كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى بۇزىدىغان نەرسە
ئىنساننىڭ خاتىرجەملىكىنى ۋە كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىنى ئەڭ كۆپ ئوغرىلايدىغان نەرسە… باشقىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە كۆز تىكىشتۇر.
ئۇنىڭ ئۆيىگە، بۇنىڭ ماشىنىسىغا، بىرىنىڭ يېگەن نەرسىلىرىگە، يەنە بىرىنىڭ كىيگەن نەرسىلىرىگە، يەنە بىرىنىڭ ساياھىتىگە قاراشتۇر…
مۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغان كىشى، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن، باشقىلار ھەر كۈنى ئارزۇ قىلىدىغان نېمەتلەرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
ئەگەر ئىنسان ئۆز ھاياتى ئۈستىدە ئازراقلا پىكىر يۈرگۈزسە، سان-ساناقسىز نېمەتلەر ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.
لېكىن، كۆز باشقىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىگە قارايدىغانغا ئادەتلىنىپ قالسا،
كۆڭلىنى ئۆزىدە بار بولغان نېمەتلەرنىڭ لەززىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە بەخت دېگەن نەرسە ئىگە بولغان مال دۇنيانىڭ كۆپلۈكىدە ئەمەس…بەلكى ئۆزىدە بار بولغان نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىش، قانائەت قىلىش ۋە شۈكۈر قىلىشتىن كېلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي