2024-يىل 29-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتى

پەتىۋا بېرىشتە ئۈچ تۈرلۈك ئۆلچەمنىڭ تېپىلىشى لازىم:

1) پەتىۋا بەرگۈچى ئالىم بولۇش،

2) شەرئىي دەلىللەرنى چۈشىنىش،

3) ئەمەلىي ۋەزىيەتنى ۋە رېئاللىقنى چۈشىنىش.

پەتىۋا بىرىش ئىشلىرىدا بۇ ئۈچ ئامىل بىر – بىرسىدىن ئايرىلمايدۇ.

ئالىم بىلەن شەرئى دەلىل بولسىمۇ، لېكىن ئالىم رېئاللىقنى چۈشەنمىسە ياكى توغرا تەھلىل قىلالمىسا، پەتىۋا توغرا چىقمايدۇ.

شۇنىڭدەك پەتىۋا بەرگۈچى ۋەزىيەتنى چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ شەرئى دەلىلنى ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسىنى بىلمىسە، بىلەرمەنلىك سەۋەبىدىن باشقىلارنى ئازدۇرىدىغان خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.

شۇڭا، پەتىۋانى شەرىئەت ئىلىملىرىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئەمەلىي ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلالايدىغان ئالىمنىڭ بىرىشى شەرت.

 پەتىۋا بەرگۈچىدە تېپىلىشقا تېگىشلىك سالاھىيەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1) قۇرئان كەرىم ئىلىملىرىنى بىلىش.

2) ھەدىس شەرىپ ئىلىملىرىنى بىلىش.

3) ئايەت-ھەدىسنى تەھلىل قىلىدىغان پەن «ئۇسۇلى فىقھى»نى بىلىش

4) فىقھى مەسىلىلەرنى چۈشىنىش.

5) شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىش.

6) مۇجتەھىدلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىدىن يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش.

7) رىئاللىق ۋە شارائىتنى چۈشىنىش،

8) سىياسىي مەسىلىلەردە شەرئى سىياسەت ئىلمىنى ۋە دۇنيا سىياسىتىنى بىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

پەتىۋا بىرىش ئامانەت ۋە مەسئۇلىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن سالاھىيتى توشمايدىغان ۋائىزلارنىڭ، شۇنىڭدەك شەرئىي بىلىم ساھەسىدە كەسپىي بولمىغان باشقا ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشماسلىقى مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

چۈنكى پەتىۋا بېرىش ئۈچۈن تەپسىر، ھەدىس، فىقھىي ئىلمىي، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ئۇسۇل فىقھى ئىلمىي ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ياخشى بىلىش شەرت. بۇ پەنلەرنى ياخشى بىلىدىغان، زاماننى چۈشىنىدىغان ھەمدە دەلىلنى شارائىتقا توغرا تەتبىقلىيالايدىغان كىشىلەرلا پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە.

بۇ سەۋەبتىن، پەتىۋالارنى يۇقىرىقى پەنلەرنى ياخشى بىلىدىغان، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ئىشەنچىلىك ۋە كەسپىي ئالىملاردىن ئېلىش كېرەك. شەرىئەتكە ئالاقىدار پەتىۋالارنى ياكى مەسىلىلەرنى ۋائىزلاردىن ياكى يۇقرىقى ئىلىملەرنى بىلمەيدىغان كىشىلەردىن ئېلىش خاتا يولغا باشلايدۇ.

ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىر قىسىم ۋائىزلاردىن سىرت، ئۆزىنىڭ ئىلمىي سالاھىيىتىنى ۋە كەسپىنى ئۇنتۇپ قالغان بىر قىسىم زىيالىي سۈپەت كىشىلەر، شۇنىڭدەك ئاكتىۋىستلار ئۆلىمالىق تونىنى كىيىپ پەتىۋا ئىشلىرىغا ئارىلاشماقتا ۋە ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىپ مىللەتنىڭ ئازدۇرماقتا.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

2021- يىلى