مۇسۇلمانلار يېڭىدىن ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى ئاللىبۇرۇن ئىشىنىدىغان ئەقىدىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىجتىمائىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى.
ئىسلاھاتچىلار دىننىڭ جەمئىيەتتىكى جانلىق رولىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتا ئاجىز كەلدى ھەمدە قۇرئاننىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ روھىنى بايقاشتىن كۆرە، تېكىستلەرنىڭ يۈزەكى ۋە نەزەرىيەۋى بايانلىرى ئىچىگە قاپسىلىپ قالدى.
ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا قۇرۇق سۆز ئويۇنلىرىغا ۋە ئۆتمۈشنىلا مەدھىيەلەپ يۈرۈشكە يۈزلەنگەنلىكى بولدى. ئۇلار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئورنىغا، تىل ۋە بايان گۈزەللىكىگە بېرىلىپ كېتىپ، ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش پۇرسەتلىرىنى قولدىن بەردى.
كىتابتا مىسال قىلىنغىنىدەك، بەزى ئۆلىمالار مۇھىم يىغىنلاردا ئۇزۇن ۋاقىت پەقەت ھەدىس سەنەدلىرىنى ساناپ ئولتۇرغاندا، كىشىلەر ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقۇغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقمىغان. بۇ خىل «زۇۋاندارازلىق» مەدەنىيىتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويغان ۋە قۇرۇق ھاياجانغا سۆرەپ كىرگەن ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.