن« مۇقەددىمە»،39-بەت)

مالىك نەبى ھەزارەتنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا «ھەزارەت ئۈچ تۈرلۈك باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ»دەيدۇ.

بىرىنچى باسقۇچى: ھەر بىر ھەزارەتنىڭ پەيدا بولۇش ۋە باشلىنىش نۇقتىسىدا دىنىي ئاڭ پەيدا بولىدۇ، بۇ باسقۇچتا ئىنسان پسىخىكا جەھەتتىن ئەڭ ياخشى ۋە پائالىيەتچان بولىدۇ، ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچى تەييار ھالىتىدە بولىدۇ. بۇ ھەر قانداق جەمئىيەتتىكى ھەزارەتنىڭ ئالتۇن دەۋرى سانىلىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ: بۇ باسقۇچتا جەمئىيەتتە بەزى بىر سەلبىي كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، ئەقىدە بۇرۇلۇشلىرى ۋە ئىجتىمائىي زۇلۇم پەيدا بولىدۇ، شەخسىيەتچىلىك ئاشكارا بولىدۇ، يەككە مەنپەئەت كوللېكتىپ مەنپەئەتتىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. دېمەك، كۈچ پارچىلىنىپ ئىجتىمائىي ھەرىكەت بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، توغرا يۆنىلىشتە ماڭغانلار ئاز بولىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچى:پىسخىكا جەھەتتىن پارچىلىنىش باسقۇچى بولۇپ، ھەزارەتنىڭ يىقىلىش باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچتا شەخسىيەتچىلىك تۇيغۇسى ئەۋج ئالىدۇ، كۆڭۈل تۇيغۇلىرى ئەخلاق، قىممەت-قاراش ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ، شەخسى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەر پارچىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ ھەزارەت تارىخىدا ئۆچۈش ۋە چۈشكۈنلىشىش باسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ.(مالىك نەبى«جەمئىيەتنىڭ تۇغۇلۇشى»،71-بەت).

شەخىسلەر دۇنياسىدىكى ناچار ئالاقىنىڭ پىكىرلەر دۇنياسى ۋە نەرسىلەر دۇنياسىغا تېز ۋە يامان تەسىرى بولىدۇ. چۈنكى شەخىسلەر دۇنياسىدا ناچار، پاسسىپ ئادەملەرنىڭ ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىۋېلىشى ۋە ئىجتىمائىي كېسەللەرنىڭ جەمئىيەتتە ئەۋج ئېلىشى ھەزارەت جەھەتتىن يىقىلىش باسقۇچىنىڭ باشلىنىشىدۇر. ھەزارەت چۈشكۈنلىكىنى روھىي، ئەقلىي سەۋىيەدىنمۇ تۆۋەن پىسخىكا ئامىللىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پسىخىكا چۈشكۈنلىكى ئىنسان دىققەت قىلمىغان ۋاقتىدا ئۈممەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىنى كونترول قىلىپ كېتىدۇ.

روھ ۋە ئەقىلنىڭ تەسىرلىرى قورۇلۇپ قالغان ۋاقىتتا كۆڭۈل تۇيغۇلىرىنىڭ ئارقانلىرىدىن يېشىلىپ كېتىدىغانلىقى، نەتىجىدە ئىنساننى ئىپتىدائىي ياكى ھايۋان سەۋىيىسىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ قانۇنىيتىدۇر(مالىك نەبى«ئويغىنىش شەرتلىرى»53-بەت)

قايسى بىر ئۈممەت ئاللاھنىڭ يولىدىن چەتنەپ، ئىنساننىڭ خاراكتېرى ۋە روھى بىلەن سوقۇشىدىكەن ھەزارەت مەۋجۇتلۇقىنى ئۇزۇن ساقلاپ تۇرالمايدۇ. ئەخلاق پەزىلىتى ۋە ئىنسانىي قىممەت-قارشى بولمىغان ئۈممەت ئىنسانىيەتنى يېتەكلەشتە داۋاملىشالمايدۇ:«شۇ شەھەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىلىرى زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولىشىغا مۇئەييەن ۋاقىتنى بەلگىلىدۇق»(كەھف سۈرىسى، 59-ئايەت).

ئىنسانىيەتنىڭ ھەزارەت تارىخىغا قارىساق، ھەزارەتنىڭ تەدرىجى شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەزارەتتە ئىنسانىي ئورتاقلىق نۇقتىلىرى بار. يېڭى ھەزارەت كونا بىر ھەزارەتنىڭ مەشئىلى ئۆچكەن ۋاقتىدا كېلىپ، ئۇنىڭدىكى ئەۋزەللىكىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى ھەزارەت يارىتىشتا پايدىلانغان بولىدۇ.