2024-يىل 26-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ۋە ئەقىل (2) ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىق نامايان بولىشى

ئىسلام ۋە ئەقىل

(3)

ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىق نامايان بولىشى

 

قۇرئان كەرىم رەسۇلۇللاھ تەربىيلەپ چىققان يەككە-يىگانە ئەۋلادلار ئارقىلىق ئەخلاق، خىسلەت، ئۈممەت، مەدەنىيەت ۋە ھەزارەتكە ئايلىنىپ-مەسجىتلەردىكى ناماز ۋە ۋەز-نەسىھەت بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن-تېز سۈرئەتتە تەۋھىد ئىلمىي ئارقىلىق ئالىم، مەكتەپ ۋە ئىجادىيەتلەرگە ئىگە ئىسلام پەلسەپىسىنى بەرپا قىلدى. ئىسلام ئاقىلانىلىقى ئىسلامنىڭ ھەزارەت تارىخىدا تېز سۈرئەتتە ئالاھىدە پەلسەپىنى شەكىللەندۈردى. ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتى مىلادىيە 8-ئەسىردە مەراكەشتىن تارتىپ جۇڭگو چېگرىسىنىڭ ئىچكى قاتلىمىغىچە كۆز يەتمەيدىغان رايونلارنى 80 يىل ئىچىدە ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئىسلام دۆلىتى شۇ دەۋردىكى تۈرلۈك رەڭلەرنى ھاسىل قىلغان خەلقلەر، مىللەتلەر، تىللار، ئېقىملار، مەزھەبلەر ۋە پەلسەپىلەرنى ئۆز قوينىغا ئالدى.

ئىسلامدىكى ئىمان كەسكىن ئىشەنچ دەرىجىسىگە يېتىدىغان قەلبى جەھەتتىن تەستىقلاش دەپ قارىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دىنى«دىندا زورلاشقا بولمايدۇ»(بەقەرە سۈرىسى،256-ئايەت)، «خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن»(كەھف سۈرىسى، 29-ئايەت)، «ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟(يۇنۇس سۈرىسى، 99-ئايەت)دېگەن مۇقىم ئۆزگەرمەس پرىنسىپال قائىدىنى يولغا قويدى.

ئىسلامنىڭ بۇ مۇقىم پرىنسىپى شەرق دۇنياسىنى رىم ۋە ئىرانلىقلارنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئازات قىلىشتا، شەرق خەلقلىرىنىڭ ۋىجدانىنى رىم ۋە پارىس ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقتە 10 ئەسىر يۈرگۈزگەن ھەزارەت، دىنىي ئېتىقاد، تىل، سىياسەت ۋە ئىقتساد جەھەتتىن ئىكىسپلاتسىيە قىلىشىدىن ئازات قىلىشتا ئەمەلىي تەتبىقلانغان. ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن قويۇۋەتكەن. ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىسلام دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي پۇقرالاردىكى نىسبىتى بىر ئەسىردىن كېيىنمۇ 20% ئاشمايدىغان ئىدى. (پارىژدىكى دىمۇكراتىيە ۋەتەن ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقات مۇدىرى، پارىژدىكى سىياسى پەنلەر ئىنىستىتۇتى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئالى پاكولتىتىنىڭ لېكتورى، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى فىلىب فاراج Philip Faraj,s:«ئىسلام ئەرەب ۋە تۈرك تارىخىدىكى خىرستىئانلار  ۋە يەھۇدىلار»ناملىق كىتاب، 35-46-بەتلەر).

مۇشۇ نىسبەتتە ئىسلام دۆلىتى، تۈرلۈك دىن ۋە ئېقىملارغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلق شەكىللەندى. پەلسەپە ۋە دىنىي ئورگانغا ئىگە ئىسلام پايتەختلىرىدە مۇسۇلمانلار بىلەن خرستىئان، يەھۇدى، مەجۇسى، مانى ۋە ئاتەشپەرەستىن ئىبارەت غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىدىيە سۆھبىتى كەڭرى ئورۇن ئالدى.

مۇشۇ ئەركىن، كەڭرى ۋە چوڭقۇر سۆھبەت قاينىمىدا ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى نامايان بولدى. چۈنكى ئەقىل ۋە لوگىكا ئىسلامنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇش، ئىسلام ئەقىدىسىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە قارشى ئېقىمدىكىلەرگە رەددىيە بېرىشتىكى ئۆتكۈر قورال ئىدى. ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە خىلمۇ- خىل ئىدىيە قۇرۇلمىلىرىغا ئىگە مۇھىتقا يۆتكىلىپ، پەلسەپە مىراسلىرى ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ ئورگانلىرىغا سۆھبەتلىشىش ۋە تاقابىل تۇرۇشقا باشلىدى.

ئىسلام دۆلىتى بېشىدىن كەچۈرگەن مۇشۇنداق ئىدىيە ۋە ئەقلى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتى سەۋەبىدىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئاقىلانىلىقى قارىشى ئېقىمدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئىسلام دىنىنى تۈرلۈك پەلسەپە مىراسقا ئىگە مۇھىتلاردا تارقىتىش ئۈچۈن«ئىدىيە زۆرۈرىيىتى» ۋە «ھەزارەت پەرزلىكى»دىكى ئىسلام پەلسەپىسىنى ئىپادىلەيدىغان«ئىلمىي كالام» (ئەقىدە ئىلمى) سۈرىتىدە نامايان بولۇشقا باشلىدى.

شەرقشۇناس«جىب»Gibb (1856-1901)ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ ئىسلامنىڭ خۇسۇمەتچىلىرى بىلەن مۇنازىرىدە ئۈستۈن كەلگەنلىكىنى توغرىسىدا: «مۇسۇلمانلار پارىسلارنىڭ مەجۇسى ئەقىدىسىگە قارىتا پاكىتقا پاكىت بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا، ئۇلارنى مات قىلىشتا ۋە قۇرئاندىن ئېلىنغان ئەخلاق پەلسەپىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە قادىر بولالىدى.

ئىسلام دۆلىتىگە شۇ كۈنلەردە تونۇشلۇق بولغان ئىدىيە، پەلسەپە ۋە دىنلارنىڭ تۈرلىرىنى كىرگۈزگەن ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تېزلىكى ۋە ئىسلام دىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن دىنىي ۋە ئىدىيە ئەركىنلىكى، تۈرلۈك پەلسەپە ۋە دىنلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قادىر بولالايدىغان ئىسلام ئاقىلانىلىق قورالىنى ئوبرازلاشتۇرۇشنىڭ جىددى زۆرۈرلۈكىنى تەقەززا قىلغان ئىدى»دېگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىدە تەربىيىلەنگەن ساھابىلەر دەۋرىدىن تارتىپ ئىسلام ھەزارىتىدە پەلسەپە ئېقىمى شەكىللىنىشكە باشلىغان. ساھابىلەر ھۆججەتلەرنىڭ زاھىرىي(سىرىتقى ئۇقۇمى) بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماستىن، دەلىللەرنىڭ مەقسەتلىرى ۋە زاھىرىي ئەھۋاللىرىدا ئىزدىنەتتى. ساھابىلەر دەۋرىدىن تارتىپ ئىسلامغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشتە ئىسلامنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدىن كېلىپ چىققان ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقىنى ئىشلىتشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىپادىلەيدىغان ئاقىلانىلىق ئېقىمى نامايان بولۇشقا باشلىغان.

(4)

ئىسلام نۇرى چاقنىغان چاغدىكى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىق ئەھۋالى

 

مىلادىيە 7- ئەسىردە ئىسلامنىڭ تاڭ نۇرى چاقنىغاندا خرىستىئان چېركاۋلىرى يۇناننىڭ ئاقىلانىلىقىنى ئۆلتۈرۈپ، رىم دۆلىتىنى قاراڭغۇلۇققا باشلىغان ئىدى. خرىستىئان چېركاۋلىرى ئارىسىدا«پەرۋەردىگارنىڭ خاراكتېرى» توغرىسىدىكى كەسكىن تالاش-تارتىش ئۆز-ئارا توقۇنۇش، بىر-بىرىنى ئېزىش ۋە دىنسىز دەپ تۆھمەت قىلىشقا ئېلىپ بارغان. ھەقتىن بۆلۈنۈش ۋە ئېزىش چېركاۋ پوپلىرى ئارىسىدا بۇرۇلۇش ۋە نادانلىققا يول ئېچىپ، خرىستىئان ئەقىدىسىنى ئېغىر كىرىزىسكە ئۇچراتقان. نەتىجىدە خرىستىئان ئەقىدىسىنى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىققا دۈشمەن قىلىپ قويغان. بىلىم-مەرىپەتنى ۋەز-نەسىھەت خاراكتېرلىك يالغۇز ئىنجىلدىن ئېلىشقا چاقىرغان، شۇ سەۋەبتىن غەرب ھەزارىتىدە دىن بىلەن ئىلىم-پەن ۋە ئاقىلانىلىق ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە ئېچىنىشلىق جېدەل باشلانغان.

ھازىرقى خرىستىئان ئەقىدىسىدە:«كۆزۈڭنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئېتىقاد قىل»، «كۆزۈڭنى يۇمۇپ تۇرۇپ ماڭا ئەگەشكىن» دېگەن سۆزلەر ئەۋج ئالغان. (پولۇسنىڭ رۇمىيەگە يازغان مەكتۇپى، 139-بەت).

خرىستىئان دىنىنىڭ پەيلاسوپى «ئوغىستىن» Augustinus (354-430م): «مەن بۇنىڭغا ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ ئىشىنىمەن»دېگەن.(د.مۇھەممەد ئەممارە: ئىسلام ۋە پاتكان، 50-52-بەت)، (د.ئەھمەد شەلەبى: دىنلار سېلىشتۇرمىسى، 2-توم، 124-بەت)، (مۇنقىز سەققار: «ئاللاھ بىرمۇ ياكى ئۈچمۇ؟»:174-بەت).

پەيلاسوپ پوپ ئەنسەلىم(1033-1109م):«سەن دەسلەپتە قەلبىڭگە تەڭلەنگەن نەرسىگە نەزەر تاشلىماستىن ئېتىقاد قىلىشىڭ كېرەك. ئاندىن كېيىن ئېتىقاد قىلغان نەرسەڭنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنغىن. ئىمان ئەقلى قاراشقا مۇھتاج ئەمەس» دېگەن.(مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ئىش ئىزلىرى،3-توم، 279-بەت)

ئەمەلىيەتتە، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق تەلىماتلارنىڭ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس…

خرىستىئان دىنىنىڭ خۇراپاتلىرى يۇنان(گرىك) نىڭ قەدىمىي ئەقلى مىراسلىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان، بۇ ئاقىلانىلىقنىڭ قول يازمىلىرىنى تۆمۈر ساندۇققا قاماپ، چېركاۋنىڭ يەر ئاستى ئامبىرىغا تىقىۋەتكەن. گرىكلارنىڭ ئاقىلانىلىق مىراسىنىڭ ئىسكەندەرىيە كۈتۈپخانىسىدا قېلىپ قالغان قىسمى مىسىر خرىستىئانلىرى تەرىپىدىن بۇ مىراس بۇددىزىمنىڭ مىراسىى دېگەن باھانە بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ ۋە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. مىسىر چېركاۋلىرىنىڭ پاپاسى سىفھىلىس Theophilus (385-412م) بۇ مىراسنىڭ كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈش ۋە پەيلاسوپلىرىنى ئۆلتۈرۈش ھۇجۇمىنى قوزغىغان. ئىسكەندەرىيە پەلسەپە مەكتىپىنى تاقاش، كۈتۈپخانىسىنى ۋەيران قىلىش ۋە ئوت قويۇۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلغان. يېڭى ئەپلاتون پەيلاسوپى، ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ئالىمى «ئىناتىيە»(370-415م)نى تىرىك كۆيدۈرۈۋەتكەن.(د.سەبرى سەلىم:بىزانتىن دەۋىردىكى مىسىر تارىخى، 40- 49- بەتلەر).

ياۋروپا ھەزارىتىدىن ئەقىل قۇياشى غايىب بولغانلىقىنىڭ تەسىرىدىن، ئاقىلانىلىقنى ئېتىراپ قىلمايدىغان چېركاۋ ئېتىقادىنىڭ ھوقۇقى ۋە چېركاۋنىڭ ئىلىم- پەن ۋە ئالىملارنى ئېزىشى، تەبىئەت ۋە كائىنات بىلىملىرىدىكى  ئالىملارنى جىنايەتچى دەپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن ياۋروپا خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن تارتىپ مىلادىيە 16-ئەسىردە بىرىنجى قېتىم ئاسترونومىيە ئالىمى كوبىرنىكىس Copernivus(1473-1543م)نى ئاران كۆرەلىدى. كوبىرنىكىس «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى» نامىدا يازغان كىتابنى چېركاۋ مۇسادىرە قىلىپ، 18-ئەسىردە يورۇقلۇققا چىقارغان. گالىلې Galileo(1564-1643م)غا ئوخشاش ساناقسىز ئالىملار تونۇر ئوتقا ئىتتىرىلگەن.

مانا بۇ ئىسلام ئاقىلانىلىق قۇياشى نۇر چاچقان كۈندە خرىستىئان دۇنياسىدىكى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ ئەھۋالى.

غەرب ئالىملىرىدىن ئىنسابلىق بولغانلىرى ئىسلام ئاشكارا بولغان چاغدىكى  ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى بىلەن چېركاۋنىڭ غەيرى ئاقىلانىلىقىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ شەرقنى خرىستىئان دۇنياسىنىڭ يۈرىكىدىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزىگە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان تېز سۈرئەتتە تىنچ ئۆزگەرتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن.

مەسىلەن، فرانسىيىلىك شەرقشۇناس پروفېسسور ئىدۋار مونتىتE.montet (1856-1927م) مۇنداق يازغان :«ئىسلام دىنى ماھىيەتتە ئەقلى دىن. ئاقىلانىلىق ئۇسۇلى بولسا، دىنى ئەقىدىلەرنى ئەقىل ۋە لوگىكىدىن ئېلىنغان پرىنسىپلار ئاساسىغا تۇرغۇزىدىغان يولدۇر، بۇ ئاقىلانىلىق ئىسلام دىنىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. مۇھەممەدنىڭ دىنىدا ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ لوگىكا ۋە ئەقىل ئاساسىغا شەكىللەنگەنلىكىگە ئالامەت ۋە بەلگىلەر كۆپ تېپىلىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى ئاللاھ ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش دىيانەتلىك كىشىنىڭ نەپسىدە ئەقىل ۋە لوگىكا ئاساسىدا مۇقىملىشىدۇ. ئاللاھ ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش قۇرئان ئېلىپ كەلگەن ئەقىدە تەلىماتىنىڭ ھەممىسىنى خۇلاسىلەپ بېرىدۇ. ئىسلام تەلىماتىنىڭ ئاددىيلىقى ۋە ئېنىقلىقى بۇ دىندىكى  ۋە دەۋىتىدىكى جانلىق كۈچ قۇۋۋتىنىڭ ئوبرازىدۇر.

قۇرئان ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇش ئېتىبارى بىلەن تارىخ بويى قىلچە ئۆزگىرىپ قالماي ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. قۇرئان دائىم شۇنداق ئېنىق ۋە سۈزۈك ھالدا تەۋھىد(ئاللاھنىڭ بىرلىك) پرىنسىپىنى جاكارلاپ كەلدى. ئىسلامدا بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان خۇسۇسىيەت بولمىسا كېرەك. مانا مۇشۇ يەردە مۇسۇلمان دەۋەتچىلەرنىڭ ئۈنۈم قازىنىشىدىكى كۆپ سەۋەبلەر يوشۇرۇنغان. پەلسەپىنىڭ مۇرەككەپ تەرەپلىرىدىن تامامەن خالى بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى ئادەممۇ چۈشىنىپ كېتەلەيدىغان ئېنىق ۋە بەلگىلىك بۇ ئەقىدىنىڭ كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىغا يول ئېلىشتا ئاجايىپ كۈچكە ئىگە بولىشى كۈتۈلۈپ تۇرغانلا گەپ». (ئىدۋارنىڭ:«ئىسلامنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى»، «خرىستىئان تەشۋىقاتى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان دۈشمەنلىرى» ناملىق كىتابنىڭ، 20،12-بەتلىرىگە قاراڭ).

ئىسلام تەتقىقاتىدا مۇتەخەسسىس، ئىتالىيىلىك شەرقشۇناس ئەمىر كايتانى لىيۇن Caetani Leone (1869-1926م) مۇنداق يازغان:«ئىسلامنىڭ شەرق خرىستىئانلىرى ئارىسىدا تارقىلىشى ئۇلارنىڭ خرىستىئان ئەقىدىسىگە Hellen روھى (گرېكلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدىيىسى چۈشكۈنلەشكەن دەۋر) ئېلىپ كەلگەن مەزھەب سەپسەتىسىدىن رەنجىگەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان. ئاددى ئەمما ئېنىق ئىدىيىلەرنى ياخشى كۆرۈش بىلەن تونۇلغان شەرق خەلقىگە  ھېللىن مەدەنىيىتى دىنىي جەھەتتىن ئاپەت بولغان. چۈنكى بۇ مۇرەككەپ گرىك مەدەنىيىتى خرىستىئان دىنىنىڭ ئاددى تەلىماتلىرىنى شەك-گۇمان بىلەن توشۇپ كەتكەن، تەس، مۇرەككەپ ۋە چىگىك ئەقىدىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ ھالەت ئۈمىدسىزلىك روھىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، دىنى ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرىنىمۇ تەۋرەتكەن.

ئىسلامدىن ئىبارەت يېڭى ۋەھىينىڭ خەۋىرى سەھرادىن ئۇشتۇمتۇت نامايان بولغاندا، ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنۈپ كەتكەن، ئېتىقاد ئاساسلىرى تەۋرىگەن، شەك-گۇمان سەۋەبىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ساختىپەزلىك ئارىلىشىپ كەتكەن شەرقتىكى خرىستىئان دىنى بۇ يېڭى دىننىڭ قىزىقتۇرۇشى ئالدىدا بەرداشلىق بېرەلمىگەن. بۇ دىن بىر زەربە بىلەن بارلىق شەك-گۇمانلارنى يوقىتىپ، ئاددى ۋە ئېنىق پرىنسىپلىرى بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك ماددى ئارتۇقچىلىقلارنى تەقدىم قىلغان. شۇ ۋاقتىدا شەرق خرىستىئانلىرى دىنىنى تاشلاپ، ئەرەب يۇرتلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى…». (كايتانى لىيۇن:«ئىسلام يىلنامىلىرى=ئىسلام تارىخ سەھىھپىلىرى» ناملىق كىتابىغا قاراڭ.

ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ جون تايلور Cunon Taylor (1753-1824م) ئىسلام دىنىنىڭ تېز تارقىلىشىدىكى سىرى بولغان ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى توغرىسىدا مۇنداق يازغان:«بۇ يېڭى دىننىڭ ئافرىقا ۋە ئاسىيادا مۇنچىۋالا تېز تارقالغانلىقىنى بىلىش ئاسان. ئافرىقا ۋە شام دىيارىدىكى خرىستىئان پوپلىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى مۇرەككەپ مېتافىزىكىلىق ئەقىدىلەرگە ئالماشتۇرۇپ قويغان. چۈنكى ئۇلار بويتاق ئۆتۈشنىڭ ئاسماندىكى پەزىلىتى ۋە بويتاقچىلىقىنىڭ پەرىشتىلەر دەرىجىسىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئىزاھلاش ئارقىلىق بۇ دەۋردە يۈز بەرگەن بۇزۇقچىلىقلارغا قارىشى تۇرماقچى بولغان. دۇنيادىن ئايرىلىپ ياشاش پاكلىقنىڭ يولى، مەينەتچىلىك راھىبلارنىڭ پاكلىقىنىڭ سۈپىتى ئىدى. كىشىلەر ئەمەلىيەتتە بىر بۆلەك شېھىتلەر، پوپلار ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىدىغان مۇشرىكلار ئىدى. يۇقىرى تەبىقىدە چىرىكلىك ئەۋج ئالغان، تۆۋەن تەبىقە باجنىڭ تەسىرىدىن چارچاپ كەتكەن ئىدى. قۇللارنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىدە ئۈمىد يوق ئىدى. ئىسلام دىنى كېلىپ بۇ بىر بۆلەك چىرىكلىك ۋە خۇراپاتلارنى يوقاتتى، ئىسلام دىنى ئەقىدىدىكى قۇرۇق جېدەل- ماجىراغا ئىنقىلاب ۋە راھىبلارنى تەقۋالىقنىڭ بېشى دەپ ئۇلۇغلاشقا قارىشى كۈچلۈك  ھۆججەت ئىدى. ئىسلام دىنى ئاللاھنى يەككە يىگانە دەپ قارايدىغان دىننىڭ ئاساسلىرىنى بايان قىلىپ بەردى. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مېھرىبان ۋە ئادىل ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنى بىۋاستە ئاللاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئىسلام دىنى ئىنساننى ئۆز ئىشلىرىدىن مەسئۇل، قىيامەت كۈنى دەپ ئاتىلىدىغان ھېساب بېرىدىغان يەنە بىر ھاياتنىڭ بارلىقىنى ۋە يامانلىق قىلغان كىشىلەرگە ئېغىر جازا تەييارلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىسلام ناماز، زاكات، روزا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى؛ ساختىپەزلىك، دىن نامىدا يالغان سۆزلەش، خۇراپات ۋە ئازغۇن ئىستىلنى تاشلاشنى پەرز قىلدى. ئىسلام راھىبلىقنىڭ ئورنىغا باتۇرلۇقنى چۈشۈردى، قۇللارغا ئۈمىد ۋە ئىنسانىيەتكە قېرىنداشلىق بەردى. كىشىلەرگە ئىنسان تەبىئىتى تايىنىدىغان ئاساسلىق ھەقىقەتلەرنى ھېس قىلىشنى ئاتا قىلدى».(تارىخشۇناش توماس ئارنولد Thomas Arnold :«ئىسلامغا دەۋەت قىلىش»،89-91-بەتلەر).

ئابدۇراھمان كاشىغەرىي