2025-يىل 27-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي ماقالىلىرى

CREATOR: gd-jpeg v1.0 (using IJG JPEG v62), quality = 90

دەۋەت يولىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار

دەۋەت يولىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار

بۈگۈنكى بىر قىسىم دەۋەتچىلەر ۋە ۋائىزلارنىڭ دەۋەت قىلىش ئىدىيەسىدىكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك بىر قىسىم خاتالىقلار:  

1. ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىنى، قىممەت قاراشلىرىنى بىلمەسلىك ۋە زاھىرىي چۈشەنچە ئېلىش.

2. ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشچان دائىرىلەرنى ئايرىماسلىق.

3. ئىسلام تەسەۋۋۇرىنى قۇرۇپ چىقىشتا ئەقىلنىڭ رولى ۋە بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئەھمىيىتىدىن غاپىل قېلىش.

4. ئىسلام پىكرى ۋە ئىسلام مېتودىنىڭ مەنبەلىرىدىن غاپىل قېلىش.

5. شارائىتقا رىئايە قىلماستىن ھۆكۈملەرنى قىيىنلاشتۇرۇشقا مايىل بولۇش.

6. ئىش-ھەرىكەتلەردىكى ئەۋزەللىك ئۇقۇمى ۋە شەرئى ھۆكۈملەرنىڭ دەرىجىلىرىدىن غاپىل قېلىش.

7. رېئاللىق ئۇقۇمىنى، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپ ئىش قىلىش ئۇقۇمى، پايدا-زىياننى سېلىشتۇرۇش ئۇقۇمى ۋە تەدرىجىي ھەرىكەت قىلىش ئۇقۇمىغا رىئايە قىلماسلىق ياكى بىلمەسلىك.

8. ئىسلامغا دەۋەت قىلىشتا رىغبەتلەندۈرۈشنى ئەمەس، قورقۇتۇشنى ئاساس قىلىش.

9. ئاشقۇنلۇق ياكى سۇسلۇق قىلىش پىكىرىگە مايىل بولۇش ئارقىلىق ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىش.

10. ئىجتىھادى مەسىلىلەردە مۇجتەھىدلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭماي، بىلەرمەنلىك قىلىپ مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىش.

11. كاپىرلارنى تۈرگە ئايرىماستىن ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋېلىش.

12. جىھاد دائىرىسىنى تارايتىۋېتىش ۋە ئالىملارغا ئىتائەت قىلماسلىق.

13. سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىش ئارقىلىق غەلىبىگە دەۋەت قىلماستىن، جەڭ قىلىش پەرز بولمىغان يەرلەردە شېھىتلىككە چاقىرىپ مەغلۇبىيەت ياكى ئۆلۈمگە تەشەببۇس قىلىش.

 شۇنى بىلىش كېرەككى، شېھىت بولۇش ۋاسىتە، غەلىبە قىلىش مىللەت ياكى ئۈممەتنىڭ بۈيۈك نىشانى. ئەسلى مەقسەت غەلىبە قىلىپ ئىسلامنى كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىززىتىنى قوغداش، شېھىت بولۇش غەلىبە يولىدا دۇچ كەلگەن قوشۇمچە مەقسەت.

شۇنىڭ ئۈچۈن غەلىبە قىلىش ئىدىيەسىنى شېھىت بولۇش ئىدىيەسىنىڭ ئالدىدا قويۇش لازىم.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2018- يىلى