سېنىڭ داداڭچۇ؟
تور دۇنياسىدىكى مەلۇماتلار ۋە ئىزدىنىشلەرگە قارىغاندا، زامانىمىزدىكى بالىلارنىڭ ياش، زامان ۋە مۇھىت پەرقى بويىچە دادىسىغا قارىتا كۆزقاراشلىرى ھەرخىل بولىدىكەن.
سىزنىڭ بالاغەت يېشىغا يەتكەن بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، دادىڭىزنىڭ سىزدىن نامازنى تاشلماسلىق، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇش، ئەخلاققا دىققەت قىلىش، يامان بالىلار بىلەن ئارىلاشماسلىق، تېلېفون ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردە گۇناھ خاراكتېرىدىكى نەرسىلەرنى كۆرمەسلىك… ھەققىدىكى تەلەپلىرىگە قارىتا كۆزقارىشىڭىز قانداق؟
سىزچە دادىڭىز سىزدىن بىر نەرسىنى قىلىشنى ياكى قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان بولسا، سىزنىڭ پايدىڭىز ئۈچۈن تەلەپ قىلامدۇ؟ ياكى سىزنىڭ زىينىڭىز ئۈچۈن تەلەپ قىلامدۇ؟
ئەلۋەتتە، ئەقلى ھوشى جايىدا بولغان مەسئۇلىيەتچان ھەرقانداق بىر دادا بالىسىنىڭ ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشىنى، ئىلىملىك ۋە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى، ئۆزىدىن ئىلغار ئاڭلىق ۋە ساپالىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە شۇنىڭغا ھەرىكەت قىلىدۇ.
ئەمدى بالىلارنىڭ پاراڭلىرى ۋە ھېكايىسىغا كېلەيلى.
بىر بالا: دادام ھاياتىمنىڭ تۈۋرۈكى، قەھرىمانى، يۆلەنچۈكى، پاناھگاھى، قورغىنى، ئۇستازى، سەمىمىي دوستى ۋە ئارزۇ- ئارمانى… دەپتۇ ۋە باشقىلاردىن سېنىڭ داداڭچۇ؟ دەپ سوراپتۇ.
سېنىڭ داداڭچۇ؟ دېگەن بۇ سوئالغا بالىلار ياش پەرقى بويىچە تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىپتۇ:
تۆت ياشقا كىرگەندە: مېنىڭ دادام ھەممىدىن ئەۋزەل، ھەممىدىن نوچى.
ئالتە ياشقا كىرگەندە: مېنىڭ دادام ھەممە ئىشنى بىلىدۇ ۋە ھەممە كىشىلەرنى تونۇيدۇ.
10 ياشقا كىرگەندە: مېنىڭ دادام نوچى، لېكىن بىر ئاز ئاچچىقى يامان.
12 ياشقا كىرگەندە: مېنىڭ دادام كىچىك ۋاقتىمدا بەك مېھرىبان ئىدى.
14 ياشقا كىرگەندە: مېنىڭ دادام بەزى مەسىلىلەرگە بەك سەزگۈرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.
16 ياشقا كىرگەندە: دادام ھازىرقى زامان بىلەن ماسلىشالمايدۇ.
18 ياشقا كىرگەندە: دادام بەزى ئىشلارغا قارىتا كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.
20 ياشقا كىرگەندە: دادام بىلەن مۇئامىلە قىلماق تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. دادام مېنى بەك چىڭ تۇتىۋاتىدۇ.
25 ياشقا كىرگەندە: دادام ھەممە ئىشقا ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.
30 ياشقا كىرگەندە: دادام بىلەن بىر پىكىرگە كېلىش بەك تەس. بوۋام دادامنىڭ ياش ۋاقتىدا بەك چارچاپ كەتكەن بولغىيمىتى!
35 ياشقا كىرگەندە: دادام مېنى بۇ ھاياتتا ئەخلاقلىق، قائىدىلىك ۋە پىرىنسىپچان قىلىپ تەربىيلىگەن، مەنمۇ بالىلىرىمنى شۇنداق تەربىيە قىلىشىم كېرەك.
40 ياشقا كىرگەندە: مەن ھەيران، دادام ھەممىمىزنى قانداق تەربىيەلەپ بولغان بولغىيتتى !
45 ياشقا كىرگەندە: بالىلىرىمنى باشقۇرماق بەك تەسلىشىپ كەتتى. دادام بىزنى تەربىيەلەيمەن ۋە ئاسرايمەن دەپ قانچىلىك جاپا تارتقان بولغىيتتى!
50 ياشقا كىرگەندە: دادام يىراقنى كۆرىدىغان ئىنسان ئىكەن، بىزنى دەپ بىرقانچە تۈرلۈك پىلانلارنى تۈزۈپتىكەن. دادام ئىلغار ۋە مېھرىبان ئىنسان ئىدى، ئۇ ھەممىدىن ئىلغار ئىنسان ئىدى!.
دېمەك، بالا تۆت ياشلىق ۋاقتىدا دادام ھەممىدىن ئەۋزەل ئىدى دېگەنىدى. يەنە شۇ چۈشەنچىگە كېلىش ئۈچۈن 50 يىل ۋاقىت كەتتىمۇ؟
قەدىردان بالىلار، كىمنىڭ دادىسى ھايات بولسا، دادىسىنىڭ قەدرىنى بىلسۇن، دادىسىنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن قانچىلىك جاپا چېكىدىغانلىقىنى بىلسۇن.
كىمنىڭ دادىسى ھايات بولسا، دادىسىنى خاپا سالمىسۇن، دادىسى كۆرسەتكەن يولدا ماڭسۇن، دادىسى ئوقۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەندە، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئوقۇۋالسۇن، ئىلىملىك ۋە ياراملىق ئادەم بولۇپ دادىسىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېرىشسۇن. تۇرمۇش ئىشلىرىدا دادىسىدىن كۈچى يەتمەيدىغان تەلەپلەرنى قىلمىسۇن، دادىسىغا ئىچى ئاغرىسۇن ۋە چىقىمنى ئازايتىپ دادىسىغا يار يۆلەك بولسۇن.
كىمنىڭ دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلسۇن، ئۇنىڭ ھەققىدە چوڭ- چوڭ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلسۇن ۋە ئۇنىڭ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنسۇن…
قەدىردان بالىلار، ئاخىردا سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، بىز ئاتا-ئانىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولساق، بالىلىرىمىز بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. سىلەر ئاتا-ئاناڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. سىلەر ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلىپ چوڭ بولساڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلاردىن چىقماي چوڭ بولىدۇ. سىلەر ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي بەڭباشلىق قىلىپ، خاپا سالساڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەرنى خاپا سالىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى…
شۇنداقتىمۇ بالىلىرىمىزنىڭ بىزگە بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىزغا قىلغان مۇئامىلىمىزدىن ياخشىراق مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم بولۇشىنى جانابى ئاللاھ تائالادىن تىلەيمىز.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.