ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان دېيىشتىن ئەنسىرەيدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى كۈتۈپ ياتقانلار توغرىسىدا بىر قانچە تۈرلۈك مۇلاھىزە
1. بەزىلەر ۋەتىنىم «شەرقىي تۈركىستان » دېيىشتىن ئەنسىرەپ تۇرۇپ، ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان مۇستەملىكىچىنىڭ زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇشنى مۇمكىن دەپ قارامدىغاندۇ؟
2. ۋەتەننىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشەنچ ۋە ئىرادە تۇرغۇزماي تۇرۇپ، بۇ كۈرەشتە نەتىجە قازانغىلى بولامدۇ؟
3. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى پاش قىلىش، ياكى شىكايەت قىلىش، ياكى ئىمزا توپلاش ھەرىكەتلىرى «شىنجاڭ» نامى بىلەن بولسا توغرا بولامدۇ؟ ياكى شەرقىي تۈركىستان نامى بىلەنمۇ؟ بۇنى ئېنىق بېكىتىش مۇھىم.
4. باشقىلارغا ئەرز سۇنۇش ۋە دەرد تۆكۈش ۋاسىتىسىنى قانداق قىلغاندا خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش غايىسى ئۈچۈن پايدىلانغىلى ياكى خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟
5. خىتاينىڭ زۇلۇمىنى پاش قىلىش، ياكى شىكايەت قىلىش خىتيانىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ ياكى زۇلۇمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈنمۇ؟
6. بۇ مۇلاھىزىلەر ھەرگىزمۇ ئىمزا توپلاش، زۇلۇمنى پاش قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى پايدا قىلمايدۇ دېگەنلىكنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى بۇ مەسىلىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ۋە كۈرەش نىشانىنى توغرىلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلە بار:
1. مۇستەملىكىچىنىڭ قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى پاش قىلىش، ياكى شىكايەت قىلىشنى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر ۋاسىتىسى دەپ قاراش توغرا ئەمەس، مەسئۇلىيەت بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ.
2. خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى پاش قىلىۋاتقان ۋە ئىمزا توپلاۋاتقان قېرىنداشلار تەشكىلات ساھىبلىرى ۋە باشقا جىددىي خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر ھەققىدە تاپا-تەنە قىلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى خىزمەت قىلىشىنىڭ يوللىرى ۋە ۋاسىتىلىرى تۈرلۈك بولىدۇ.
3. مەن ۋە ئائىلەم بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلسا بولدى، دەپ كۇپايىلىنىپ قېلىپ، مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ ئازاد بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت ۋە ئېغىر كىرىزىستۇر.
4. مىللەت بىر تۇتاش زۇلۇمدىن قۇتۇلسا، تۇغقانلىرىمىز زۇلۇمدىن قۇتۇلىدۇ، مىللەت ۋە ۋەتەن قۇتۇلالمىسا، تۇغقانلىرىمىز زۇلۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.
5. مۇستەقىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرمەي ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىنى جانلاندۇرماي تۇرۇپ، مۇستەملىكىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپتە مۇستەملىكىنى رەت قىلىش، مۇستەقىل بولۇش ئىدىيەسىنى تىكلەش، ئاندىن تىل، قەلب ۋە ھەرىكەتلىرىمىزدە مۇستەقىل بولۇشقا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد باغلاش كېرەك.
مۇستەقىللىق ئېڭى ۋە دۆلەت ئىدىيەسى قەلبتە تۇرغۇزۇلسا، ئاندىن رېئال ھاياتتا ئەمەلىيلىشىدۇ.
6. ئۆزىمىز كۈچىمىز يەتكەن دائىرىدە ھەرىكەت قىلماي تۇرۇپ، ساغلام ئىدىيە ئاساسىدا كۈچلۈك مىللىي بىرلىكسەپ ھەرىكىتى شەكىللەندۈرەلمەي تۇرۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ياردەم قىلىشىنى، ياكى ئازاد قىلىپ قويۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش ساختا مۇسۇلماندارچىلىق، ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەن ئالدىكى مەجبۇرىيەتتىن قاچقانلىقتۇر…
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي
2018- سېنتەبىر .
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
ساغلام سىياسىي ھەرىكەت خەرىتىسى
مۇسۇلماننىڭ ھەرىكەت قىلىش ئۆلچىمى
تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي قانداق پۇختلىنىدۇ؟