تېلېفوننىڭ بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى
تورغا باغلانغان تېلېفون ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق نەرسىلەرنى كۆپ ئىشلىتىش بالىلارنىڭ دەرستىكى زېھنىنى چېچىۋېتىدۇ، تېلېفونلاردىكى كۆك نۇر بالىلارنىڭ مېڭىسىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان قىلىدۇ، كۆزىنىڭ كۆرۈش نۇرىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، كۆز سۈيىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، باش، بويۇن ۋە بارماقلارنىڭ ئاغرىشىغا ئېلىپ بارىدۇ، بىلىم مەرىپەتنىڭ ئاساسىي بولغان كىتاب ئوقۇشتىن چىقىرىپ قويىدۇ، ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئەقلىي تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بالىنىڭ ئائىلىسى بىلەن تەبىئىي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە كۆرىدىغان ۋە ئوينايدىغان نەرسىلىرى كونترول قىلىنمىسا، بالىنىڭ ئەقىدىسىنى ۋە ئەخلاقىنى بۇزۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ.
ئەقىللىق تېلېفون بالىلارنى تەبىئىي ھاياتتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئويناشنى خالىمايدىغان ياۋايى قىلىپ قويىدۇ، خىيالى تور دۇنياسىدا سائەتلەپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ھۇرۇن، مەسئۇلىيەتسىز، غايىسىز، چېچىلاڭغۇ، قەلبى قاتتىق ۋە ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان شەخسىيەتچى… قىلىپ قويىدۇ.
ئىلمىي ئىزدىنىشلەرگە ئاساسەن ئىككى ياشقا توشقان بالىغا كۈندە بىر سائەتتىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. بەش ياشقا توشقاندا، يېرىم سائەتتىن بۆلۈپ ئىككى سائەت تېلېۋىزور كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن.
ئەمما ئالتە ياشقا قەدەر كىچىك بالىلارغا خاپا سالدى دەپ تېلېفون تۇتقۇزۇپ قويۇش، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ، جىسمىغا، ئەقلىگە، ئەخلاقىغا ۋە تەبىئىي ئويناپ چوڭ بولۇشىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن.
بالا 12 ياشقا كىرمىگۈچە ئەقىللىق تېلېفون ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنسا توغرا بولمايدىكەن. 12 ياشلىق بالىغا رۇخسەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ دەرسلىرىنى تولۇق ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن 30 مىنۇتتىن ئارتۇق رۇخسەت قىلىنماسلىق كېرەك ئىكەن. ھەپتە ئىچى رۇخسەت قىلىنماي ھەپتىنىڭ ئاخىرى رۇخسەت قىلىنسا تېخى ياخشى بولىدۇ.
14 ياشقا كىرگەن بالىلارغا كۈندە بىر سائەتتىن ئارتۇق رۇخسەت قىلىنسا بولمايدىكەن…
بۇ سەۋەبتىن، بالا ساغلام ئائىلە تەربىيەسى كۆرسۇن، ئەقىدىسى ۋە ئەخلاقى بۇزۇلمىسۇن، ئوقۇشى ياخشى بولسۇن، پىسخىكىسى ئۆزگىرىپ كەتمىسۇن دېگەن كىشىلەر مۇمكىن بولغان مۇددەتچە بالىنى تېلېفون ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق نەرسىلەردىن ئۇزاق تۇتۇشقا تېرىشىشى ھەمدە تۆەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى مۇھىم:
1. بالىلارنىڭ پىسخىكىسى، ئەقلىي ۋە ئەخلاقى بۇزۇلمىسۇن دېگەنلەر بالىلارغا ئەڭ بالدۇر بولغاندا تولۇقسىزنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، ئەقىللىق تېلېفون ئېلىپ بەرمەڭ. مۇمكىن بولسا ئالى مەكتەپكە چىققاندا تېلېفون بەرسىمۇ كىچىكمەيدۇ.
2. بالا 16 ياكى 18 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلماسلىق ۋە تېلېفونىنى كونترول قىلىپ تۇرۇش.
3. مەكتەپكە ئەقىللىق تېلېفون كۆتۈرۈپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق.
4. بالىلارنى ئوغۇل- قىز بولسۇن پىسخىكىسىنى، ئەقلىنى ۋە ئەخلاقىنى ساغلام تۇتۇش ئۈچۈن ئائىلە ئىشلىرىغا سېلىپ كۆندۈرۈش، مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن قۇرئان كۇرسىغا ئەۋەتىش، رەسىم سىزدۇرۇش، ھېكايە ئوقۇتۇش، ھەرخىل تىللارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش، توپ ئوينىتىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش كۇلۇبىغا ئەۋەتىش… ئارقىلىق ۋاقتىنى بوش قويماي، ئېلېكتىرونلۇق نەرسىلەردىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا تېرىشىش.
5. باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تېلېفونى بار ئىكەن، بالام باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمىسۇن دەپ قاراش توغرا ئەمەس. چۈنكى بالا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى، ئۇنىڭ نورمالدا تېلېفونغا ئېھتىياجى يوق.
6. باشلانغۇچ باسقۇچىدا بالىلارنىڭ تېلېفوندىن پايدىلىنىپ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يول قويماسىلىق كېرەك. چۈنكى تېلېفوندىن پايدىلىنىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان بالىلار ئەقلىنى كۆپ ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ماتېماتىكىدا ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي