2024-يىل 29-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

زاكات ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش چارىسى

(ئىسلام ۋە بىز- 6- سان)

زاكات سۆزى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ۋە ھەر تۈرلۈك كىرزىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەنىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئاتالغۇدۇر.

زاكات ئاتالغۇسى قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇش، قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش، قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىللىتىش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، كۆيۈنۈش، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراش ئېڭىنى يېتىلدۈرىدىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەربىيە ھەرىكىتىدىن ئىبارەت.

زاكات جەمئىيەتنىڭ ھەرتۈرلۈك كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تۈزۈمدۇر. ئۇ ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ دەرۋازىسىدۇر، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كىرىزىسلارنى مەجبۇرىي ھەل قىلىش ئاچقۇچىدۇر، تۈرلۈك ئىش-ھەرىكەتلەرگە يول ئېچىشتۇر، ئىشلەپچىقىرىشقا ھەسسە قوشۇشتۇر ۋە گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىدۇر.

ئىسلامدىكى زاكات سىياسىي مەسئۇلىيەت، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە ئەخلاقى مەسئۇلىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار سەمىمىي بولۇپ زاكاتنى ھەر يىلى تولۇق ئادا قىلىدىغان بولسا، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ، چۈنكى زاكات بايلاردىن ئېلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ.

5. زاكاتنىڭ بەشىنچى ئۈلۈشى ئىنسانلارنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش، خورلۇق ۋە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. زاكات ئىنسانلارنى يەككە شەكىلدىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پەرز بولغان يەردە، مىللەتنى مىللەت خاراكتېرلىك قۇللۇق ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

7. زاكاتنىڭ يەتتىنچى ئۈلۈشى ئاللاھ يولىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. ئاللاھ يولىدىكى پائالىيەتلەر كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلمانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى قوغداش، ئاسارەت ئاستىدىكى ۋەتەننى ئازاد قىلىش، ئاللاھنىڭ دىنىغا ھەر قايسى جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىسلام ۋە مىللىي كىملىكنى بىرلەشتۈرۈپ ھەرىكەت قىلىدىغان جىھادىي، سىياسىي ۋە ئىلمىي ھەرىكەتلەر پايدىلانسا بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىگە ۋە قىممەت قاراشلىرىغا رىئايە قىلىدىغان، ۋەتەن- مىللەتنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ھەقىقىي جىھاد ھەرىكىتى، ساغلام ئىدىيەدىكى سىياسىي ھەرىكەت، مۇسۇلمان خەلقنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغان تەشۋىقات مەركەزلىرى، خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدىغان ساغلام ئىلمىي تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئىسلام دەۋىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار زاكاتتىن پايدىلانسا بولىدۇ.

بۇنىڭغا قوشۇمچە مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن كېتەرلىك بولغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش يولىدا پايدىلانسا بولىدۇ. يەنە مىللەتنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش يولىدا موھتاج بولىدىغان ساغلام پىكىرلىك ۋە ئىقتىدارلىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈنمۇ قوللانسا بولىدۇ.

 بۇ 2019. 05. 24- كۈنى (ئىسلام ۋە بىز) پىروگراممىسىنىڭ 6- سانىدا ئېلان قىلىنغان زاكات توغرىسىدىكى پىروگراممىنىڭ خۇلاسىسى.

پىروگىراممىنىڭ سوئاللىرى:

1. زاكاتنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

2. زاكات مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسى

3. زاكاتنىڭ سىياسىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتىكى رولى قايسىلار؟

4. زاكاتنىڭ مەقسىتى نېمە؟

5. زاكات بېرىدىغان ئورۇنلارنى بەلگىلەشتىكى سەۋەبلەر نېمە؟