2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ۋە ئەقىل (5) يېڭى دەۋر ئىسلام ئويغىنىش ۋە گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئاقىلانىلىقى

 (8)

يېڭى دەۋر ئىسلام ئويغىنىش ۋە گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئاقىلانىلىقى

 

مۇسۇلمانلارنى ھەزارەت چېكىنىشىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ۋە ئىسلام ئويغىنىش قۇرۇلمىسىنىڭ بەلگىلىرىنى سىزىپ بەرگەن يېڭى دەۋردىكى ئويغىنىش ۋە گۈللىنىش ئېقىمىنىڭ يېتەكچىسى جامالىدىن ئافغانى(1838-1897) ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئىسلام دىنى دەلىلسىز ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى تەنقىدلىگەن ۋە گۇمانغا ئەگەشكۈچىلەرنى ئەيىبلىگەن دىندۇر. بۇ دىن ئەگەشكۈچىلىرىدىن دىنىنىڭ ئاساسىنى پاكىت ئاساسىدا بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلام ھەر قېتىم خىتاب قىلسا ئەقىلگە خىتاب قىلدى، مۇھاكىمە ئېلىپ بارسا ئەقىل ئاساسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئىسلام ھۆججەتلىرى بەخت-سائادەتنىڭ، ئەقىل ۋە قەلب كۆزىنىڭ نەتىجىسى؛ بەخىتسىزلىك ۋە ئېزىپ كېتىش بولسا غاپىللىق، ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىك ۋە قەلب نۇرىنى ئۆچۈرۋەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ بايان قىلىدۇ. باشقا دىنلاردا مۇنداق خۇسۇسىيەت تېپىلمايدۇ. ئەقىل ئىماننىڭ چاقنايدىغان ئورنى، كىم ئەقىلدىن يۈز ئۆرۈسە ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن بولىدۇ.

ئەقىل ماھىيىتىگە يېتەلمەي تەسىرىنى بىلىدىغان نەرسە بىلەن ئەقىل مۇمكىن ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقارغان نەرسە ئارىلىقىدا پەرق بار. بىرىنجىسى ئەقىلدە تونۇشلۇق بولۇپ، بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ماھىيىتىگە يېتەلمىگەن نەرسە. ئىككىنچىسى نەزەر ۋە ئېتىباردىن ساقىت نەرسىدۇر، ئەقىل ئۇنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كەسكىن يوق دەپ تۇرۇپ قانداقمۇ تەستىقلايدۇ؟.

ئىنسان كائىناتتىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى، ئىنسان پات ئارىدا ئەقلى ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرىنى ئاچالايدۇ. بىلىم-مەرىپەت ۋە ئەركىن تەپەككۇر ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قاراشلىرىنى تەستىقلىيالايدىغان بولىدۇ، ئىلگىرى مۇمكىن ئەمەس دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان نەرسىلەرنىڭ مۇمكىن بولغانلىقىنى ۋە خىيال دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

ئىسلامنىڭ بىرىنجى ئاساسىي ئەقىلنى ساپ تەۋھىد بىلەن پاكلاش ۋە خىياللارنىڭ بۇلغىنىشىدىن تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەقىل خۇراپات داغلىرى ۋە خىيال داتلىرىدىن تازىلانمىسا مىللەتلەر بەخىتلىك بولالمايدۇ، چۈنكى خۇراپات ئەقىلنى ئىدىيە ھەرىكىتىدىن توسۇپ قويىدۇ ۋە ھەر قانداق گۇمانغا ئىشىنىشكە باشلاپ بارىدۇ.

ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئالدىدا شەرەپ ۋە ھۆرمەت دەرۋازىلىرىنى ئېچىۋەتكەن، ئەقلى ۋە مەنىۋى كامالەت قائىدىسى ئاساسىدا ئارتۇقچىلىقلارنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن، چۈنكى كىشىلەر ئەقىل، پەزىلەت ۋە ئەقىدە ئاساسىدا پەرقلىنىدۇ».(د.مۇھەممەد ئەممارە «ئافغانىنىڭ تولۇق ئىش ئىزلىرى» 177، 256،260-بەتلەر).

ئىسلام يېڭى ئويغىنىش ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىسى مۇھەممەد ئابدۇ(1849-1905م) نىڭ ئىسلام ئاقىلانىلىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئىسلام ئاقىلانىلىقىنى تەمسىل قىلىدىغان قىممەتلىك بىر پىكىرنى شەكىللەندۈردى. مۇتەپەككۇر مۇھەممەد ئابدۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئىنسان ئاقىلانە مەخلۇق، ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق كۈچى ئەقلىدىن كېلىدۇ، ئەقىل توغرا بىلەن خاتانى ئايرىپ بېرىدىغان ھۆججەت. ئەقىل ئىنساننىڭ ئىنسانلىق ماھىيىتى ۋە ئىنساننىڭ ئىلغار كۈچ-قۇۋۋەت تۈۋرۈكى. كائىنات ئەقىل نەزەر يۈرگۈزىدىغان ۋە ئوقۇيدىغان كىتابتۇر، ئەقىل كائىناتتىكى قايسى بىر نەرسىنى ئوقۇسا، ئۇ نەرسە ئاللاھ تەرەپكە باشلايدۇ ۋە ئاللاھغا يېقىنلىشىشنىڭ يولى بولىدۇ.

بىرىنجى قېتىم پەيغەمبەرنىڭ تىلى ئارقىلىق قۇرئان كەرىمدە ئەقىل بىلەن دىن قېرىنداش بولدى. ئەقىدە مەسىلىلىرىنىڭ ئىچىدە ئاللاھنى بىلىش، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەۋەتىشكە قۇدرىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىش ۋە ۋەھىيىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلىش…كە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ ئەقىل يولى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدىغانلىقى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۇقەررەر بىر مەسىلە. شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ بەزىدە ئەقىلنىڭ چۈشەنچىسىدىن ئۈستۈن كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەقىلگە زىت كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدە بىردەك قاراشتا.

ئىسلام ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنجى ئاساس ئەقلى پىكىر يۈرگۈزۈشتۇر، ئىسلام نەزىرىدە ئەقلى پىكىر يۈرگۈزۈش ساغلام ئىماننىڭ ۋاستىسى. ئىسلام ئالىملىرى نەزىرىدە: ئەقىل بىلەن نەقىل زىتلىشىپ قالسا، ئەقىلنىڭ كۆرسەتمىسى ئېلىنىدۇ،  ئەقىلگە زىت كەلگەن نەقىلگە ئىككى يولنىڭ بىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

بىرىنجى يول:نەقىل سەھىھ توغرا، لېكىن ئەقىل چۈشىنىشتىن ئاجىز كەلسە، مەنىسىنى ئاللاھغا تاپشۇرىدۇ. ئىككىنچى يول: ئەقىل ئىسپاتلىغان نەرسىگە نەقىلنىڭ ئۇيغۇنلىشىشى ئۈچۈن نەقىل ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىزاھلىنىدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا ئىدىيە، ئەقىل ۋە بىلىم-مەرىپەتكە چەكلىمىسىز خىتاب قىلماقتا. قۇرئان كىشىلەرنى ئەقلى بىلەن نەزەر تاشلاشقا چاقىرىدۇ. قۇرئان ئەقىلگە تەڭلەنگەن ئەقلى مۆجىزە كىتاب، قۇرئان كەرىم ئەقىلگە ئايەتلىرىدە نەزەر تاشلاش ھەققىنى مۇتلەق قويۇۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئەقلى دەلىل-پاكىت ۋە تەبىئي خاراكتېردىكى ئىنسانىي ئىدىيىدىن باشقىسىغا تايانمايدۇ. شۇڭا سېنى ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار بىلەن ھەيرانلىققا سالمايدۇ، كۆزۈڭنى ئادەتتىكىدىن باشقا باسقۇچلار بىلەن ئورىۋالمايدۇ ۋە ئىدىيە ھەرىكىتىڭنى ئىلاھى سادا بىلەن ئۈزۈپ تاشلىمايدۇ. دىنىنى چۈشەنگەن ۋە ئۆزى تونۇپ قانائەتلەنگەن ئادەمدىن باشقىسى مۆئمىن دەرىجىدە سانالمايدۇ. كىم ئەقلىنى ئىشلەتمەي باش ئېگىشكە ۋە چۈشەنمەي ئەمەل قىلىشقا تەربىيىلەنگەن بولسا ئۇ مۆئمىن دەرىجىسىدىكى شەخس ئەمەس. چۈنكى ئىمان ئارقىلىق ئىنسان ئەقلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى، ئاللاھنى تونۇشى ۋە دىنىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى پاكلىشى مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا مۇسۇلمان ياخشى ئىش قىلسا ئاللاھنى رازى قىلىدىغان مەنپەئەتلىك ئىش دەپ چۈشىنىپ تۇرۇپ قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى دىن ۋە دۇنيالىقىدا زىيانلىق ۋە ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ، دەپ چۈشىنىپ قىلمايدىغان بولىدۇ. ئېتىقادى ئىشلىرىدا پاكىت ۋە ئەقىلنى ئاساس قىلىپ ماڭىدۇ، ئەقىللىق ئىنسان ئۆزىگە ئوخشاش ئەقىللىقنى دورىمايدۇ، بەلكى ئىزدىنىدۇ، ئۇنداقتا ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان نادان ئادەمگە ھەرگىزمۇ ئەگەشمەيدۇ.

ئىسلام دىنى مۇشۇ ئىدىيىسى ئارقىلىق ئەقىلنىڭ ئالدىدا ھەممە يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ باردى، ئەقىل يولىدىن بارلىق توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلىدى ۋە ئەقىلگە مەيداننى چەكسىز ئېچىپ بەردى»…

لېكىن ئىنسان ئەقلى ئۆزىگە تايىنىپ بۇ ھاياتتىكى بەخت-سائادەت يولىغا يېتەلمەيدۇ. بۇيرۇلغان بەزى ئىشلارنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى ۋە چەكلەنگەن بەزى ئىشلارنىڭ قەبىھ تەرەپلىرىنى ھېس قىلالماي قالىدۇ. ئەقىل ھېس قىلالمىغان بۇ تۈردە شەرىئەت تەرىپىدىن بۇيرۇلغان ئىش مەنپەئەتلىك ۋە چەكلەنگەن ئىش زىيانلىقتۇر. پەقەتلا ئەقلى بايان تالاش-تارتىشنى توسىيالمايدۇ ۋە خاتىرجەملىكنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەقىلنى ھەقىقى قەدىرلىسەكمۇ ئەقىل ئىنساننىڭ ھېس دائىرىسىگە تەۋە كائىناتلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى بىلەلەيدۇ، بىراق ئەقلى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىگە يېتەلمەيدۇ.

ئاخىرەت ئىشلىرى توغرىسىدا ئىنسان ئەقلى يالغۇز يېتەلمەيدىغان ئىشلار بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت يوللىرىغا ياردەملىشىدىغان ۋەھىيدىن ئىبارەت ياردەمچىگە مۇھتاج.

چۈنكى ئەقىل ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ چەكسىز ئىلمى ۋە قۇدرىتىگە ئىشىنىش، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلاشنىڭ بۇلىقى. نەقىل(ۋەھىي) ئىبادەت ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىغا ئوخشاش غەيبى (مېتافىزىكا) ئىشلارنى بىلىشنىڭ بۇلىقى. ئىسلام دىنى ئەقىدە جەھەتتە تەۋھىد دىنى، ئەقىل تەۋھىدنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى، نەقىل بولسا تەۋھىدنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاساسىي.

ئاللاھ ئىنسانغا بەخت-سائادەت يولىنى تاپقىلى بولىدىغان تۆت تۈرلۈك ھىدايەت ئاتا قىلغان:

1.تەبىئي ۋىجدان ۋە ئەسلى خاراكتېرنىڭ ئىلھام ھىدايىتى.

  1. ھېسسى ئەزا ۋە ھېس-تۇيغۇ ھىدايىتى.
  2. ئەقىل ھىدايىتى. ئۇ يۇقىرىقى ئىككى ھىدايەتتىن ئۈستۈن.
  3. دىننىڭ ھىدايىتى. بۇ باشقا ھىدايەتلەرنى توغرىلايدۇ، خاتالىقلىرىنى تۈزەپ تۇرىدۇ ۋە كەم ئورۇنلىرىنى تولۇقلاپ تۇرىدۇ.(د.مۇھەممەد ئەممارە: «مۇھەممەد ئابدۇنىڭ تولۇق ئىش ئىزلىرى» 5-توم، 428-بەت. 4-توم، 414-بەت).

مانا بۇلار ئىسلامنىڭ ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن بىرلىشىپ ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىق بىلەن ئالاھىدە بولغانلىق توغرىسىدىكى بىر ئاز ئىشارەتلەردىن ئىبارەت. ئىنسان ئىلاھىي ۋەھىي ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت ئىككى ئەلچى ئارقىلىق بۇ دۇنيانى قۇرئان ۋە ھېكمەت-يەنى شەرىئەت نۇرى ۋە ئەقىل نۇرىغا ئۇيغۇن ھالدا گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىختىيارلىق ۋە مەسئۇلىيەت ئامانىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

ئىسلام دىنى پۈتۈن ئالەمگە ئوچۇق بولۇپ، ئەقلى تەرەققىياتقا قارىشى تۇرمايدىغان ئاقىلانە دىن. ئىسلام ئاقىلانىلىقى باشقا ھەزارەتلەر بىلەن كەڭ قورساق بولۇش ۋە ھەمكارلىشىش يولىنى تۇتقان ئەقىلدىن ئىبارەت.

«ئىسلام دىنى شەكسىز ھالدا كەڭ قورساق ۋە ئىنساپلىق بولۇشتا  زېمىن يۈزىدىكى ئەڭ بۈيۈك دىن. بىز بۇ سۆزنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا دېيەلەيمىز..» (گېرمانىيەلىك ھەزارەت مۇتەخەسسىسى شەرقشۇناس دوكتۇر سىگرىد ھونكە Sigrid hunke «ئاللاھ ئۇنداق ئەمەس» ناملىق كىتابىنىڭ 95-96-101- بەتلىرىگە قاراڭ).