2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ئاساسلىرى ھەققىدە قىسقىچە بايان

(يېڭى كىتاب)

تەقدىم

ئىسلام توغرىسىدا يېزىلغان ۋە يېزىلىۋاتقان كىتابلار ئاز ئەمەس. ئىسلام توغرىسىدا قانچىلىك كىتاب يېزىلسا، ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ دىننى ھايات يولى سۈپىتىدە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇشقا يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ دىن قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك دىندۇر، ئاللاھنىڭ بارلىق ئىنسانىيەتكە قاراتقان مۇكەممەل خىتابىدۇر.

ئاللاھنىڭ بۇ دىن ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قىلغان خىتابى بىر پۈتۈن، مۇكەممەل بىر گەۋدە بولغاچقا، بۇ دىننى پارچىلاپ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ؛ نەپسى خاھىشنىڭ كەينىگە كىرىپ ياكى شارائىتنى باھانە قىلىپ بۇ دىننىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىپ، يەنە بىر قىسمىنى رەت قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.

ئىسلام پىرىنسىپلىرى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان ياراتقۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بولغاچقا، ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلمايدۇ، شارائىتقا بويسۇندۇرۇلمايدۇ، چۈنكى ئىسلام پىرىنسىپلىرى ھەر دەۋر ۋە ھەر ئورۇنغا تەتبىقلاشقا ماس كېلىدىغان جانلىقلىققا ئىگە.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! ئىسلام پىرىنسىپلىرى ھەققىدە يېزىلغان بۇ كىتاب ئەقىل، ۋىجدان ۋە ھېسسىياتقا تەڭ خىتاب قىلىش ئارقىلىق ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىرى ۋە ئاساسلىرىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بىردىنبىر ھايات يولى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشلىك ۋە ئەتراپلىق شەكىلدە كىتابخانلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدۇ.

بۇ كىتاب تەۋھىدنىڭ ماھىيىتىنى، ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىنى، ئىبادەت چۈشەنچىسىنى، شەرىئەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى، ئىسلامنىڭ ئەخلاقىي قىممەتلىرىنى، شەرىئەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە تەربىيەۋى تۈزۈملىرىنى دەۋرگە مۇناسىپ، ئاددىي يوسۇندا، ئىخچام شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي


مۇقەددىمە

مەيلى مۇسۇلمان ياكى باشقىلار بولسۇن، ئىسلام بىلەن تونۇشماقچى ياكى ئىسلامنى تونۇماقچى بولغانلارغا ماياك بولسۇن ئۈچۈن، بۇندىن ئىلگىرى «ئىسلام پىرىنسىپلىرى» ناملىق بىر ئەسەر يازغان ئىدىم. ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بەزى ئۆلىما ۋە پېشقەدەم ئۇستازلار مەزكۇر ئەسەرنى تېخىمۇ ئىخچام شەكىلدە، بىر قىسىم شەرھ ۋە دەلىللەرنى كېمەيتىپ، ئاساسىي پىرىنسىپلار بىلەنلا كۇپايىلەنگەن ئاساستا قايتا يېزىپ چىقىش تەكلىپىنى بەرگەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ مەزكۇر پېشۋالىرىمىزنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، توم – توم كىتابلارنى ئوقۇشقا ۋاقتى يېتىپ بولالمايدىغانلاردىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ پايدىلىنىش قوللانمىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقتىم. ئاللاھ تائالادىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەيمەن.

بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئىش شۇكى، ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئابدۇلقادىر بەككار مېنى ئىسلامنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى ھەققىدە، ئىسلامنىڭ ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان؛ بىر ياندىن مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئوبيېكت قىلسا، يەنە بىر ياندىن بۇ دىننى ساپ ھالەتتە تونۇپ چىقىشقا بەل باغلىغان غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئوبيېكت قىلغان؛ بىر قىسىم كونكرېت تەپسىلاتلاردىن ۋە ئۇششاق مەسىلىلەردىن خالىي، مۇمكىنقەدەر ئاساسىي پىرىنسىپلار بىلەن كۈللى مەسىلىلەرگىلا مەركەزلەشكەن؛ ئىخچام بىر كىتابچە يېزىشقا رىغبەتلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇستازنىڭ بۇ پىكرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. بۇ كىتابچىنى يېزىشتا قۇرئان كەرىمنى ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى ئاساسىي مەنبە قىلىپ، باشقا كىتابلاردىن ئېلىنىدىغان نەقىللەرنى مۇمكىنقەدەر ئازايتىشقا تىرىشتىم.

بۇ كىتاب مۇنداق تەرتىپ بويىچە تۈزۈلدى:

‐ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن پارچىلار

‐ ئاساسىي مەلۇماتلار

‐ ئالتە بۆلۈم:

‐ بىرىنچى بۆلۈم: ئىسلامنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى بولغان ئىككى شاھادەت ھەققىدە

‐ ئىككىنچى بۆلۈم: ئىمان ئاساسلىرى ھەققىدە

‐ ئۈچىنچى بۆلۈم: ئىسلام ئاساسلىرى (چوڭ ئىبادەتلەر) ھەققىدە

‐ تۆتىنچى بۆلۈم: شەرىئەت (ئىسلام قانۇنى)، ئاساسلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە

‐ بەشىنچى بۆلۈم: ئىسلامنىڭ ھايات پىرىنسىپلىرى ھەققىدە

‐ ئالتىنچى بۆلۈم: ئىماننىڭ مېۋىلىرى (ئېھسان، پاكلىنىش ۋە ئەخلاق) ھەققىدە

‐ خاتىمە

بۇ ئەسەرنى يېزىشتا توغرىغا مۇۋەپپەق قىلىنغان بولسام، ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتىدىن دەپ بىلىپ، ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. ناۋادا خاتالاشقان بولسام، ئاللاھقا تەۋبە – ئىستىغپار ئېيتىمەن. بۇ ئەسەر پېقىرنىڭ ئەرزىمەس ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۆلىما ئۇستازلاردىن بۇ ئەسەرنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

د. مۇھەممەد سەئىد ھەۋۋا