ئۆلىمانىڭ تارازىسى
ئۆلىما ھەرقانداق مەسىلىگە قۇرئان- سۈننەتنىڭ مىزانى بىلەن قارىشى،
ئۆلىما ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى، ئىبادەتنىڭ ئاساسلىرى، ئەخلاقنىڭ ئاساسلىرى، شەرىئەتنىڭ يۈكسەك مەقسەتلىرى، شەرئى سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئاساسلىرىدا سۈلھى سالاغا كەتمەسلىكى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگەرمەس مەسىلىلەردە تالاش تارتىشقا ئورۇن بەرمەسلىكى،
ئۆلىما قۇرئان-سۈننەتنىڭ مىزانى بويىچە مەيدانىنى ئېنىق قىلىپ ياشىشى،
ئۆلىما قۇرئان-سۈننەتنىڭ مىزانى بويىچە ئەقىدىنى، ۋەتەننى ۋە مىللەتنى قوغداشنىڭ پەرزلىكىنى ۋە تاجاۋۇز ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئەقىدە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى مىللەتكە بىلدۈرۈشى،
ئۆلىما قۇرئان-سۈننەتنىڭ مىزانى بويىچە تاجاۋۇزچىلىققا دۇچ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى بايان قىلىشى ھەمدە مۇستەقىللىقتىن باشقا يولنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈشى ۋە مىللەتنى مۇشۇ ئاساستا تەربىيەلىشى،
ئۆلىما مەيدانىنى، پەتىۋاسىنى ۋە كۆزقارىشىنى قۇرئان-سۈننەتنىڭ مىزانى ۋە پايدا- زىياننى سېلىشتۇرۇش تارازىسى بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشى،
ئۆلىما قۇرئان-سۈننەتنىڭ تارازىسى بويىچە شاھمات تاختىسىدىكى پېچكە ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشىنى رەت قىلىشى ھەمدە مۇستەقىل مەيدانىنى ساقلاپ قېلىشى،
ئۆلىما ئىلغار ۋە ساغلام پىكىرلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق كۈنسېرى ھەرقايسى جەھەتتىن چېچىلىپ كېتىۋاتقان مىللەتنى ساغلام يولغا يېتەكلىشى ۋە ساغلام ئانا يول ئاساسىدا ئورتاق نۇقتىلار ئەتراپىغا جۇغلىشى،
ئۆلىما قۇرئان-سۈننەتنىڭ مىزانى بويىچە مۇستەقىل پىكىر قىلىشى، ھەقنى بايان قىلىشتا جۈرئەتلىك بولۇشى، پىكىر بايان قىلىشتا ياكى كۆزقارىشىنى ئىپادىلەشتە بىرەر سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالماستىن مەيدانى مۇستەقىل بولۇشى… لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
01.06.2024 كۈنى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
دەۋەت بىلەن سىياسىي پائالىيەت ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق
دەۋەت يولىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار
ئۆلىمانىڭ ۋەزىپىسى