بالىلارغا ناماز ۋە ئىنتىزام ئۆگىتىشكە سەل قارىمايلى
بالىلارغا ئوغۇل بولسۇن، قىز بولسۇن 7 ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىش پەيغەمبەرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر. بۇ ياشتا ناماز باشلىغان بالىلار 10 ياشقا كىرگىچە نامازغا ئۆلچەملىك ئۆگىنىپ بولىدۇ ھەمدە چوڭ بولغاندىمۇ تاشلىمايدىغان بولىدۇ.
بالىنىڭ ناماز ئوقۇشنى توغرا ئۆگىنىشى ئۈچۈن يەتتە ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىشقا ۋە بىر قانچە سۈرىنى يادلىتىشقا توغرا كېلىدۇ.
شۇنىڭدەك 7 – 8 ياشقا كىرگەن بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا ھۇرۇن بولۇپ قالماسلىقى، ياكى ئىشقا بۇيرۇسا خۇش ياقمايدىغان مەسئۇلىيەتسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ياتقان ئورنىنى ياكى كارىۋىتىنى ئەتىگەندە قوپقاندا رەتلىتىش، ئۆزىنىڭ تاماق يېگەن چىنە -قاچىلىرىنى ئۆزلىرىگە يۇيدۇرۇپ ئادەتلەندۈرۈش، مەكتەپ سومكىلىرىنى، كىتاب-دەپتەرلىرىنى ۋە ئويۇنچۇقلىرىنى رەتلىك جايىدا قويدۇرۇش ھەمدە ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى ئۆزىگە قىلدۇرۇپ كۆندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
بۇنىڭغا سەل قارىغاندا، بالىلار باشقىلارغا يۆلىنىۋالىدىغان، ئىشتىن قاچىدىغان، ئۆينى ھەركۈنى قالايمىقان ۋە رەتسىز قىلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
قىز بالىلارغا 15 ياشقا كىرىپ بولغۇچە ئۆي رەتلەشنى، سۈپۈرۈپ تازىلاشنى، بىرقانچە تۈرلۈك تاماقلىرىمىزنى ئېتىشنى ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى كىچىك ۋاقتىدا رەتلىك ئىش قىلىشنى، ئۆينى رەتلىك ۋە پاكىز تۇتۇشنى ئۆگەنمىگەن قىزلار چوڭ بولغاندا، رەتلىك ئىش قىلمايدىغان، تاماق ئېتىشنى ئېغىر كۆرىدىغان ۋە ئىش قىلىشتا ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان بولۇپ چوڭ بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە تۇرمۇشقا چىققاندا خاپىلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.