2024-يىل 12-ئىيۇل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئوغلۇم سىز قايسى تۈردىكى بالا؟

2. ئەجىر ئالالمايدىغان بالا:  ئاتا-ئانىسى بۇيرۇغان ياكى تەلەپ قىلغان ئىشنى قىلغۇسى يوق ھالەتتە مەجبۇرى قىلىدىغان بالا. بۇ بالا ساۋاب ئالالمايدۇ.

3. گۇناھكار بالا: بۇ بالا ئاتا-ئانىسى بۇيرۇغان ياكى تەلەپ قىلغان ئىشنى قىلىدۇ، لېكىن ئىشنى قىلىپ بولۇپ مىننەت قىلىدۇ، ئەزىيەت بېرىدۇ ۋە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىدۇ. بۇ بالا گۇناھكار بالىدۇر.

4. ساۋابقا ئېرىشىدىغان بالا: ئاتا-ئانىسى بۇيرۇغان ياكى تەلەپ قىلغان ئىشنى خۇش كۆڭۈللۈك بىلەن قىلىدىغان بالا. بۇ بالا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. مۇنداق بالىلار ئاز بولىدۇ.

5. ياخشى بالا: ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇسىنى (ناماز، قۇرئان، دەرس، ئائىلە تۈزۈمى…) دېگەندەك تەلەپلىرىنى بۇيرۇشتىن ئىلگىرى قىلىۋېتىدۇ. بۇ بالا ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ياخشى بالىدۇر. مۇنداق بالىلار نادىر ئۇچرايدۇ.

ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇسىنى ۋە تەلەپلىرىنى خۇش كۆڭۈللۈك بىلەن قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئۆمرى بەرىكەتلىك بولىدۇ، رىزقلىرى كەڭ بولىدۇ، كۆڭۈللىرى خۇرسەن بولىدۇ، ئىشلىرى ئاسان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.

ئوغلۇم، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دۇنيا – ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ ۋە نەتىجە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: «وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ ‌إِحۡسَٰنًا» (بىز ئىنسانغا ئاتا-ئانىسىغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشىنى تاپىلىدۇق) دەيدۇ (ئەھقاف سۈرىسى، 15- ئايەت).

ئوغلۇم، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بېشىغا، ياكى قولىغا ياكى پۇتىغا سۆيۈپ قويۇش بىلەنلا تۈگىمەيدۇ.

ئوغلۇم، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارنى بايقاپ، نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، تەلەپ قىلماستىن ئىلگىرى قىلىپ بېرىش دېمەكتۇر.   

ئوغلۇم، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاتا-ئانىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى ھېس قىلىپ ئۇ ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراش، ئۇلارنى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى ھېس قىلىپ ئۇ ئىشلارنى قىلىپ سالماسلىقتۇر.

ئوغلۇم، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.

ئوغلۇم، ھەرقانداق ياخشى ئاتا- ئانا بالىلىرىنىڭ ئەقىدىلىك ۋە ئەدەپ- ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشىنى، ئاڭلىق ۋە ئىدىيەسى ساغلام بولۇشىنى، ئىلىم – مەرىپەتلىك بولۇشىنى، قارى بولۇشىنى، ياراملىق ئادەم بولۇشىنى، ئالىم بولۇشىنى، قارى بولىشىنى، سىياسىيون بولۇشىنى، لىدىر بولۇشىنى، ئىنژېنېر بولۇشىنى، ئىستىخباراتچى بولۇشىنى، مۇجاھىد ۋە قوماندان بولۇشىنى، جەمئىيەتشۇناس بولۇشىنى، تارىخچى بولۇشىنى، دوختۇر بولۇشىنى، ئىقتىسادشۇناس بولۇشىنى… ئۈمىد قىلىدۇ.

ئوغلۇم، ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاتا-ئانىنىڭ راھەت ئېلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشتۇر. ئۆيگە كەچ قالسىڭىز ئۇلارنى پەرىشان قىلىدىغان بولسا، ئۆيگە بۇرۇن قايتىپ ۋاقتىدا ئۇخلاش ياخشىلىقتۇر.  

ئوغلۇم، ياخشىلىق دېگەن ئاتا-ئانىنى ياشىنىپ قالغاندا، كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئېلىشتۇر.

ئوغلۇم، ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاتا-ئانىغا -گەرچە باي بولسىمۇ، پۇلغا ئېھتىياجى بولمىسىمۇ- پات-پات پۇل بېرىپ تۇرۇپ كۆڭلىنى ئېلىشتۇر. چۈنكى سىز ۋە سىزنىڭ تاپقان مال مۈلكىڭىز ئاتا-ئانىڭىزغا تەۋە. مال- مۈلكىڭىز ئۇلارنىڭ سىزنى تەربىيەلەش ئۈچۈن كېچىلىرى ئۇخلىماي تارتقان جاپاسى، چارچاشلىرى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرى ئاساسىدا ھاسىل بولغان.   

ئوغلۇم، ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاتا-ئانا چوڭ بولۇپ قالغاندا، خۇددى سىزنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن كىچىك ۋاقتىڭىزدا يىللارچە قولىڭىزدىن يېتىلەپ تەلەپ قىلغان نەرسىڭىزنى ئېلىپ بېرىپ، بوينىغا مىندۈرۈپ باققاندەك بېقىشتۇر ۋە ئۇلارنى دېگىنىنى قىلىپ بېرىپ خۇشال قىلىشتۇر.

ئوغلۇم، ياخشىلىق دېگەن ئاتا-ئانىغا قاپاق تۈرمەي ياكى قېيدىماي، تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق خۇرسەن قىلىشتۇر.

ئوغلۇم، ياخشىلىق دېگەن ئاتا- ئانىغا خىزمەت قىلىشتا قېرىنداشلار ئارا نۆۋەتلىشىپ ئولتۇرماي بەسلىشىپ خىزمىتىنى قىلىشقا ئالدىراشتۇر.

ئوغلۇم، ياخشىلىق دېگەن ئاتا- ئانا ھايات ۋاقتىدا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ياخشىلىقىنى قىلىۋېلىشقا ئالدىراشتۇر. ناۋادا ئۇلارنىڭ بىرى بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىغا ۋە جەننەت ئەھلىدىن بولۇشىغا ھەرنامازدا دۇئا قىلىشتۇر ۋە ئۇلار ھەققىدە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىپ قويۇشتۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

12.06.2024 كۈنى.