ئوغلىڭىزدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ
بەزىدە بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك بىر قىسىم خاتا قىلمىشلاردىن ساقلانماسلىق ياكى گەپ ئاڭلىماسلىق… ئەھۋالى ئادەمنى ھەقىقەتەن چارچىتىدۇ ۋە ھاردۇرۇپ قويىدۇ. ھەتتاكى، بۇ بالىدىن ئەمدى ئۈمىد قالمىدى دەپمۇ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئاللاھ ئۇ بالىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ ۋە ياراملىق ئادەم بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
شۇڭا، بالاغەتكە يەتكەن ئوغلىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ. چىرايلىق تەربىيە قىلىڭ، ھەر نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىڭ، مەسچىتكە بىرگە ئېلىپ چىقىڭ، ھەركۈنى ئاز بولسىمۇ قۇرئان ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلىڭ. ھەر ئىشتا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىڭ.
بالا ھەركۈنى قۇرئان ئوقۇشنى ۋە نامازنى تاشلىمىسىلا، ئۇزۇنغا قالماي نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ.
دۇئا قىلغاندا، ئى ئاللاھ! ئۆزلىرى بۇ بالىنىڭ ئەقلىنىڭ، قەلبىنىڭ، نەپسىنىڭ ئىگىسى.
بۇ بالىنىڭ ئەقلىنى ساغلام قىلسىلا،
قەلبىنى پاك قىلسىلا،
نەپسىنى شەھۋەت ۋە شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق قىلسىلا،
ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياراملىق پەرزەنت قىلىپ بەرسىلە،
بالامنى ئۆزلىرىگە تاپشۇردۇم دەپ دۇئا قىلىڭ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
1446- ھىجرىيە يېڭى يىلى، مۇھەررەم (1) ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى.